خەلق تورى ، بېيجىڭ 12–سېنتەبىر تېلېگراممىسى : مەركىزىي مېتېئورولوگىيە ئىستانسىسىنىڭ ئالدىن مەلۇمات قىلىشىچە ، كەلگۈسى بىر ھەپتىدە ، سوغۇق ھاۋا ئېقىمى ئېلىمىزگە تەسىر كۆرسىتىپ ، ئېلىمىزنىڭ غەربىي شىمال رايونى ، ئىچكى مۇڭغۇل ، شىمالىي جۇڭگونىڭ شىمالىي ، ئېلىمىزنىڭ شەرقىي شىمال رايونلىرىدا بورانلىق ، تۆۋەن تېمپېراتۇرىلىق ، قار–يامغۇرلىق ھاۋا رايى كۆرۈلىدىكەن . 13–سېنتەبىر ، سوغۇق ھاۋا شىنجاڭغا ھۇجۇم قىلىدىكەن . مەركىزىي مېتېئورولوگىيە ئىستانسىسىنىڭ مۆلچەرلىشىچە ، 12–سېنتەبىر كېچىدىن 13–سېنتەبىر كۈندۈزگىچە ، شىنجاڭنىڭ شىمالىدىكى قىسمەن رايونلاردا تېمپېراتۇرا ℃8 دىن ℃12 قىچە تۆۋەنلەيدىكەن ، 5 بالدىن 7 بالغىچە بوران چىقىدىكەن ، بوران ئېغىزلىرىدا 8 بالدىن 10 بالغىچە بوران چىقىدىكەن ، قىسمەن رايونلاردا ئازراق ياكى ئوتتۇراھال قار ياكى يامغۇر ياغىدىكەن ، بەزى قىسمەن رايونلاردا قېلىن قار ياغىدىكەن .
12–سېنتەبىر ، شىنجاڭ سوغۇق ھاۋا ئېقىمىنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىغان تۇنجى بېكەت بولۇپ قالدى . سوغۇق ھاۋا ئېقىمىنىڭ تەسىرىدە ، 12–سېنتەبىر سائەت 14 دە ، شىنجاڭنىڭ شىمالىدىكى رايونلاردا تېمپېراتۇرا كۆرۈنەرلىك تۆۋەنلەپ ، ئالدىنقى كۈندىكىنىڭ ئوخشاش مەزگىلىگە سېلىشتۇرغاندا ℃4 دىن ℃8 قىچە تۆۋەنلىدى ، قىسمەن رايونلاردا تېمپېراتۇرانىڭ تۆۋەنلەش دەرىجىسى ℃10 دىن ئېشىپ كەتكەن بولۇپ ، بۇنىڭ ئىچىدە جېمىنەي ناھىيەسىدە تېمپېراتۇرا ℃16 تۆۋەنلىدى .
نۆۋەتتە ، سوغۇق ھاۋا ئېقىمى پەقەت شىنجاڭغىلا ھەيۋە كۆرسەتكەن بولۇپ ، ئېلىمىزنىڭ شىمالىدىكى باشقا رايونلاردا سوغۇق ھاۋا يېتىپ كېلىشتىن ئىلگىرى تېمېپراتۇرا يەنىلا داۋاملىق ئۆرلىگەن . 12–سېنتەبىر سائەت 14 گىچە ، گەنسۇ ، ئىچكى مۇڭغۇل ، شىمالىي جۇڭگو ھەمدە ئېلىمىزنىڭ شەرقىي شىمالىدىكى كۆپ قىسىم رايونلاردا تېمپېراتۇرا ئالدىنقى كۈنگە سېلىشتۇرغاندا ℃1دىن ℃3 قىچە ئۆرلىگەن . بېيجىڭ ، تيەنجىن ، خېبىينىڭ كۆپ قىسىم رايونلىرىدا تېمپېراتۇرا ئوتتۇرىچە ℃30 دىن ئېشىپ كەتكەن . 13–سېنتەبىر ، شىمالىي جۇڭگو ، شەرقىي شىمال قاتارلىق رايونلاردا ھاۋا ئوچۇق بولۇپ ، تېمېپراتۇرا ئازراق ئۆرلەيدىكەن .

مۆلچەرلىنىشچە ، كەلگۈسى ئىككى كۈندە ، سۇبتروپىك يۇقىرى بېسىمى تەدرىجى غەربكە قاراپ كېڭىيىپ ، جياڭنەن ، جەنۇبىي جۇڭگودا تېمپېراتۇرا يەنە ئۆرلەيدىكەن . بولۇپمۇ 15–سنتەبىر ، فۇجيەننىڭ كۆپ قىسىم رايونلىرى ، گۇاڭدۇڭنىڭ شەرقىي قاتارلىق رايونلاردا يەنە يۇقىرى تېمپېراتۇرلىق ھاۋا رايى كۆرۈلۈپ ، تېمېپراتۇرا ℃35 ئەتراپىدا بولىدىكەن . مەركىزىي مېتېئورولوگىيە ئىستانسىسىنىڭ مۆلچەرلىشىچە ، كەلگۈسى ئۈچ كۈندە ، سىچۈەن ئويمانلىقىنىڭ جەنۇبىي ، يۈننەننىڭ غەربىي ۋە جەنۇبى قاتارلىق رايونلاردا قاتتىق يامغۇر ياغىدىكەن ، قىسمەن رايونلىرىدا قارا يامغۇر ياغىدىكەن .