ھازىرقى ئورنىڭىز: باش بەت>خەۋەرلەر>شىنجاڭ>

شىنجاڭ مۇسۇلمانچە تائاملىرى جىنىس دۇنيا رىكورتى ياراتتى

2010-يىلى09-ئاينىڭ14-كۈنىمەنبە:تەڭرىتاغ تورى تەھرىر: ئايگۇل چېكىلىشى:قىتىم
     20–نۆۋەتلىك جۇڭگو ئاشپەزلەر بايرىمى ۋە تۇنجى نۆۋەتلىك مۇسۇلمانچە تائام مەدەنىيىتى بايرىمىنىڭ شىنجاڭ مۇسۇلمانچە تائاملىرى جىنىس دۇنيا رىكورتى پائالىيىتى 11–سېنتەبىر ئۈرۈمچى قىزىلتاغ باغچىسىدا ئۆتكۈزۈلدى . پائالىيەتكە كەلگەنلەر بۇ جىنىس دۇنيا رىكورتىنى
  
     20–نۆۋەتلىك جۇڭگو ئاشپەزلەر بايرىمى ۋە تۇنجى نۆۋەتلىك مۇسۇلمانچە تائام مەدەنىيىتى بايرىمىنىڭ شىنجاڭ مۇسۇلمانچە تائاملىرى جىنىس دۇنيا رىكورتى پائالىيىتى 11–سېنتەبىر ئۈرۈمچى قىزىلتاغ باغچىسىدا ئۆتكۈزۈلدى . پائالىيەتكە كەلگەنلەر بۇ جىنىس دۇنيا رىكورتىنىڭ يارىتىلىشنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرۈش بىلەن بىرگە يەنە بۇ تائاملارغا ئېغىز تەگدى .    
 
 
ئەڭ چوڭ نان
 
    ئابلاجان نانلىرى چەكلىك شىركىتى دىئامېتىرى 2.2 مېتىر كېلىدىغان دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ نان يېقىپ بۇ پائالىيەتكە قاتناشتۇردى . ئىگىلىنىشچە ، ئابلاجان نانلىرى چەكلىك شىركىتى 1–ئاۋغۇستتىن باشلاپ ناندىن جەمئىي 13 نى ياغقان بولۇپ ، بۇنىڭ ئىچىدە ئۈچى مۇۋەپپەقىيەتلىك بولغان . پائالىيەتكە قاتناشتۇرۇلغىنى بۇنىڭ ئىچىدىكى ئەڭ ياخشىسى ئىكەن .
 
 
ئەڭ چوڭ تۆگە كاۋىپى
 
    جاڭ يۈەنسۇڭ يېڭى قورۇما تەتقىقات ئۇيۇشمىسى 280 كىلوگىرام كېلىدىغان تۆگە كاۋىپى پىشۇرۇپ پائالىيەتكە قاتناشتۇردى . 
 
 
ئەڭ ئۇزۇن كاۋاپ پۇشۇرۇلغان كاۋاپدان
 
   پائالىيەتتە ماي گۈلى تائام مەدەنىيىتى چەكلىك شىركىتى ئۇزۇنلۇقى 67.27 مېتىر كېلىدىغان كاۋاپداندا كاۋاپ پىشۇردى .
 
 
ئەڭ چوڭ قازاندا پۇشۇرۇلغان پولو
 
 
پولو پۇشۇرۇلغان ئوچاق
 
    ماي گۈلى تائام مەدەنىيىتى چەكلىك شىركىتى چوڭ قازاندا پولو ئېتىپ پائالىيەتكەن قاتناشتۇردى . ئىگىلىنىشچە ، بۇ پولوغا 600 كىلوگرام گۈرۈچ ، 700 كىلوگرام سەۋزە ، 600 كىلوگرام قوي گۆشى ، 600 كىلوگرام سۇ ، 200 كىلوگرام ماي كەتكەن بولۇپ ، 20 مىڭ ئادەم ئېغىز تەگكۈزگەن .
 
 
ئەڭ چوڭ توخو قوردىقى
 
 شىنجاڭ بىرىنچى چوڭ تەخسە يېمەك–ئىچمەك چەكلىك شىركىتى ئەڭ چوڭ تەخسىدە توخو قوردىقى ئېلىپ چىقىپ مۇسابىقىگە قاتناشتۇردى .
 
 
كاۋاۋىچىن تەملىك توخو
 
    بودەك بوۋاي مۇسۇلمانچە يېمەك–ئىچمەك باش دۇكىنى چوڭ تاۋاقتا كاۋاۋىچىن تەملىك توخو پىشۇرۇپ پائالىيەتكە قاتناشتۇردى . 
      
( مۇھەررىر : ئالىمجان )
خەۋەر ئورتاقلاشقاندا تەرجىمە ئورگىنال مەنبەسىنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ، رەھمەت!