ھازىرقى ئورنىڭىز: باش بەت>خەۋەرلەر>تەنتەربىيە>

ئاپتونوم رايونلۇق 7 - نۆۋەتلىك ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەنئەنىۋى تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ ماھارەت كۆرسىتىش تۈرلىرى قىزىپ كەتتى

2010-يىلى09-ئاينىڭ15-كۈنىمەنبە:تەڭرىتاغ تورى تەھرىر: ئايگۇل چېكىلىشى:قىتىم
  قوشقار سوقۇشتۇرۇش     ئىت تالاشتۇرۇش        ئىختىيارىي مۇخبىرلىرىمىز ئابلىمىت ئابلىز ، رىزۋانگۈل ھەسەنلەر خەۋىرى : 12–سېنتەبىر چۈشتىن بۇرۇن ، ئاپتونوم رايونلۇق 7–نۆۋەتلىك ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەنئەنىۋى تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ توخو سوقۇشتۇرۇش ، ئىت تالا
  
 
قوشقار سوقۇشتۇرۇش
 
 
ئىت تالاشتۇرۇش
 
 
   ئىختىيارىي مۇخبىرلىرىمىز ئابلىمىت ئابلىز ، رىزۋانگۈل ھەسەنلەر خەۋىرى : 12–سېنتەبىر چۈشتىن بۇرۇن ، ئاپتونوم رايونلۇق 7–نۆۋەتلىك ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەنئەنىۋى تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ توخو سوقۇشتۇرۇش ، ئىت تالاشتۇرۇش ، قوشقار سوقۇشتۇرۇش تۈرلىرى قومۇل شەھىرى مىللىي تەنتەربىيە مەيدانىدا باشلاندى .

  ئالتە تۇياق قوشقار ئىگىلىرى تەرىپىدىن ئىلگىرى–كېيىن مەيدانغا ئېلىپ كىرىلىپ ، رەقىبلىرى بىلەن ئۇدۇلمۇ ئۇدۇل تۇرغۇزۇلدى . مۇسابىقە باشلانغانلىقى جاكارلىنىش بىلەن تەڭ ئىككى قوشقار بىر–بىرىگە قارىتىپ قويۇپ بېرىلدى . ئۇلار ئارقىغا ئازراق چېكىنىپ تەييارلىق كۆرۈۋالغاندىن كېيىن ، بىر–بىرىگە قاراپ غەزەپ بىلەن ئېتىلىپ بېرىپ ئۈسۈشتى . نەچچە مەرتەم ئېلىشىش ئارقىلىق رەقىبى تەسلىم بولغاندىلا ياكى يارلانغاندىلا ئاندىن مۇسابىقە توختىدى .

    توخو سوقۇشتۇرۇش ، ئىت تالاشتۇرۇش مۇسابىقىلىرىمۇ ئوخشاشلا كەسكىن ئېلىپ بېرىلدى . مەخسۇس تەربىيەلەنگەن توخۇلارنىڭ قامىتى چوڭ ، بوينى ئۇزۇن ، تىرناقلىرى ئۆتكۈر بولۇپ ، مۇسابىقە مەيدانىدا قاتتىق ئېلىشىپ بىر تەرەپ قاچقانغا قەدەر مۇسابىقىلەشتى .

    بۇ نۆۋەتلىك ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەنئەنىۋى تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدە سەككىز تۈردە ئويۇن كۆرسىتىلىدىغان بولۇپ ، تۇنجى كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن قوشقار سوقۇشتۇرۇش ، توخو سوقۇشتۇرۇش ، ئىت تالاشتۇرۇش مۇسابىقىلىرى ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ ئۇزاقتىن بۇيان داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان ئەنئەنىۋى پائالىيەتلىرىدۇر . 

مۇھەررىر: ئالىمجان

خەۋەر ئورتاقلاشقاندا تەرجىمە ئورگىنال مەنبەسىنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ، رەھمەت!