ھازىرقى ئورنىڭىز: باش بەت>خەۋەرلەر>خەلقئارا>

ئامېرىكىنىڭ زادى قانچىلىك يادرو قورالى بار ؟

2010-يىلى05-ئاينىڭ04-كۈنىمەنبە:شىنخۇا تورى تەھرىر: ئادىل چېكىلىشى:قىتىم
ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىكى 3-ماي كۈنى مۇھىم ئاخبارات ئېلان قىلىپ ، نۆۋەتتە ئىگە بولغان يادرو قوراللىرىنىڭ كۆلىمى ۋە نىسبىتىنى ئاشكارىلىدى . يەنى ھازىر ئامېرىكىدا 5113 دانە يادرو ئوق بېشى ۋە نەچچە مىڭ دانە براك قىلىنغان يادرو ئوق بېشى بولۇپ ، بۇ
  
ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىكى 3-ماي كۈنى مۇھىم ئاخبارات ئېلان قىلىپ ، نۆۋەتتە ئىگە بولغان يادرو قوراللىرىنىڭ كۆلىمى ۋە نىسبىتىنى ئاشكارىلىدى . يەنى ھازىر ئامېرىكىدا 5113 دانە يادرو ئوق بېشى ۋە نەچچە مىڭ دانە براك قىلىنغان يادرو ئوق بېشى بولۇپ ، بۇ بەش بۇرجەكلىك بىنانىڭ تۇنجى قېتىم يادرو قوراللىرىنىڭ سانىنى رەسمىي ئاشكارىلىشى ئىكەن . يېرىم ئەسىردىن بۇيان بۇ سانلىق مەلۇماتلار دۆلەتنىڭ ئەڭ يۇقىرى مەخپىيەتلىكى ، دەپ قاراپ كېلىنگەن .
دوكلاتتا ئاشكارىلانغان يادرو ئوق بېشى سانى يەنە يادرو قورال ئامبىرىدىكى <غەيرىي ئۇرۇش ھالىتى>دىكى يادرو قوراللىرىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان بولۇپ ، بۇ سان تېخى 60-70 يىللاردىكى <سوغۇق ئۇرۇش> مەزگىلىدىكىدىن 84 پىرسەنت ئازايغان . <سوغۇق ئۇرۇش> باشلانغاندىن تارتىپ تاكى بېرلىن تېمى ئۆرۈلگىچە ، ئامېرىكا جەمئىي 31225 دانە يادرو ئوق بېشىنى رەسمىي ئۇرۇش ھالىتىدە تەييارلاپ قويغان .
خەۋەر ئورتاقلاشقاندا تەرجىمە ئورگىنال مەنبەسىنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ، رەھمەت!