ئەنگىلىيە دوختۇرلىرى O قان تىپىنى A قان تىپى دەپ خاتا دىئاگىنوز قويۇپ بىمارنىڭ بۆرىكىنى خاتا ئالماشتۇرۇپ قويغان. ئەزا يۆتكەن ئوپىراتسىيىدىكى بىر ناھايىتى نازۇك ھەم خەتەرلىك ئوپىراتسىيىدە، يەنى 2008-يىلى 1-ئايدا، ئەنگىلىيىدە ناھايىتى كەم ئۇچىرايدىغان بۆرەك

ئەنگىلىيە دوختۇرلىرى O قان تىپىنى A قان تىپى دەپ خاتا دىئاگىنوز قويۇپ بىمارنىڭ بۆرىكىنى خاتا ئالماشتۇرۇپ قويغان.
ئەزا يۆتكەن ئوپىراتسىيىدىكى بىر ناھايىتى نازۇك ھەم خەتەرلىك ئوپىراتسىيىدە، يەنى 2008-يىلى 1-ئايدا، ئەنگىلىيىدە ناھايىتى كەم ئۇچىرايدىغان بۆرەك يۆتكەش ئوپىراتسىيىدە ھادىسە كۆرۈلدى. ئوپىراتسىيە قىلىنغۇچى O قان تىپىلىق بىمار، بىراق بىپەرۋالىقتىن، دوختۇرخانا تەرەپ دۆلەتلىك ئەزا يۆتكەش تەمىنلەش ئورنىدىن تەمىنلەپ بەرگەن بىمارنىڭ قان تىپى A بولۇپ قالغان. ئوپىراتسىيە ئاخىرلاشقاندا، سانلىق مەلۇمات بۆلۈمىنىڭ باشقۇرغۇچى بىر دوختۇر ى كومپىيۇتېر سىستېمىسىدىن كېسەلنىڭ ئارخىپىبىنى تەكشۈرۈپ بۇنىڭدا راستىنلا خاتالىق بارلىقىنى بايقىغان. ئاخىرىدا ئەمدىلا سېلىنىپ بولغان بۆرەكنى يەنە قايتىدىن ئېلىۋەتكەن.80ياشلىق بوۋاينىڭ ئوڭ پۇتى سۇنۇپ كەتسە، دوختۇر ئۇنىڭ سول پۇتىنى ئوپىراتسىيە قىلغان.
2009-يىلى 11-ئايدا، خۇبىي تۇڭچىڭ ئۆلكىسىدە تۇرۇشلۇق بىر 80 ياشلىق بوۋاي ئۆيىدە پۇتىنى سۇندۇرۋالغان، دوختۇرلار ئوپىراتسىيە داۋامىدا خاتا قىلىپ قويغانلىقىنى بايقىغان، بىمارنى خاتا ئوپىراتسىيە قىلىشنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. ئەسلىدە سۇنغان ئوڭ پۇتقا ئوپىراتسىيە ئېلىپ بېرىش كېرەك ئىدى، لېكىن سول پۇتىغا رېسسور ئورنىتىپ قاتتۇرۇپ قويغان. لېكىن ئوڭ پۇتنىڭ سۇنغان يېرى يەنىلا ئېشىپ يوغىناپ كەتكەن. ھېچقاندا بىر ئوپىراتسىيە ۋە داۋالاش ئېلىپ بارمىغان.دوختۇر بالا چۈشۈرۈش دورىسىنى ھامىلىدار ئايالغا خاتا بېرىپ قويغان
خەيجۇ رايونىدا ئولتۇرۇشلۇق ۋۇگۇيچاڭ خانىم توي قىلىپ يولدىشى بىلەن ئۆتكىلى ئون يىل بولغان، 2009-يىلى تۇنجى قېتىم ھامىلىدار بولغان. ئەر ئايالىنىڭ 41ياشتا ئاران بىر بالىلىق بولغانلىقىنى كۆرۈپ ناھايىتى تەمتىرەپ كەتكەن. ھەمدە يېقىن ئەتراپتىكى چاڭگاڭ شەرقىي يولىدىكى چوڭ تىپتىكى ئۇنىۋېرسال ئۈچتە بىرىنچى دوختۇرخانىنىڭ ئالاھىدە تۇغۇت تەكشۈرۈش بۆلۈمىدە تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغان. ئايالىنىڭ ياخشىراق كۈتىنىشىنى ئارزۇ قىلغان. 2009- يىلى 8-ئاينىڭ مەلۇم بىر كۈنى چېن خانىم دوختۇرنىڭ كۆرسەتمىسى بىلەن كۈندە بىر قېتىم بىر قېتىمدا ئىككى تالدىن دورا يىگەن. دورا يەپ ئۇزۇن ئۆتمەيلا قۇرسىقىنىڭ بىئارام بولىۋاتقانلىقىنى ھېس قىلغان. شۇ كۈنى خانىم يەنە ئىككىنچى قېتىم دورىنى يىگەن. ئاغرىق قاتتىق كۈچىيىپ كەتكەن. ئۇ ئاندىن سەل گۇمانلىنىپ دەرھال دورىغا قارىغان. دورىنىڭ بالا چۈشۈرۈش دورىسى ئىكەنلىكىنى 49 كۈن ئىچىدە ھامىلدارلىقتىن قالدۇردىغانلىقىنى كۆرگەن. ئەسلىدە ئۇنىڭ ئىستېمال قىلىپ كىلىۋاتقىنى بالا چۈشۈرۈش دورىسى ئىكەن. ئاخىرىدا بالا ئىشىق ئۈلۈك تۇغۇلۇپ قالغان.
خەۋەر ئورتاقلاشقاندا تەرجىمە ئورگىنال مەنبەسىنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ، رەھمەت!