شىنجاڭدىكى قازاق خەلقىنىڭ تۇرمۇشى باش تېما قىلىنغان ھېكايە فىلىم <گۈل> نى تۇنجى قويۇش مۇراسىمى 9-ماي بېيجىڭ خەلق سارىيىدا ئۆتكۈزۈلگەن . فىلىمدە قازاقلارنىڭ نەق مەيدان ئېيتىشىش شەكلىدىكى ئەنئەنىۋى سەنئىتى ۋە گۈزەل يايلاق تۇرمۇشى ئاقا كۆرۈنۈش قىلىنغان بولۇپ ، قۇيۇق مىللىي پۇراق ۋە ئۆزگىچە يەرلىك ئالاھىدىلىككە ئىگە . بۇ فىلىم 5-ئاينىڭ 13-كۈنىدىن باشلاپ پۈتۈن مەملىكەتتە قويۇلىدۇ .
سۈرەتتە فىلىمنىڭ باش رېژىسسورى شىرزات ياقۇپ ۋە ئاساسلىق ئارتىسلار قويۇلۇش مۇراسىمىدا