ھازىرقى ئورنىڭىز: باش بەت>خەۋەرلەر>شىنجاڭ>

بۈگۈندىن باشلاپ ش ئۇ ئا ر نىڭ تورى پۈتۈنلەي ئەسلىگە كەلدى

2010-يىلى05-ئاينىڭ14-كۈنىمەنبە:نامەلۇم تەھرىر: قەيسەر چېكىلىشى:قىتىم
ئاپتونوم رايوننىڭ مۇقۇملىقى ، جەمىئەت تەرەققىياتىنىڭ شۇنداقلا ھەرمىللەت خەلق ئاممىسىنىڭ ئىھتىياجىنى كۆزدە تۇتۇلۇپ ، ئاپتونۇم رايونلۇق پارتىيە ھۆكۈمەت ، خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ تەتقىق قارارى بويىچە 2010-يىل 5-ئاينىڭ 14-كۈنىدىن ئىتىبارەن ئاپتونۇم رايونىنىڭ ئىنتىرن
  

ئاپتونوم رايوننىڭ مۇقۇملىقى ، جەمىئەت تەرەققىياتىنىڭ شۇنداقلا ھەرمىللەت خەلق ئاممىسىنىڭ ئىھتىياجىنى كۆزدە تۇتۇلۇپ ، ئاپتونۇم رايونلۇق پارتىيە ھۆكۈمەت ، خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ تەتقىق قارارى بويىچە 2010-يىل 5-ئاينىڭ 14-كۈنىدىن ئىتىبارەن ئاپتونۇم رايونىنىڭ ئىنتىرنېت تورى تولۇق ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى.

  
ئىنتىرنېت تورى بۈگۈنكى دەۋىر كىشلىرىنىڭ تۇرمۇش ، خىزمەت ، ئالاقە ، كۆڭۈل ئىچىش قاتارلىق تەرەپلەردىكى مۇھىم ئورۇن ،ھەربىر تور ئاممىسىنىڭ ئىناقلىقنى قوغداپ بۇ ياخشى بولغان مەنبەدىن ياخشى پايدىلنىش مەجبۇرىيىتى ھەم مەسئۇلىيىتى بار. ئۈرۈمچى <5-ئىيۇل ۋەقەسى>يۈزبەرگەندىن كىيىن تور-تىلگىرافنى تاقىۋىتشتىن تاكى بارا-بارا ئىچىۋەتكۈچە بولغان ئارلىقدا كەڭ خەلق ئاممىسى يۈكسەك دەرىجىدە قوللىدى ھەم توغرا چۈشەندى. ھازىر ئاپتونوم رايوننىڭ ھالىتى ئىناقلىققا يۈزلىنىپ قايتىدىن قۇرۇش ، ئىسلاھات ، يۇقۇرى تۈردىكى تەرەققىيات تارىخى دەۋرىدە تۇرماقتا ،بىز تارىختا كۆرۈلمىگەن بىر پۇرسەتتە تۇرماقتىمىز ، شۇڭلاشقا بارلىق تور ئاممىسىنىڭ تىخىدىنمۇ ئەقل-زىھنىنى ئاجىرتىشىنى سورايمىز ، ساغلاملىقنى ، مەدەنىيەتلىكنى ، ئىناقلىق مۇھىتنى قوغدىشىغا مۇھتاج. تور مۇھىتىغا زىيانلىق ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا زىيانلىق ، جەمىئەت مۇقۇملىقىنى بۇزىدىغان ، دۆلەتنىڭ مەنپەئەتىنى زىيانغا ئۇچرىتىدىغان ئىشلارنى قىلماسلىقىنى تەكىتلەيمىز.

شۇنىڭ بىلەن بىرۋاقىتدا دەيدىغىنىمىز ، ئىنتىرنېت تورى بولسا قانۇن ئارقىلىق باشقۇرۇلدىغان بوشلۇق ، ھەرقانداق شەخىس زىيانلىق ئۇچۇر تارقىتىپ بايقىلىپلا قالسا قانۇنىي مەسئۇلىيىتى ئىغىر سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.شۇ سەۋەبدىن ئاپتونون رايون توردىكى زىيانلىق ئۇچۇرغا قارشى قىززىق لىنىيە پاش قىلىش تىلفۇنى ھەمدە ئىلىكتىرونلۇق خەت ساندۇقى تەسسىس قىلدى . كەڭ تور ئاممىسىنىڭ بىرلىكدە نازارەت قىلىپ گۈزەل شىنجاڭ ، ئىناق ئائىلە قۇرۇپ چىقىشىنى سورايمىز.

ئاپتونۇم رايونلۇق توردىكى زىيانلىق ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش تىلفونى:
0991-12321、 0991-2398343
ئىلىكتىرونلوق خەت ساندۇقى ئادىرسى :
JUBAO@XJTS.CN


ئالاھىدە ئۇقتۇرۇش قىلىندى
ش ئۇ ئا ر خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئۇچۇر ئىشخانىسى
2010-يىلى 5-ئاينىڭ 14-كۈنى

مەنبە:داڭلىق تورى

خەۋەر ئورتاقلاشقاندا تەرجىمە ئورگىنال مەنبەسىنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ، رەھمەت!