3-ئىيۇن ئاۋسترالىيىنىڭ يېڭى جەنۇبىي ۋېلىس شىتاتىدىكى دېڭىز بويى رايونلىرىدا ئاز ئۇچرايدىغان كۈچلۈك قارا قۇيۇن چىقتى . قۇيۇندا دەل-دەرەخلەر قومۇرۇلۇپ ئۆي-ئىمارەتلەرنىڭ تورۇسلىرى ئېچىلىپ كەتكەن ، ھەتتا چوڭ تىپتىكى ماشىنىلارمۇ ئورنىدىن قوزغىلىپ كەتكەن . كۈچلۈك قۇيۇندا جەمئىي 12 ئېغىز ئۆي ئېغىر بۇزغۇنچىلىققا ئۇچراپ 6 ئادەم يارىلانغان ، نەچچە مىڭ ئاھالىنىڭ سۇ-توكى توختاپ كەتكەن .
خەۋەر ئورتاقلاشقاندا تەرجىمە ئورگىنال مەنبەسىنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ، رەھمەت!