ئىلقۇت تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

كارخانا مەدەنىيىتىنىڭ بەلگىسى

كارخانا مەدەنىيىتىنىڭ بەلگىسى

ۋاقتى: 2016-07-16 ئاۋاتلىقى: 635 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

بېشى «كارخانا مەدەنىيىتىنىڭ قۇرۇلمىسى» بۇ يەردە!

 

كارخانا مەدەنىيىتىنىڭ بەلگىسى

 

تارىخىيلىقى: تارىخىيلىق جەمئىيەتتىكى بارلىق ئىشلارنىڭ ئەڭ ئاساسىي بەلگىلىرىدىن بىرى. كارخانا مەلۇم ۋاقىت، ئورۇن شارائىتىدا پەيدا بولىدۇ، مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدۇ ۋە تەرەققىي قىلىدۇ، كارخانىنىڭ ئەكس ئەتتۈرگىنى دەل شۇ ۋاقىتتىكى جەمئىيەتنىڭ سىياسىي، ئىقتىسادىي ۋە مەدەنىيىتىنىڭ شولىسىدۇر. كارخانا ئۆزى تارىخ يارىتىدىغان ۋاسىتە. ئاۋۋال كارخانا پەيدا بولغانمۇ ياكى مەدەنىيەتمۇ؟ دېگەن سوئال خۇددىي ئاۋۋال تۇخۇم پەيدا بولغانمۇ ياكى توخۇمۇ دېگەنگە ئوخشاشلا سوئال. ئىقتىسادىي ئاساس يۇقىرى قاتلام قۇرۇلۇشىنى بەلگىلەيدۇ، كارخانا باشقۇرۇش ۋە سىياسىي پائالىيەتلەر، مەدەنىيەت ھادىسىلىرى بىلەن زىچ باغلانغان بولىدۇ. كارخانا مەدەنىيىتى تارىخنىڭ مەھسۇلى، ئۇ چوقۇم ئۆزىگە تارىخنىڭ تامغىسىنى ئۇرغان بولىدۇ، چوڭ بولغاندا بىر دەۋر، بىر دۆلەتنىڭ مەلۇم مەزگىلى ياكى بىر مىللەت، مەلۇم رايون، كىچىك بولغاندا بىر جاينىڭ ئىقتىساد ۋە مەدەنىيەت ئالاھىدىلىكىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرىدۇ دېيىشكە بولىدۇ. ئەكسىچە ئېيتقاندا، كارخانا مەدەنىيىتى شەكىللەنگەن ھامان كارخانا تۇرۇۋاتقان مۇھىتنى ئۆزگەرتىدۇ، چۈنكى كارخانا قانداقلا بولمىسۇن ئۇ يەنىلا دەۋرنىڭ ئالدىدا مېڭىۋاتقان ئەڭ پائالىيەتچان ئىجتىمائىي تەشكىل، ئۇچۇرلارنىڭ ئالمىشىشى ۋە ئىدىيەنىڭ ئۆزگىرىشى ئالدى بىلەن كارخانىدا يۈز بېرىدۇ. ھازىرقى دەۋرنىڭ كارخانا مەدەنىيەت ئاساسى بىر قەدەر پىشقان تاۋار ئىقتساد نەزەرىيەسىدۇر.

 

ئادەمنى ئاساس قىلىش: كارخانا مەدەنىيىتى كۆڭۈل بۆلىدىغان نۇقتىنىڭ مەركىزى كارخانىدىكى ئادەم ئامىلىغا بولغان باشقۇرۇش ۋە ئۇنى قوزغىتىش. گەرچە بۇنداق قىلىشنىڭ ئەڭ ئاخىرقى مەقسىتى كارخانا قىممىتىنى ئوڭۇشلۇق ئەمەلگە ئاشۇرۇش بولسىمۇ، لېكىن بۇ كارخانىنىڭ ئادەمنىڭ يوشۇرۇن قابىلىيىتىنى چىقىش نۇقتىسى قىلغان باشقۇرۇش ئۇسۇلىدىن پايدىلىنىپ، كارخانا ئۈچۈن زور كېڭىيىش ئېلىپ كېلىشىگە توسقۇنلۇق قىلمايدۇ. ئادەمنىڭ كىيىنىش ۋە يېيىشتىن ئىبارەت ئەڭ ئاساسىي ياشاش تەلىپى قاندۇرۇلغاندىن كېيىن، ئالماشتۇرۇشنىڭ تەلىپى، بېرىشنىڭ تەلىپى، ھۆرمەتلىنىشنىڭ تەلىپى، ئۆز قىممىتىنىڭ ئىشقا ئېشىشىنىڭ تەلىپى قاتارلىقلارنى قاندۇرۇشقا موھتاج بولىدۇ. بىر ئادەمنىڭ ھاياتىدىكى ئەڭ قىممەتلىك ۋە ئەڭ ئۇزۇن ۋاقىت سەرپ قىلغىنى ئۇنىڭ كەسپىي ھاياتى بولىدۇ، شۇڭلاشقا كارخانىنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىش ۋە تەرەققىي قىلىش ئېھتىياجى بىلەن شەخسنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىش ۋە تەرەققىي قىلىش ئېھتىياجى كارخانا مەدەنىيىتى قاتلىمىدا مۇكەممەل بىرلىككە كېلىدۇ. كارخانا مەدەنىيىتى ئادەمنى ئاساس قىلغان مەدەنىيەت بولۇپ، مەدەنىيەت ئامىلى ئارقىلىق كارخانىنىڭ يوشۇرۇن كۈچىنى قېزىشقا تىرىشىدۇ، ئادەم ئامىلىنىڭ كارخانا تەرەققىياتىدىكى رولىنى ھۆرمەتلەيدۇ ۋە ئۇنىڭغا كۆڭۈل بۆلىدۇ.

 

مۇرەككەپلىكى: دۇنيادا تولۇق ئوخشاش ئىككى يوپۇرماق بولمايدۇ. ھەربىر كارخانا مەلۇم مۇھىتتا مەۋجۇت بولىدۇ ۋە تەرەققىي قىلىدۇ. دۇچ كەلگەن تارىخىي باسقۇچ، تەرەققىيات دەرىجىسى، شۇنداقلا ئەسلىدىلا ئۆزىدە بار بولغان مەدەنىيەت يىغىندىسى ئوخشاش بولمايدۇ. مۇۋەپپەقىيەتنى كۆپەيتكىلى بولمايدۇ، كارخانا مەدەنىيىتىنىمۇ ھەم نۇسخىلىغىلى بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ مۇۋەپپەقىيەت قازانغان كارخانا مەدەنىيىتىنىڭ ئۆز ئەينى ئېلىپ كېلىپ ئىش قىلغاندا ئىلغار كارخانا مەدەنىيىتىنى مۇقەددەس دەستۇر دەپ ئويلىۋىلىپ، ھەممىگە ماس كېلىدىغان ھەقىقەتنى تېپىپ چىقماقچى بولغاندا، ئەڭ ئاخىرىدا پەقەت كارخانىنى زىيانغا ئۇچرىتىدۇ خالاس.


ھەرىكەتچانلىقى: بىر كارخانىنىڭ كارخانا مەدەنىيىتى شەكىللەنگەن ھامان مەلۇم ۋاقىت ئىچىدە نىسبەتەن مۇقىملىقنى ساقلايدۇ. كارخانىنىڭ تەرەققىي قىلىشىغا ۋە كارخانا مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇۋاتقان مۇھىتنىڭ ئۆزگىرىشىگە ئەگىشىپ، كارخانا مەدەنىيىتىمۇ ئۆزگىرىدۇ. «بۇرمىسىمان يۇقىرىغا ئۆرلەش» دەپ بىرخىل ئاتاش ئۇسۇلى بار، بۇ ئەمەلىيەتتە كۆڭۈلدىكىدەك بولغان ئىلغار كارخانا مەدەنىيىتىنىڭ تەرەققىي قىلىش ھالىتى. قاتمال، قالاق كارخانا مەدەنىيىتىمۇ ھەرىكەت قىلىدۇ. پەقەت كارخانىنىڭ ئىچكى قىسمىدىلا بولغان، مۇۋاپىق رەتلەش، تەرتىپكە سېلىش ۋە تاۋلىنىشتىن ئۆتمىگەن مەدەنىيەت ياخشى سىستېمىنى شەكىللەندۈرەلمەيدۇ، ھەرخىل مەدەنىيەت ئامىللىرىنىڭ توقۇنۇشى مىقدار ئۆزگىرىشى بويىچە توپلىنىدۇ. بىر ئىلغار كارخانا مەدەنىيەت سىستېمىسى شەكىللەنگندىن كېيىن، سىرتقى ئامىللار ۋە يېڭى مەدەنىيەت ئامىللىرىغا قارىتا كۈچلۈك تارتىش كۈچى، سىغدۇرۇش كۈچى ۋە ھەزىم قىلىش كۈچىنى نامايەن قىلىدۇ شۇنداقلا ھەرىكەتچان، ئېچىۋىتىلگەن سىستېمىنى شەكىللەندۈرىدۇ.

 

ئورگانىكلىقى: كارخانا مەدەنىيىتى بىر مۇكەممەل ئورگانىك سىستېما، كارخانا مەدەنىيىتىنىڭ ھەرقايسى بىرىكتۈرگۈچى ئامىللىرى مەلۇم قۇرۇلما شەكلى بويىچە تىزىلىدۇ، ھەرقايسى ئامىللار نىسبەتەن مۇستەقىل بولۇپ، ھەممىسىنىڭ ئۆزىنىڭ ۋەزىپىسى بولىدۇ. بۇنىڭ بىر ۋاقىتتا كارخانا مەدەنىيىتى بىر سىستېما قۇرۇلۇشى، بىر ئەتراپلىق ۋە تەرتىپلىك ئورگانىك بىرىكمە، كارخانا ئىچىدىكى ئۆزئارا باغلىنىش، ئۆزئارا يۆلىنىش، ئۆزئارا تەسىر كۆرسىتىشنىڭ ئوخشىمىغان قاتلام، ئوخشىمىغان بۆلەكلەر بويىچە بېرىكىشىدىن تۈزۈلگەن. كارخانا مەدەنىيىتى كارخانا قىممىتىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى ئەڭ ئاخىرقى نىشان قىلغانىكەن، كارخانىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك پىلانلىرىدىن چەتنەپ كېتەلمەيدۇ؛ ئادەمنى ئاساس قىلغانىكەن، ئادەم بايلىقىنى ئېچىشتىن چەتنەپ كېتەلمەيدۇ؛ بىر خىل بازا قۇرۇش ئۇسۇلى بولغانىكەن، كارخانىنىڭ باشقۇرۇش تۈزۈمىدىن چەتنەپ كېتەلمەيدۇ... شۇنداق دېيىشكە بولىدۇكى، كارخانا مەدەنىيىتىنىڭ باشقۇرۇش ساھەسىدىىلەر تەرىپىدىن بۇنداق يۇقىرى ئورۇنغا كۆتۈرۈلۈشىنى ئۇنىڭ بۇ خۇسۇسىيىتىدىن ئايرىپ قارىغىلى بولمايدۇ.


تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى