كۆلەملىك ئىقتىسادنىڭ تۈرلەرگە ئايرىلىشى
ۋاقتى: 2015-05-03
ئاۋاتلىقى: 552 قېتىم
يانفوندا كۆرۈش
كۆلەملىك ئىقتىسادنى تۈرگە ئايرىش ئۇسۇلى كۆپ خىل بولۇپ، مەسىلەن كۆلەملىك ئىقتىسادنىڭ كېلىش مەنبەسىگە ئاساسەن، ئىچكى كۆلەملىك ئىقتىسادى، تاشقى كۆلەملىك ئىقتىسادى ۋە يىغىندى كۆلەملىك ئىقتىسادى دەپ ئايرىلىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە يىغىلغان كۆلەم ئىقتىسادى گەرچە ئىشلەپچىقارغان مەھسۇلات ئوخشاش بولمىسىمۇ، لېكىن مەلۇم ھالقىدا ئوخشاش يۆنىلىشلىك نۇرغۇن زاۋۇت، كارخانىلار توپلىشىپ ياراتقان بەزى ئىقتىسادى ئۈنۈمنى كۆرسىتىدۇ. قاتتىقراق ئېيتقاندا، بۇ خىل يىغىلغان كۆلەملىك ئىقتىساد بىر خىل تاشقى ئىقتىساد ئۈنۈمىدۇر. كۆلەملىك ئىقتىسادنىڭ شەكىللىنىش سەۋەبىگە ئاساسەن، ئادەتتە ئاساسلىق ئىككى تەرەپتىن بولىدۇ: ئىچكى ئامىل ۋە تاشقى ئامىل، بۇنىڭغا ماس بولىدىغىنى غەربنىڭ ئىقتىسادشۇناسلىرى ئېيتقان ئىچكى كۆلەملىك ئىقتىساد ۋە تاشقى كۆلەملىك ئىقتىساد.