ئەمگەكچىگە جازا ھۆكۈم قىلىنسا، ئىدارە ئەمگەك توختامىنى بىكار قىلسا بولامدۇ؟
يانفوندا كۆرۈش
ئەمگەكچىگە جازا ھۆكۈم قىلىنسا، ئىدارە ئەمگەك توختامىنى بىكار قىلسا بولامدۇ؟
جاۋاب: «ئەمگەك توختام قانۇنى»نىڭ بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن، ئەمگەكچىنىڭ جىنايى ئىشلار مەسئۇلىيىتى قانۇن بويىچە سۈرۈشتە قىلىنغاندىن كېيىن، ئادەم ئىشلەتكەن ئورۇن ئەمگەك توختامىنى بىكار قىلسا بولىدۇ.
دۆلىتىمىزنىڭ «جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى»نىڭ بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن، سوت مەھكىمىسىنىڭ ھۆكۈمىدىن ئۆتمەي تۇرۇپ، ھېچكىمنى جىنايىتى بار دەپ ھېسابلاشقا بولمايدۇ.
شۇڭا، ئادەم ئىشلەتكەن ئورۇن يۇقىرىدىكى سەۋەب بىلەن خىزمەتچىسى بىلەن تۈزگەن ئەمگەك توختامىنى بىكار قىلماقچى بولسا، ئەمگەكچىنىڭ جىنايى ئىشلار مەسئۇلىيىتى سۈرۈشتە قىلىنغان ئەمەلىيەت مەۋجۇت بولۇشى كېرەك، مەسىلەن، ئەمگەكچىگە سوت مەھكىمىسى ئاللىبۇرۇن جىنايىتى بار دەپ كۈچكە ئىگە ھۆكۈمنى چىقىرىپ بولغان دېگەندەك.
چۈشەندۈرۈپ ئۆتۈشكە تېگىشلىك بىر نۇقتا، خىزمەتچىنىڭ جىنايى ئىشلار مەسئۇلىيىتى سۈرۈشتە قىلىنغاندىن كېيىن، ئادەم ئىشلەتكەن ئورۇن ئەمگەك توختامىنى بىكار قىلسا بولىدۇ، لېكىن بۇ ئەمگەك توختامى ئۆزلىكىدىن بىكار بولۇپ كېتىدۇ ياكى چوقۇم بىكار قىلىنىشى كېرەك دېگەن بىلەن باراۋەر ئەمەس. ئەمگەك توختامىنى بىكار قىلامدۇ-يوق، قارار قىلىش ھوقۇقى ئادەم ئىشلەتكەن ئورۇندا.