ئەمگەك توختامىنىڭ ئىناۋەتسىز ئىكەنلىكى مۇئەييەنلەشتۈرۈلگەندىن كېيىن، ئەمگەكچىگە ئېلىپ كەلگەن زىياننى تۆلەپ بېرىش كېرەكمۇ-يوق؟
يانفوندا كۆرۈش
ئەمگەك توختامىنىڭ ئىناۋەتسىز ئىكەنلىكى مۇئەييەنلەشتۈرۈلگەندىن كېيىن، ئەمگەكچىگە ئېلىپ كەلگەن زىياننى تۆلەپ بېرىش كېرەكمۇ-يوق؟
جاۋاب: «ئەمگەك توختام قانۇنى»نىڭ بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن، ئەگەر ئىدارە ئالداش، مەجبۇرلاش ۋاسىتىسى بىلەن ياكى قارىغۇنى تاردا قىستاپ ئەمگەكچىنىڭ ھەقىقىي خاھىشىغا خىلاپلىق قىلغان ھالدا ئەمگەك توختامى تۈزگەن ياكى ئۆزگەرتكەن بولسا، ۋەياكى ئىدارە ئەمگەك توختامىدىن ئۆزىنىڭ مەسئۇلىيىتىنى چىقىرىۋەتكەن بولسا، ئەمگەكچىنىڭ ھوقۇقىنى چىقىرىۋەتكەن بولسا ياكى ئەمگەك توختامىدىكى كېلىشىم قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردىكى مەجبۇرلاش خاراكتېرلىك بەلگىلىمىلەرگە خىلاپ بولسا، يۇقىرىدىكى ئەھۋاللارنىڭ ھەممىسىدە توختام ئىناۋەتسىز دەپ قارىلىدۇ.
ئىدارىنىڭ يۇقىرىدىكىلەردىن بىرەر ئىشنى سادىر قىلغانلىقى سەۋەبلىك ئەمگەك توختامى ئىناۋەتسىز بولغاندىن كېيىن، ئەگەر ئەمگەكچىگە زىيان ئېلىپ كەلگەن بولسا، ئىدارە ئەمگەكچىگە بولغان تۆلەم مەسئۇلىيىتىنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك.
ئەلۋەتتە، ئەگەر ئەمگەكچى ئالداش، مەجبۇرلاش ۋاسىتىسى ئارقىلىق ياكى قارىغۇنى تاردا قىستاپ، ئىدارىنى ئۆز خاھىشىغا خىلاپ ھالدا ئەمگەك توختامى تۈزۈشكە ياكى ئەمگەك توختامىنى ئۆزگەرتىشكە مەجبۇرلاپ ئەمگەك توختامىنىڭ ئىناۋەتسىز بولۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان بولسا، ئىدارىگە زىيان ئېلىپ كەلگەن ھامان، ئەمگەكچىمۇ ئىدارىگە بولغان تۆلەم مەسئۇلىيىتىنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك.