ئادەم ئىشلەتكەن ئورۇن قانۇنغا خىلاپ ھالدا توختامنى بىكار قىلسا ياكى ئاخىرلاشتۇرسا، ئەمگەكچىگە تۆلەم بېرىشى كېرەكمۇ؟
يانفوندا كۆرۈش
ئادەم ئىشلەتكەن ئورۇن قانۇنغا خىلاپ ھالدا توختامنى بىكار قىلسا ياكى ئاخىرلاشتۇرسا، ئەمگەكچىگە تۆلەم بېرىشى كېرەكمۇ؟
جاۋاب: دىققەت، بۇ يەردىكى «تۆلەم پۇل» بىلەن بۇرۇن دېگەن «ئىقتىسادىي تولۇقلىما پۇلى» بىر ئۇقۇم ئەمەس.
«ئەمگەك توختام قانۇنى»نىڭ بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن، ئادەم ئىشلەتكەن ئورۇن «ئەمگەك توختام قانۇنى»نىڭ بەلگىلىمىسىگە خىلاپ ھالدا ئەمگەكچى بىلەن بولغان ئەمگەك توختامىنى بىكار قىلسا ياكى ئاخىرلاشتۇرسا، ئەمگەكچى ئەمگەك توختامىنى داۋاملىق ئىجرا قىلىشنى تەلەپ قىلسا، ئادەم ئىشلەتكەن ئورۇن داۋاملىق ئىجرا قىلىشى كېرەك؛ ئەمگەكچى ئەمگەك توختامىنى داۋاملىق ئىجرا قىلىشنى تەلەپ قىلمىسا ياكى ئەمگەك توختامىنى ئىجرا قىلىش مۇمكىن بولماي قالسا، «ئەمگەك توختام قانۇنى»نىڭ بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن ئەمگەكچىگە ئىقتىسادىي تولۇقلىما پۇل بەرگەندىن سىرت، يەنە يۇقىرىدىكى ئىقتىسادىي تولۇقلىما ئۆلچىمىنىڭ ئىككى ھەسسىسى بويىچە تۆلەم بېرىشى كېرەك.