ئىدارە يېڭى خىزمەتچى ئىشقا چۈشكەندىن كېيىن بىر ئاي ئىچىدە ئەمگەك توختامى تۈزسە بولامدۇ؟
يانفوندا كۆرۈش
ئىدارە يېڭى خىزمەتچى ئىشقا چۈشكەندىن كېيىن بىر ئاي ئىچىدە ئەمگەك توختامى تۈزسە بولامدۇ؟
«ئەمگەك توختام قانۇنى»نىڭ 10-ماددىسىدا مۇنداق بەلگىلەنگەن:«ئاللىبۇرۇن ئەمگەك مۇناسىۋىتى ئورنىتىپ يازما ئەمگەك توختامى تۈزمىگەن بولسا، ئادەم ئىشلەتكەن كۈندىن باشلاپ بىر ئاي ئىچىدە يازما ئەمگەك توختامى تۈزۈشى كېرەك.»
يۇقىرىدىكى ماددا مۇنداق مەجبۇرلاش خاراكتېرىگە ئىگە بەلگىلىمە چىقارغان: ئىدارە ئەمگەك مۇناسىۋىتى ئورناتقان كۈندىن باشلاپ ئەڭ كېچىككەندىمۇ «بىر ئاي» ئىچىدە يازما ئەمگەك توختامى تۈزۈشى كېرەك. شۇڭا، بۇ ئەمەلىيەتتە ئەمگەك توختامى تۈزۈشكە بولغان ۋاقىت تەلىپىنى چەكلىك ھالدا كېڭەيتىپ، ئەمگەك مۇناسىۋىتى ئورناتقان، لېكىن بىرلا ۋاقىتتا ئەمگەك توختامى تۈزمىگەن بولسا، ئەگەر ئادەم ئىشلەتكەن كۈندىن باشلاپ بىر ئاي ئىچىدە ئەمگەك توختامى تۈزسە، بۇ قىلمىشى قانۇنغا خىلاپ بولمايدىغانلىقىنى بەلگىلىگەن.
لېكىن ئەگەر ئادەم ئىشلەتكەن ئورۇن ئادەم ئىشلەتكەن كۈندىن باشلاپ بىر ئايدىن ئېشىپ كەتكەن، بىر يىلغا يەتمىگەن ۋاقىت ئىچىدە ئەمگەكچى بىلەن يازما ئەمگەك توختامى تۈزمىسە، ئەمگەكچىگە ھەر ئايدا ئىككى ھەسسە مائاش بېرىشى كېرەك(«ئەمگەك توختام قانۇنى»نىڭ 82-ماددىسى). بۇ ئادەم ئىشلەتكەن ئورۇن ئادەم ئىشلەتكەن كۈنىدىن باشلاپ بىر ئاي ئىچىدە يازما ئەمگەك توختامى تۈزمىسە قوللىنىدىغان جازالاش تەدبىرى.