ئىدارە خىزمەتچى بىلەن «خىزمەت نەتىجىسى ياخشى بولمىسا ئەمگەك توختامى ئاخىرلىشىدۇ» دەپ كېلىشكەن بولسا، بۇ كېىشىم كۈچكە ئىگە بولامدۇ؟
يانفوندا كۆرۈش
ئىدارە خىزمەتچى بىلەن «خىزمەت نەتىجىسى ياخشى بولمىسا ئەمگەك توختامى ئاخىرلىشىدۇ» دەپ كېلىشكەن بولسا، بۇ كېىشىم كۈچكە ئىگە بولامدۇ؟
جاۋاب: «ئەمگەك توختام قانۇنى»نىڭ بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن، ئەمگەك توختامى چوقۇم قانۇندا بەلگىلەنگەن شەرت ئاستىدىلا ئاخىرلىشىدۇ، ئەمگەك توختامىنى ئاخىرلاشتۇرىدىغان شەرتنى ئىككى تەرەپ ئەركىن كېلىشىۋالسا بولمايدۇ.
لېكىن ھازىر يەنىا كۈچكە ئىگە بولۇۋاتقان «ئەمگەك قانۇنى»نىڭ بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن، ئەمگەك توختامىدىكى مۇناسىۋەتلىك ئىككى تەرەپ ئاخىرلاشتۇرىدىغان شەرتنى ئۆز ئالدىغا كېلىشسە بولىدۇ، لېكىن كېيىنكى قانۇن بۇرۇنقى قانۇندىن ئەۋزەل بولۇش پىرىنسىپىغا ئاساسەن، «ئەمگەك توختام قانۇنى» كۈچكە ئىگە بولۇپ يولغا قويۇلغاندىن كېيىن، «ئەمگەك قانۇنى»نىڭ يۇقىرىدىكى بەلگىلىمىسى تەبىئىيلا كۈچتىن قالىدۇ.