جۇڭگو كۈندىلىك گېزىتى تورى 31-ئىيۇل تېلگىراممىسى
چەتئەل تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، شۇ جايدىكى خەلق ئاممىسى ھىندى ئوكياندىكى فرانسىيەگە قاراشلىق (l'île de la Reunion) غەينىيون ئارىلىدا مالايسىيا ئاۋىئاتسىيەسى MH370 يولۇچىلار ئايروپىلانىنىڭ قالدۇقىنى بايقىغاندىن كېيىن، 31-ئىيۇل بۇ رايوندا يەنە جۇڭگونىڭ مېنرال سۇ قۇتىسى ۋە ھىندىنوزىيەنىڭ تازلاش مەھسۇلاتىنى بايقىغان.
29-ئىيۇل، ھىندى ئوكياندىكى فرانسىيەگە قاراشلىق غەينىيون ئارىلىدا ئايروپىلان قالدۇقى بايقالغان، ئالاقىسى ئۈزۈلگەن مالايسىيا ئاۋىئاتسىيەسى MH370 يولۇچىلار ئايروپىلانىغا مۇناسىۋەتلىك دەپ گۇمانلانغان. نۆۋەتتە قالدۇق بۇيۇملار يېقىن ئەتىراپتا بايقالغان يۈك تاق بىلەن بىرگە فرانسىيەگە سېلىشتۇرۇشقا ئەۋەتىلگەن. مالايسىيانىڭ مۇئاۋىن قاتناش مىنىسىرى بۇ قالدۇق بۇيۇملارنىڭ MH370 يولۇچىلار ئايروپىلانىغا تەۋە-ياكى ئەمەسلىكىنى جەزىملەشتۈرۈشكە ئىككى كۈن ۋاقىت كېتىدۇ دەپ ئىپادە بىلدۈرگەن.