7-ئاينىڭ 30-كۈنى ئۈرۈمچى ۋاقتى چۈشتىن كېيىن 6:00دە، ئىسپانىيە زەردارى خانلىق مادرىد بىلەن ئىتالىيە زەردارى مىلان شاڭخەي تەنتەربىيە مەيدانىدا بىر مەيدان بەدەن قىزىتىش مۇسابىقىسى ئوينىدى. 90 مىنۇتلۇق مۇسابىقە جەريانىدا ھەر ئىككى كوماندا توپ كىرگۈزەلمەي 0-0 نەتىجە بىلەن تەڭلىشىپ قالدى. كېيىن بۇ ئىككى كوماندا رەھىمسىز نۇقتا توپ جېڭىگە چۈشتى. نۇقتا توپنىڭ 11-ئايلانمىسىدا، مىلان توپچىسى باكا توپنى تېپىپ تۈۋرۈك سوقتى، مىلاننىڭ 16 ياشلىق ۋارتاسى كروس تەپكەن توپنى توسىۋالدى، بۇنىڭ ئالدىدا مىلان توپچىسى تەپكەن توپنى مادرىد ۋارتاسى كاسىللا توسىۋالغان، شۇڭا خانلىق مادرىد نۇقتا توپ جېڭىدە 10-9 نەتىجە بىلەن غەلبە قىلدى.
مادرىدنىڭ داڭلىق ھۇجۇمچىسى جۇڭگودىكى ئىككى مەيدان بەدەن قىزىتىش مۇسابىقىسىدە توپ كىرگۈزەلمىدى. بۇ مەيدان مۇسابىقىدە، بېنىتېز يېڭى سەپ شەكلى ئىشلەتتى، بېل ئوتتۇرا يولدىكى 10-نومۇرنىڭ ئورنىنى ئوينىدى، يېڭى ماھىر ۋازكىز ئوڭ يولنى، مودرىچ بىلەن كاسمىرو ئارقا بەلنى، ئارۋىيالو سول بىك ئورنىنى، ۋارانى راموسنىڭ ئورنىنى ئوينىدى. مىلان ۋارتاسى لوپىز كونا ئائىلىسى بىلەن رىقابەتلەشتى، بىراق كېيىنكى مەيداندا لوپىز 16 ياشلىق ۋارتا دوننارۇما بىلەن ئالماشتۇرۋېتىلدى.