باش بەت قىلىڭ ساقلىۋىلىڭ باشلان تورىغا كەلگەن قەدىمىڭىزگە مەرھابا !
يىڭى قوشۇلغانلىرى
  • 2015-يىلدىكى ئەڭ ياخشى لايىھەلەنگەن مەھسۇلاتلار
  • ما يۈن: ماشىنا ئادەملەر ئىنسانلاردىن ئەقىللىق، ئەمما ئىنسانلار ماشىنا ئادەملەردىن تېخىمۇ پاراسەتلىك
  • سۈرىيەلىكلەر يەنە قاچانغىچە مۇساپىرچىلىقتا ياشايدۇ؟
  • ھوللىۋود پۇل سۈمۈرۈش ئۈچۈن ئېلانغا مەبلىغى 1.7 مىلىيارد دوللار سەرپ قىلغان
  • قىزلارنى جۇڭگوغا سېتىپ ئارىدىن 10 مىڭ يۈەن پايدا ئالىدىغان ئانا-بالا
  • ئىران يادرو سۆھبىتىدىكى مۇھىم شەخسلەر
  • قىز بالا سىياقىدا توردا مۇھەببەتلىشىپ 200 مىڭ يۈەن ئالدىغان ئەر جاجىسىنى يېدى
  • ئىئوردانىيە خانقىزى خاككېر تەشكىلاتىغا كىرىپ IS تەشكىلاتى بىلەن كۈرەش قىلدى
  • پېرو ھۆكۈمىتى تۇيۇقسىز ھۇجۇم قوزغاپ ئۆكتىچىلەر پارتىيىسى قولىدىن 39 نەپەر ئايال ۋە بالىنى قۇتۇلدۇردى
  • ئەردوغان جۇڭگو زىيارىتىدە 100 كارخانىچىنى بىللە ئېلىپ كەلدى
  • ۋېدىئو: تالانت سەھنىسى 22-سانى
  • بۈگۈنكى تەۋسىيە ۋېدىئولار
  • ياۋروپادىكى 6 دۆلەت ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ رۇسىيەگە جازا يۈرگۈزۈش سېپىگە قوشۇلدى
  • ئىران يادرو كېلىشىمىدىن كېيىن ئامېرىكا ئارمىيەسى يەنىلا ئىراننى چەكلەپ تۇرالايدۇ
  • كاكا توپ ئۇردى، ئامېرىكا چولپانلار كوماندىسى رەقىبىنى يەڭدى
  • تۇرپان-ئۈرۈمچى تاشيولىدا بىر ئاپتوبۇسقا تۇيۇقسىز ئوت كەتتى
  • مۇشۇ تۈردىكى يىڭىسى
  • 2015-يىلدىكى ئەڭ ياخشى لايىھەلەنگەن مەھسۇلاتلار
  • ما يۈن: ماشىنا ئادەملەر ئىنسانلاردىن ئەقىللىق، ئەمما ئىنسانلار ماشىنا ئادەملەردىن تېخىمۇ پاراسەتلىك
  • كىشىلەر نېمىشقا دوستلار چەمبىرىكىنى ياخشى كۆرىدۇ؟
  • جەنۇبىي كورىيە ئاخبارات مەھكىمىسى قوزغاپ مەغلۇب بولغان خاككېرلىق ھۇجۇمى 200 قېتىمدىن ئاشىدىكەن
  • چىخو360 ناتوغرا رىقابەتلىشىپ بالاغا قالدى
  • تېخنىكا ساھەسىدىكى ئوقۇش تارىخىي تۆۋەن بەش چوڭ مىليادىر
  • ئامېرىكا مىكروبقا تاقابىل تۇرالايدىغان ئەينەك تاختا ياساپ چىقتى
  • گۇگول جۇڭگوغا قايتىپ كېلەمدۇ
  • فادېل: مەن گوگۇل كۆز ئەينەكلىرىنى قۇتقۇزۇپ قالالايمەن
  • كەلگۈسى ئون يىلدىكى پەن–تېخنىكا ۋە ھاياتلىق
  • 90-يىلدىن كېيىن تۇغۇلغانلار ھەر ئايدا توردا 24 مىليارد يۈەن ئېستىمال قىلىدىكەن
  • بېيجىڭدىكى بىر شىركەت بۇ يىل ساختا iPhone يانفونىدىن 41 مىڭنى چەتئەلگە ئېكسپورت قىلدى
  • ھەقىقىي ئالما iPhone 6S Plus يانفونى تۇنجى قېتىم ئاشكارىلاندى
  • كەلگۈسىدە كوچا ئايلانغاندا يانفوننىڭ توكى تۈگەپ كېتىشتىن ئەنسىرەش ھاجەتسىز
  • ھەپتىلىك كۆپ كۆرۈلگەنلىرى
  • ئەردوغان جۇڭگودىكى زىيارىتىنى باشلىدى
  • تۈركىيە زۇڭتۇڭى: جۇڭگو بىلەن بولغان ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىشنى ئۈمىد قىلدى
  • تۇرپان-ئۈرۈمچى تاشيولىدا بىر ئاپتوبۇسقا تۇيۇقسىز ئوت كەتتى
  • «شىنجاڭ تالانت سەھنىسى» دىكى باھالىغۇچىلارنى باھالىغان خالمۇرات
  • ئامېرىكا تۈرمىلىرىدە خېنىم چىراي ئەرلەرنىڭ ھالى خاراب
  • تالىباننىڭ رەھبىرى ئۆمەر ئىككى- ئۈچ يىل ئىلگىرىلا ئۆلگەن ئىكەن
  • ئەردوغان خەلق قەھرىمانلىرى خاتىرە مۇنارىغا گۈلچەمبىرەك تەقدىم قىلدى
  • شاھرۇھخاننىڭ يالى ئۇنىۋېرسىتېتىدا سۆزلىگەن نۇتۇقى
  • شى جىنپىڭ تۈركىيە زۇڭتۇڭى ئەردوغان بىلەن سۆھبەتلەشتى
  • «جاللات جون» ئۆلۈمدىن قورقۇپ بەدەر قاچتى
  • جۇڭگو قارا گۇرۇھلىرى فىلىپپىنغا كىرىپ مەخسۇس جۇڭگولۇق سودىگەرلەرنى بۇلىدى
  • تۈركىيە قانداق بولۇپ ئىراق شام ئىسلام دۆلىتىگە ئۇرۇش ئېلان قىلدى
  • شىنجاڭنىڭ سابىق مۇئاۋىن سېكرېتارى ياڭ گاڭ ئۈستىدىن شىكايەت سۇنۇلدى
  • شىنجاڭلىق چولپان شىرئەلىجاننىڭ توي سۈرەتلىرى ئاشكارىلاندى
  • ئورنىڭىز : باشلان تورىخەۋەر > تىخنىكا >

    2015-يىلدىكى ئەڭ ياخشى لايىھەلەنگەن مەھسۇلاتلار

    مەنبە :ئوكيان تورى       يوللىغۇچى :       يوللانغان ۋاقىت : 2015-07-30 23:12:52

    تېڭشۈن پەن-تېخنىكا تورىنىڭ 30-ئىيۇلدىكى خەۋىرى  ئامېرىكا سانائەت لايىھەلەش جەمئىيىتىنىڭ باھالاش ئۆمىكى(IDSA) 1700دىن كۆپرەك مەھسۇلاتلاردىن كۆڭۈل قويۇپ 2015-يىللىق خەلقئارا لايىھەلەش ئالاھىدە  (IDEA) مۇكاپاتىدىكى ئالتۇن مېدال مۇكاپاتى ۋە كۈمۈش مېدال مۇكاپاتى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىگە كىرگەن 81 مەھسۇلاتنى تاللاپ چىققان. IDSA مىس مېدال مۇكاپاتىغا تاللانغان ئەسەرلەرنىڭ تىزىملىكىنى ئېلان قىلغان، ئەمما ئالتۇن مېدال مۇپاتى ۋە مىس مېدال مۇكاپاتىغا ئېرىشكەنلەرنىڭ تىزىملىكى 8-ئاينىڭ 22-كۈنى ئېلان قىلىنىدۇ. ئامېرىكا ئاساسىي ئېقىم مېدىيەسى BI بۇلارنىڭ ئىچىدىن 2015-يىلدىكى ئەڭ ياخشى لايىھەلەنگەن 20 ئەسەرنى تاللاپ چىققان.
     
    گۇگول Cardboard: پەقەت ئادەتتىكى ئەقلىي يانفۇن ۋە كارتون قەغەزنى ئىشلىتىش تەلەپ قىلىنىدۇ، قاتلاش ئارقىلىق ئۇلارنى تەقلىدىي رېئال قالپاققا ئايلاندۇرغىلى بولىدۇ. بۇ خىل ئۈسكۈنە ئاددىي لايىھەلىنىش، خېرىدارلار ئاسان ئىشلىتىشتەك ئالاھىدىلىككە ئىگە بولۇپلا قالماستىن، بۇ خىل مەھسۇلات  يەنە يەڭگىل قوراشتۇرۇلىدىغان بولۇپ، ھەر قانداق ئادەم ئۇنىڭدىن ھوزۇرلىنالايدۇ.
     
    Blackline ۋېلىسپىت: ئورېگوندىكى Manifest ۋېلىسپىت لاھىيەلەش مۇسابىقىسىدە، چىكاگو لايىھەلەش ئەترىتى Minimal كۆڭۈل قويۇپ Blackline ۋېلىسپىتنى لايىھەلەپ چىققان. بۇ خىل ۋېلىسپىت يىتەرلىك ساقلاش بوشلۇقى، LED كۆز توسقۇچى، شۇنداقلا ئەقلىي تۇتقۇچقا ئىگە بولۇشتەك ئالاھىدىلىككە ئىگە، ئەقلىي يانفۇندىكى ئەپ ئارقىلىق باشقۇرغىلى بولىدۇ، ئۇنىڭدىن باشقا يول باشلاش ئىقتىدارىغا ئىگە.
     
    Flo قوغدىغۇچ: Flo نۇرغۇن نامرات رايوندىكى بالىلار دۇچ كېلىۋاتقان مەسىلىنى ھەل قىلالايدۇ، ئۇلار ئىنتايىن قىممەت بولغان بىر قېتىملا ئىشلىتىدىغان تازىلىق قەغىزىنى ئىشلەتمىسىمۇ بولىدۇ. Flo قىزلارغا پاكىزلىق ئاتا قىلىدۇ، شۇنداقلا ئۇنى قايتا ئىشلەتكىلى بولىدۇ، كېسەل بولۇش ۋە يۇقۇملىنىشتىن ساقلانغىلى بولىدۇ.
     
    سامسۇڭ Flipwallet قاپچۇقى؛ بۇ بىر خىل LED ئەقلىي يانفۇن قاپچۇقى بولۇپ، ئۈستىدىكى LED چىرىقى ئارقىلىق يانفۇن ئۇچۇرىنى كۆرگىلى بولىدۇ. قاپچۇقنى ئاچقاندا، سىرتىدىكى كۆرسەتكۈچ ئېتىلىدۇ، يانفۇن ئېكرانى يانىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، قاپچۇقنىڭ ئۈستىدە كارتا ئوقۇرى بولۇپ، خېرىدارلار ھەر خىل كارتىلارنى سېلىپ قويسا بولىدۇ.
     
    Prolific Sink: لايىھەلەش مەركىزى KOHLER ياساپ چىققان Prolific Sink كۆپ ئىقتىدارلىق سۇ ئوقۇرى بولغاچقا، ئۇنىڭغا داتلاشماس پولات ماتېرىيالى ئىشلىتىلگەن، ئاستى قىسىمىغا تامتاختا تۇتقۇزۇلغان. ئۇنى ئەمبەل، جازا قىلىشقا ياكى سۈزگۈچ ۋە سۇ كۆلچىكى قىلىشقا بولىدۇ. Prolific Sink غا يەنە كۇنۇسسىمان سۇ چىقىرىش سېستىمىسى ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولۇپ، ئۈنۈمى تېخىمۇ يۇقىرى ۋە پاكىز.
     
    داۋىنچى ئوپىراتىسيە ماشىنا ئادىمى: Intuitive Surgical New Product Development Team لاھىيەلىگەن داۋىنچى ماشىنا ئادىمى ئىلغار تېخنىكىلىق ئوپىراتسىيە سېستىمىسى بولۇپ، ماشىنا ئادەم ئارقىلىق ئوپىراتسىيە مەشغۇلاتى قىلىنىدۇ. دوختۇر پەقەت ئاۋۇ يەردە ئولتۇرۇپ، ماشىنا بىلەكنى تېخىمۇ ئىنچىكە مەشغۇلات قىلدۇرسا بولىدۇ، ھەمدە قايتما ئىنكاسقا ئېرىشەلەيدۇ.
     
    Monstas بالىلار ئويۇنچۇقى: بۇ خىل ئۇيۇنچۇق مەخسۇس قول بۇغۇملىرى ياللۇغلىنىپ قالغان ئۆسمۈرلەر ئۈچۈن لايىھەلەنگەن بولۇپ، ئۇلارنىڭ بارمىقى ۋە بېغىشىنى چېنىقتۇرۇشقا ئىشلىتىلىدۇ. iPadدىكى ئەپ ئارقىلىق بالىلارغا ھەر خىل مەشىق ھەرىكەتلىرىنى قىلدۇرغىلى ۋە بارماق، بېغىش ۋە بوغۇملارنىڭ كۈچىنى ئاشۇرغىلى بولىدۇ.
     
    August ئەقلىي ئىقتىدارلىق قۇلۇپ: Kwiset ياساپ چىققان ئەقلىي ئىقتىدارلىق قۇلۇپ كۆك چىشلىق ئەقلىي قۇلۇپ بولۇپ، ئەنئەنىۋى قۇلۇپ جابدۇقلىرىنى كۈچەيتىدۇ ياكى ئۇلارنىڭ ئورنىنى ئالىدۇ. بۇ خىل ئەقلىي قۇلۇپنى ئەقلىي يانفۇن ئەپلىرىگە قوشقاندا، ھەر قانداق جايدا تۇرۇپ تۇرالغۇ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلغىلى بولىدۇ. ئۇنىڭ ئورالما لايىھەسى قارىماققا ئىشىككە ئوخشاپ كېتىدۇ، ئىچىدە قاتتىق دېتاللارنى قاچىلايدىغان ھۆججەتلەر يوشۇرۇلغان. IDSAنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ خىل ئەقلىي قۇلۇپنى سېتىۋالغاندىن باشلاپ خېرىدارلارغا بىخەتەرلىك تۇيغۇسى ئاتا قىلىدىكەن.
     
    Synchrony مۇزىكىلىق داۋالاش سۇپىسى: Synchrony ئەمەلىيەتتە دۇمباق بولماستىن، ئەكسىچە بىر خىل مۇزىكىلىق داۋالاش ئۇسۇلىدۇر. بۇ خىل سىزىمچان سۇپا مەخسۇس خامۇشلۇق كېسلىگە گىرىپتار بولغان بالىلار ۋە ئۇلارنىڭ ئاتا-ئانىلىرى ئۈچۈن لايىھەلەنگەن. بۇ دۇمباق ئالاھىدە لايىھەنگەن بولۇپ، مۇزىكا سەۋىيەسى قانچىلىك بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، خامۇشلۇق كېسىلىگە گىرىپتار بولغۇچى ۋە ئۇنىڭ ئاتا-ئانىسى يېقىملىق مۇزىكا ھاسىل قىلالايدۇ. خامۇشلۇق كېسىلىگە گىرىپتار بولغان بالىنىڭ ئاۋاز سەزگۈرلىكى ئالاھىدە بولىدۇ، Synchrony نىڭ مەقسىتى بۇيرۇق ئاۋازىنى كىشىنى خۇشال قىلىدىغان ئۇسۇلغا ئايلاندۇرۇشتۇر.
     
    IKO يالغان يالغان پۇت-قول سېستىمىسى: لايىھەلىگۈچى Carlos Arturo Torres پۇت-قولى كېسىۋېتىلگەن بالىلار ئۈچۈن IKO يالغان يالغان پۇت-قول سېستىمىسى كەشىپ قىلغان. بۇ سېستىمىنىڭ ھەر قايسى قىسىملىرىنى چۇۋۇغىلى بولىدۇ، بۇنىڭغا ئېھتىياجلىق بالىلار ئۇلارنى خالىغان قىياپەتتە ئۆزگەرتەلەيدۇ.
     
    موتورولا ئەقلىي تىڭشىغۇچى: Moto Hint ئەقلىي تىڭشىغۇچىدا ئاۋازلىق مەشغۇلات ئارقىلىق تېلېفۇن ئۇرغىلى بولىدۇ. بۇ خىل تىڭشىغۇچقا ياغاچ، خۇرۇم ۋە برېزېنت قاتارلىق ماتېرىياللار ئىشلىتىلگەن، ئۇنى تاقىغاندىن كېيىن خەۋەر، ئۇچۇر ۋە تېلېفۇن قوبۇل قىلغىلى بولىدۇ.
     
    لوندون مېترو Tubeسى: مېترو لوندون تۆمۈر يولىنىڭ بەلگىسى، ئۇنىڭ يەر ئاستىدا تىخىمۇ چوڭقۇرلۇشى ۋە ئاپتوماتلاشتۇرۇشنىڭ ئەمەلگە ئېشىشىغا ئەگىشىپ، لوندون تۆمۈر يولى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئەمەلگە ئاشۇردى. يېڭى مېترونىڭ سۇرئىتى ئىنتايىن تېز بولۇپ، ئۇسلۇبىمۇ ئىنتايىن مودا. 2022-يىلغا بارغاندا لوندوننىڭ ئاساسلىق تۆمۈر يول لىنىيەسىدىكى كېچىكىش ھادىسىسى كۆپ ئازايتىلىدۇ.
     
    CLUG ۋېلىسپىت ئاسما جازىسى: بۇ بىر ئىنتايىن ئاددى ۋېلىسپىت ئاسما جازىسى بولۇپ، ئۇنى تىك قۇرۇلۇشلارنىڭ تېمىغا ئاسقىلى بولىدۇ، ئاندىن ۋېلىسپىتنىڭ ئالدى چاقىنى ئۇنىڭغا ئېسىپ قويسا، خۇددى كىيىم ئېسىپ قويغانغا ئوخشاش قولايلىق بولىدۇ. پەقەت ئۇ بولسىلا، ئۆي ئىچى تېخىمۇ رەتلىك، تېخىمۇ ھاياتى كۈچكە ئىگە كۆرۈنىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىللە بوشلۇقنى تېجەيدۇ.
     
    Eton Rugged Rukus: بۇ بىر خىل قۇياش ئېنېرگىيەسىنى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ ئېنېرگىيە قىلىدىغان مۇزىكا قويغۇچ بولۇپ، كۆك چىش ئارقىلىق مۇزىكا قويغىلى بولىدۇ، دالىدا قونغۇچىلارغا ۋە سىرتتىكىلەرگە ئىنتايىن ماس كېلىدۇ.
     
    Flip Reel بېلىق تۇتقۇچ: لايىھەلىگۈچىلەر كۇبادىكى ئايلىنشىتىن ئىلھام ئېلىپ، ئىشلىتىشكە ئەپلىك بۇ خىل بېلىق تۇتقۇچنى لاىيىھەلەپ چىققان، بۇ خىل بېلىق تۇتقۇچنىڭ تۇتقۇچىغا ئادەم تېنى قۇرۇلۇش ئىلمى لايىھەسى قوللىنىلغان بولۇپ، بالىلارنىڭ ئىشلىتىشىگە ئىنتايىن ماس كېلىدۇ. ئۇزىراپ-قىسقىرايدىغان ماتېرىياللارنىڭ ئىشلىتىلىشى ئۇنىڭ ئېلىپ يۈرۈشكە ئەپلىكلىكى ۋە ساقلاشقا قولايلىق ئىكەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ.
     
    Craft پىۋا ئىستاكانى: Spiegelauنىڭ Craft پىۋا ئىستاكانى ھۈنەر-سەنئەت ئىستاكانى بولۇپ، كۈچلۈك قارا پىۋا، بۇغداي پىۋىسى ۋە IPA پىۋىسى قاتارلىقلارنىڭ ئالاھىدە پۇرىقى، تەمى ۋە كۈچلۈكلىكىنى ساقلايدۇ. IDSAنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ خىل ھۈنەر-سەنئەت ئىستاكانى بىر قاتار لايىھە ۋە تەجرىبىلەردىن ئۆتكەن ئىكەن.
     
    Innova مەكتەپ: بۇ Ideo ئۆمىكىنىڭ پېرۇدا ئاچقان تۆۋەن خىراجەتلىك، يۇقىرى سۈپەتلىك شەخسىي مەكتەپتۇر. مەزكۇر ئۆمەك خاسلاشتۇرۇپ ئۆگىنىش مائارىپىنى تەشەببۇس قىلىدۇ، بالىلارنى كارخانىچىلارغا ئوخشاش تەپەككۇر قىلدۇرىدۇ.
     
    MultipliCITY : بۇ بىر ئۆي سىرتىدىكى ئاممىۋى ئۆي جاھازلىرى بولۇپ، دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى لايىھەلىگۈچىلەر ئورتاق ھەمكارلىشىپ لايىھەلەپ چىققان. ئۇزۇن ئورۇندۇق، ئۈستەل، ۋېلىسپىت جازىسى، LED يول چىرىقى ۋە نەرسە ساندۇقىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇ مەھسۇلاتلار ئىنتايىن ئەپچىل بولۇپ، دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا ئىشتلىتىشكە ماس كېلىدۇ.
     
    GE Micro Kitchen: بۇ بىر مىكرو ئاشخانا بولۇپ، ئۇ ئىنتايىن كىچىك بوشلۇقنى ئىگىلەيدۇ، ئەمما ئەنئەنىۋى ئاشخانىلارغا ئوخشاش ئىقتىدارغا ئىگە. ئۇ تاماق ئېتىش، سوۋۇتۇش ۋە يۇيۇش قاتارلىق بۆلەكتىن تەركىب تاپقان، بوشلۇقنى تېجەپ قالماستىن، يەنە مۇھىت ئاسرايدۇ.
     
    Edyn باغچا سېنزورى: بۇ خىل Edyn باغچا سېنزورى ئارقىلىق باغچىنىڭ تۇپرىقى، ھاۋاسى ۋە قۇياشنىڭ يورۇتۇش شارائىتى قاتارلىقلاردىن خەۋەردار بولغىلى بولىدۇ. بۇ خىل قۇرۇلما ئەقلىي يانفۇن ئەپلىرى ئارقىلىق ئىشلەتكۈچىگە ئۆسۈملۈكنىڭ ھالىتىنى ئېيتىپ بېرىدۇ، ھەمدە ئۆزگەرتىش تەكلىپىنى بېرىدۇ.
     
    باشلان تورى ئادرىسنى ئىسىڭىزدە ساقلىۋىلىڭ ! : www.Baxlan.com

    شىنجاڭ باشلان تور-تېخنىكا مەركىزى

    Xinjiang Bashlan Technology Center

    بىكەت مەسئۇلى : ئەكبەر ، ئىلان ئالاقە ھەمكارلىق : 13899990941

    QQ , Wechat : 652952113 , 652952114

    پۈتۈن كۈچىمىز بىلەن مۇقىملىقنى قوغداپ ئىناق شىنجاڭ بەرپا قىلايلى !
    新ICP备14002316号-1