باش بەت قىلىڭ ساقلىۋىلىڭ باشلان تورىغا كەلگەن قەدىمىڭىزگە مەرھابا !
يىڭى قوشۇلغانلىرى
  • ئوتتۇرا شەرقتىكى دۆلەتلەر نېفىت بەيگىسىگە چۈشتى
  • «خەلقئارا كەچۈرۈم» تەشكىلاتى: ئىپپىتىنى سېتىش كىشىلىك ھوقۇقمۇ؟
  • كىرىستىئانو رونالدو بىلەن توپ مەستانىسى كىيىم ئالماشتۇردى
  • كەلگۈسى ئۈچ كۈندە شەھرىمىزدە تېمپېراتۇرا تۆۋەنلەيدۇ
  • ئابلاجان تور ناخشا كچىلىكىدىكى نەق مەيدان ئورۇنلىغان‹‹تەتىل››ناملىق ناخشا ھوزۇرىڭلاردا !
  • ياپونىيەدىكى ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىش ئەڭ كۆپ يۈز بېرىدىغان قويۇق ۋە سىرلىق ئورمانلىق
  • ئامېرىكىدا «ئىقتىساد جاسۇسلىقى» بىلەن قولغان ئېلىنغان جۇڭگولۇق پىروفېسسور قويۇپ بېرىلدى
  • جۇڭگو چىرىكلىككە قارشى تۇرۇشتا بۈگۈنگە قەدەر 38.7 مىليارد يۈەننى قايتۇرۇپ كەلدى
  • شى جىنپىڭ تۈركىيە زۇڭتۇڭى ئەردوغان بىلەن سۆھبەتلەشتى
  • ب د ت: دۇنيا نوپۇسى 2050-يىلى 9 مىليارد 700 مىليونغا يېتىدۇ
  • روسىيەدىكى ئېسىل ئائىلىلەر بالىلىرىنىڭ ئۆسۈپ -يېتىلىش جەريانى
  • ھىندى ئوكياندىكى كىچىك ئارالدىن مالايسىيانىڭ MH370 ئايروپىلانىغا ئوخشايدىغان قالدۇق بايقالدى
  • جەنۇبىي ئافرىقىدا 33 مەكتەپ تاقىلىپ ساقچىلار بىلەن پۇقرالار توقۇنۇشۇپ قالدى
  • سەئۇدى ئەرەبىستانى يادرو قوراللىرىدىن قانچىلىك يىراقلىقتا؟
  • خىرىدارلار دوستلىرىنى تېسلا ئاپتوموبىلى سېتىۋېلىشقا تەۋسىيە قىلسا، 1000 دوللارغا ئېرىشىدىكەن
  • ھەر قايسى دۆلەت گۈزەللىرى
  • مۇشۇ تۈردىكى يىڭىسى
  • ئوتتۇرا شەرقتىكى دۆلەتلەر نېفىت بەيگىسىگە چۈشتى
  • دۇنيادىكى ئەڭ ياش ئىگىلىك تىكلىگۈچىلەر توپى ھىندىستان بانگالوردا ئىكەن
  • 25 ئۆلكە،شەھەر ،ئاپتونۇم رايۇن لېفت يوشۇرۇن خەۋپى ئاشكارلاندى،سىز ئىشلەۋاتقان ئىدارە ياكى ئولتۇراق رايۇنى بۇ تىزىملىكتە بارمىكەن؟
  • جۇڭگو بەرەڭگە تېرىش ۋە ئىستېمال قىلىشتىكى بىرىنچى چوڭ دۆلەتكە ئايلاندى
  • خەلقئارادىكى نېفىت باھاسى 4 ئايدىن بۇيانقى ئەڭ تۆۋەن سەۋىيەگە چۈشتى
  • قازاقىستان دۇنيا سودا تەشكىلاتىغا كىرىش سالاھىيىتىگە ئېرىشتى
  • نېفىت باھاسى 40 دوللارغا چۈشمىگۈچە توختىمايدۇ دەپ قارالدى
  • نېفىت باھاسى يۈزلىنىشى تېخىمۇ چاتاق بولامدۇ
  • جۇڭگودىكى دەرىجىدىن تاشقىرى 10 چوڭ شىركەت
  • دۇنيادىكى ئەڭ باي ئەر-ئاياللار تىزىملىكى ئېلان قىلىندى
  • ئۈرۈمچىدە 93-نومۇرلۇق بېنزىن 5.9 يۈەنگە چۈشتى
  • ئۈرۈمچىدىكى يېڭى ئۆيلەرنىڭ باھاسى «ئۇدا ئالتە قېتىم چۈشتى»
  • جۇڭگو مەركىزىي بانكىسى تور پۇل-مۇئامىلىسىنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىدۇ
  • بۈگۈن كەچ ماي باھاسى 2 مو ئەتراپىدا چۈشىدۇ
  • ھەپتىلىك كۆپ كۆرۈلگەنلىرى
  • تۈركىيە زۇڭتۇڭى ئەردوغان جۇڭگودا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولىدۇ
  • تۈركىيە زۇڭتۇڭى: جۇڭگو بىلەن بولغان ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىشنى ئۈمىد قىلدى
  • ئەردوغان جۇڭگودىكى زىيارىتىنى باشلىدى
  • «شىنجاڭ تالانت سەھنىسى» دىكى باھالىغۇچىلارنى باھالىغان خالمۇرات
  • ئامېرىكا تۈرمىلىرىدە خېنىم چىراي ئەرلەرنىڭ ھالى خاراب
  • ئەردوغان خەلق قەھرىمانلىرى خاتىرە مۇنارىغا گۈلچەمبىرەك تەقدىم قىلدى
  • سادام مەزگىلىدىكى ئىراق پۇقرالىرى ئەڭ باي-باياشات، خوشال-خورام
  • تالىباننىڭ رەھبىرى ئۆمەر ئىككى- ئۈچ يىل ئىلگىرىلا ئۆلگەن ئىكەن
  • سېلىنا گومىزنىڭ بىر قاتار ئېلان سۈرەتلىرى ئاشكارىلاندى
  • جۇڭگو قارا گۇرۇھلىرى فىلىپپىنغا كىرىپ مەخسۇس جۇڭگولۇق سودىگەرلەرنى بۇلىدى
  • شاھرۇھخاننىڭ يالى ئۇنىۋېرسىتېتىدا سۆزلىگەن نۇتۇقى
  • تام كرۇسنىڭ 22 ياشلىق قىز دوستىنىڭ خۇسۇسىي سۈرەتلىرى ئاشكارلاندى
  • «جاللات جون» ئۆلۈمدىن قورقۇپ بەدەر قاچتى
  • شىنجاڭنىڭ سابىق مۇئاۋىن سېكرېتارى ياڭ گاڭ ئۈستىدىن شىكايەت سۇنۇلدى
  • ئوتتۇرا شەرقتىكى دۆلەتلەر نېفىت بەيگىسىگە چۈشتى

    مەنبە :       يوللىغۇچى :       يوللانغان ۋاقىت : 2015-07-30 13:48:47

    /

    ياپونىيە «ئاساخى خەۋەرلىرى» 15-ئىيۇل «ئوتتۇرا شەرقتىكى دۆلەتلەر نېفىتنىڭ ئىشلەپچىقىرىش مىقدارىنى ئاشۇرۇش بەيگىسىگە ئاتلاندى» سەرلەۋھىلىك ماقالە ئېلان قىلغان.

    ئوتتۇرا شەرقتىكى دۆلەتلەرنىڭ نېفىت ئىشلەپچىقىرىش مىقدارىنى ئاشۇرۇش رىقابىتى كۈنسېرى كۈچىيىشكە باشلىدى. نېفىت ئېكسپورت قىلىدىغان دۆلەتلەر تەشكىلاتىغا (ئوپىك) ئەزا 12 دۆلەت ئىشلەپچىقارغان نېفىت مىقدارى بۇ يىل ئىيۇندا ئۈچ يىلدىن بۇيانقى ئەڭ يۇقىرى چەككە يەتكەن. ئامېرىكا سىلانتىس نېفىتىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش مىقدارىنى ئاشۇرۇپ، خەلقئارا نېفىت باھاسىنىڭ تۆۋەنلىتىۋەتكەن شارائىتتا، ھەر قايسى دۆلەتلەر «كۆپلەپ نېفىت سېتىش» ئارقىلىق مالىيىنىڭ مۇقىملىقىغا كاپالەتلىك قىلىشقا باشلىغان. ھەر قايسى ئەزا دۆلەتلەرنىڭ مەنپەئىتىنى ماسلاشتۇرۇشقا مەسئۇل ئوپىك تەشكىلاتى مەزھەپ سەۋەبىدىن رولىنى بارغانسېرى جارى قىلدۇرالمىغان.

    ئوپىكقا ئەزا 12 دۆلەتنىڭ ئىيۇندىكى كۈندىلىك نېفىت ئىشلەپچىقىرىش مىقدارى 32 مىليون 120 مىڭ تۇڭغا يېتىپ، 2012-يىلى ئاۋغۇستتىن بۇيانقى ئەڭ يۇقىرى قىممەتكە يەتكەن. سەئۇدى ئەرەبىستان كۈنىگە 10 مىليون تۇڭ؛ ئىراق كۈنىگە 4 مىليون تۇڭ نېفىت ئىشلەپچىقارغان. بۇنىڭدىن باشقا ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى، كۇۋەيتمۇ ئىشلەپچىقىرىش ئۈسكۈنىلىرىنى كېڭەيتىشكە باشلىغان. ھەر قايسى دۆلەتلەر چىقىمىنىڭ ئورنىنى كۆپلەپ نېفىت سېتىش ئارقىلىق تولدۇرۇشقا ئاتلانغان.

    «ئاساخى خەۋەرلىرى» بۇ يىل يانۋاردا ئىراقنىڭ جەنۇبىي قىسمىغا جايلاشقان دۆلەت ئىگىلىكىدىكى شىگۇرنا نېفىتلىكىنى زىيارەت قىلغاندا نېفىتلىكنىڭ بىر خادىمى :«ئىشلەپچىقىرىش مىقدارى مۇقىم ئېشىۋاتىدۇ، ئېشىش مىقدارى ھۆكۈمەتنىڭ پىلانى بىلەن بىردەك بولۇۋاتىدۇ»دېگەن.

    شىگۇرنا نېفىتلىكىدە تېخى قېزىلمىغان رايونلار خېلى بار بولۇپ، بۇ يەردىكى نېفىتنىڭ زاپاس مىقدارى دۇنيادا ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىكەن. يىلنىڭ بېشىدا بۇ نېفىتلىكىنىڭ كۈندىلىك ئىشلەپچىقىرىش مىقدارى 450 مىڭ تۇڭ بولغان بولسا، ئەمدىلىكتە 550 مىڭ تۇڭغا يەتكەن.

    ئىراق كىرىمىنىڭ %90 ى نېفىتتىن كېلىدۇ، غەربىي شىمال قىسمىدا تەسىر دائىرىسىنى ئۈزلۈكسىز كېڭەيتىۋاتقان «ئىسلام دۆلىتى» گە تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن، ئىراق ھۆكۈمىتى مالىيىنىڭ يېتەرلىك بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلمىسا بولمايدىكەن، شۇڭا ئىراق ھۆكۈمىتى نېفىت ئىشلەپچىقىرىش مىقدارىنى داۋاملىق ئاشۇرۇۋېتىپتۇ.

    ئوپىكنىڭ رەھبىرى بولغان سەئۇدى ئەرەبىستان ئىلگىرى نېفىتنىڭ ئىشلەپچىقىرىش مىقدارىنى كېمەيتىش ئارقىلىق ئەزا دۆلەتلەرنىڭ ھەمكارلىقىنى كۈچەيتكەن بولسا، ئەمدىلىكتە ئۇلارمۇ ئىشلەپچىقىرىش مىقدارىنى ئاشۇرۇشقا باشلىغان. سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ نېفىت ۋەزىرى ئېلى نەيىم يېقىندا ئېچىلغان ئوپىك يىغىنىدا مۇخبىرغا مۇنداق دېگەن:«نېفىت ئىشلەپچىقىرىش مىقدارىنى ئاشۇرۇش ھوقۇقى دۆلەتكە تەۋە».

    سەئۇدى ئەرەبىستان بۇ يىل مارتتا ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى  قاتارلىق دۆلەتلەر بىلەن بىرلىشىپ يەمەندىكى ھۆكۈمەتكە قارشى «ھۆسەين» قوراللىقلىرىنى بومباردىمان قىلىشقا باشلىغان، شۇنىڭدىن باشلاپ «ھۆسەين» قوراللىقلىرىنى قوللاۋاتقان شىئە مەزھىپى دۆلىتى ئىران بىلەن سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ مۇناسىۋىتى يىرىكلەشكەن، شۇڭا ئۇلارمۇ نېفىت ئىشلەپچىقىرىش مىقدارىنى ئاشۇرۇش ئارقىلىق ھەربىي خىراجەتكە كاپالەتلىك قىلمىسا بولمايدۇ.

    ئەنگلىيە نېفىت شىركىتى ئىيۇندا ئېلان قىلغان ستاتىستىكىغا ئاساسلانغاندا، 2014-يىلى ئامېرىكا كۈندىلىك ئىشلەپچىقارغان نېفىت مىقدارى 11 مىليون 614 مىڭ تۇڭغا يەتكەن ھەم سەئۇدى ئەرەبىستاندىن ئېشىپ، دۇنيا بويىچە نېفىتنى ئەڭ كۆپ ئىشلەپچىقىرىدىغان دۆلەت بولۇپ قالغان.

    ئوخشىمايدىغان يېرى شۇكى، ئوتتۇرا شەرقتىكى نېفىت شىركەتلىرىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش مىقدارىنى دۆلەتنىڭ سىياسىتى بەلگىلىسە، ئامېرىكىنىڭ سىلانتىس نېفىت شىركەتلىرى ئىشلەپچىقىرىش مىقدارىنى بازارنىڭ ئېھتىياجى بويىچە مۇۋاپىق تەڭشەيدىكەن.

    سىلانتىس نېفىتى ئالاھىدە تېخنىكىدىن پايدىلىنىپ چوڭقۇر يەر ئاستى نېفىتنى قېزىپ چىقىدىغان بولغاچقا، باھاسى ئەنئەنىۋى ئۇسۇلدىن پايدىلىنىپ قېزىلغان نېفىتنىڭ باھاسىدىن يۇقىرى ئىكەن. بەزى تەھلىلچىلەرنىڭ قارىشىچە، ئوپىكقا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ نېفىت باھاسىنىڭ چۈشۈپ كەتكىنىگە قارىماي ئىشلەپچىقىرىش مىقدارىنى ئاشۇرۇشىدىكى مەقسىتى  باھا ئەۋزەللىكىدىن پايدىلىنىپ ئامېرىكا شىركەتلىرىنىڭ نېفىت ئىشلەپچىقىرىش مىقدارىنى چەكلەش.

    ئامېرىكىدىكى سىلانتىس نېفىت شىركەتلىرىنىڭ كۆپىنچىسى ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلار بولغاچقا، ئۇلار ئىشلەپچىقىرىش مىقدارىنى بازار ئېھتىياجى بويىچە مۇۋاپىق تەڭشەپ تۇرىدۇ. بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان خەلقئارادا نېفىتنىڭ باھاسى ئاساسەن مۇقىم بولغاچقا، ئادەتتە مەبلەغ سوممىسىنى كېمەيتىدىغان بۇ شىركەتلەر مەبلەغ سېلىش سوممىسىنى ئاشۇرۇشقا باشلىغان.

    خەلقئارا ئېنېرگىيە مەھكىمىسى (IEA) 12-ئىيۇل ئېلان قىلغان مۆلچەرگە ئاساسلانغاندا، كېلەر يىلى دۇنيانىڭ نېفىتكە بولغان ئېھتىياجى بىر ئىزىدا توختاپ قالىدىكەن،  ئەگەر تەمىنلەش ئېھتىياجدىن ئېشىپ كەتسە، دۇنيانىڭ نېفىتكە بولغان ئېھتىياجى داۋاملىق بىر ئىزدا توختاپ قېلىشى مۇمكىن ئىكەن . ئەگەر ئىرانغا يۈرگۈزۈلۈۋاتقان بارلىق جازا ئەمەلدىن قالدۇرۇلسا، ئۇنداقتا ئىشلەپچىقارغان نېفىتلەر قايتىدىن دۇنيا بازىرىغا كىرىدىكەن. ئۇ چاغدا تەمىنلەش ئېھتىياجدىن تېخىمۇ ئېشىپ كېتىشى، خەلقئارادا نېفىتنىڭ باھاسى يەنىمۇ تۆۋەنلەپ كېتىشى مۇمكىن ئىكەن.

     

    «ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى»دىن ئېلىندى

     

    باشلان تورى ئادرىسنى ئىسىڭىزدە ساقلىۋىلىڭ ! : www.Baxlan.com

    شىنجاڭ باشلان تور-تېخنىكا مەركىزى

    Xinjiang Bashlan Technology Center

    بىكەت مەسئۇلى : ئەكبەر ، ئىلان ئالاقە ھەمكارلىق : 13899990941

    QQ , Wechat : 652952113 , 652952114

    پۈتۈن كۈچىمىز بىلەن مۇقىملىقنى قوغداپ ئىناق شىنجاڭ بەرپا قىلايلى !
    新ICP备14002316号-1