سىنا تەنتەربىيەسىنىڭ 29-ئىيۇل خەۋىرى: نېيمار يېڭى ئەۋلاد توپچىلارنىڭ ئارىسىدىكى قالتىس توپچىلارنىڭ بىرى بولۇپ، نۇرغۇن كىشىلەر ئۇنى مېسسى بىلەن سېلىشتۇرىدۇ، ئەمما نېيمار بۇنداق سېلىشتۇرۇشنى ئانچە ياقتۇرۇپ كەتمەيدۇ. يېقىندا ئۇ SporTVنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا، مېسسىدىن ئېشىپ كېتىشنى خالىمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
نېيمار بۇ يىل ئەمدى 23 ياشقا كىردى، ئەمما ئۇ ئاللىقاچان برازىلىيە كوماندىسىنىڭ يادرولۇق ئەزاسىغا ئايلاندى، شۇنىڭ بىلەن بىللە ئۇ يەنە بارسېلونا كوماندىسىنىڭ ئالدىنقى سېپىدە كەم بولسا بولمايدىغان ھۇجۇمچىغا ئايلاندى. ياش نېيمار بۈگۈنكى كۈندە برازىلىيە كوماندىغا ۋاكالىتەن 64 مەيدان مۇسابىقىگە چۈشۈپ، جەمئىي 44 توپ كىرگۈزدى. ئۇنىڭدىن باشقا، بارسېلوناغا ئەزا بولغاندىن بۇيانقى قىسقىغىنا ئىككى يىل جەريانىدا 92 مەيدان مۇسابىقىگە چۈشۈپ، 54 توپ كىرگۈزۈشتەك نەتىجىنى قولغا كەلتۈردى. ئۇنىڭ قالتىس ئىپادىسىنى نەزەردە تۇتقاندا، كىشىلەرنىڭ ھەممىسى ئۇنىڭ مېسسىغا يېتىشىۋېلىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ، ئەمما نېيمار بۇنداق بولۇشنى خالىمايدۇ.
نېيمار مونۇلارنى بىلدۈردى: «مېسسىدىن ئۆتۈپ كېتىشكە ئۇرۇنمايمەن، ئۇ مېنىڭ نىشانىم ئەمەس. مەن پەقەت ئۆزۈمنىڭ كەسپىي ھايات ئوربېتام بويىچە ياشايمەن، چېمپيونلۇقنى قولغا كەلتۈرىمەن، شۇنداقلا ئۆزۈم قىلىشنى ئويلاپ كەلگەن ئىشلارنى قىلىمەن. مەن ھېچقانداق بىرىدىن ئۆتۈپ كېتىشكە ئۇرۇنمايمەن، مېنىڭ نىشانىم پەقەت ئۆزۈمنى توختىماستىن ئالغا باستۇرۇش».
نېيمار كوماندىدىكى سەپدىشى مېسسىغا قارىتا مونۇلارنى بىلدۈردى: «مېسسى بىر ئۇلۇغ چولپان، بۇ ئۇنىڭغا نىسبەتەن ياخشى ئىش، ئەمما بەزى چاغدا جەزمەن ياخشى بولمايدۇ، چۈنكى مۇداپىئەدە تۇرىدىغان توپچىلار ئەڭ دىققەت قىلىدىغان قىزىق نۇقتىلىق توپچى. دۆلەت كوماندىسى قاتلىمىدا ئامال قىلىپ برازىلىيە كوماندىسىنىڭ غەلبىنى قولغا كەلتۈرۈشىگە ياردەملىشىمەن، بۇ بىر ناھايىتى مۈشكۈل مۇسابىقە (2018-يىللىق دۇنيا لوڭقىسى تاللاش مۇسابىقىسى، برازىلىيە ئارگېنتىنا بىلەن مۇسابىقىلىشىدۇ)، ئەمما تاللاش مۇسابىقىلىرىنىڭ ھەممىسى ئىنتايىن قىيىن بولىدۇ». 2018-يىللىق دۇنيا لوڭقىسى جەنۇبىي ئامېرىكا رايونى تاللاش مۇسابىقىسىدە، برازىلىيە كوماندىسى ئارگېنتىنا كوماندىسى بىلەن مۇسابىقىلىشىدۇ، ۋاقتى كەلگەندە، نېيمار مېسسى بىلەن بىۋاستە رىقابەتلىشىدۇ.