يېڭى شوپۇرلار يولغا چىققاندا ھەمىشە بىر قىسىم مەسىلىلەرگە ئۇچىرايدۇ. ئولتۇرۇش ھالىتىنى ۋە ئارقىنى كۆرۈش ئەينىكىنى تەڭشەپ، رول، ماي كلاپانى، ئۇلىغۇچنى ياخشى ماسلاشتۇرۇپ يولغا چىقسام بولىدۇ دەپ قارايدۇ.بەزى ئىشلار خىيالىغا كەلمەيدۇ، ئەمىلىيەتتە سىزنىڭ ماشىنىڭىزدا يەنە كۆپلىگەن «سەل قاراشقا بولمايدىغان» كۇنۇپكىلارنى سىز قالايمىقان باسسىڭىز بولمايدۇ.
تۆۋەندىكىلىرى قالايمىقان بېسىشقا بولمايدىغان كۇنۇپكىلار:
1. ماي باكى قاپقىقى كۇنۇپكىسى
خاتا بېسىش كۆرسەتكۈچى: ★
خاتا بېسىش يوشۇرۇن خەۋىپى: ماي خورايدۇ
نۆۋەتتە يەنىلا بىر قىسىم ماشىنا تىپلىرى ئىچىدىن ماي باكى قاپقىقىنى ئاچىدىغان شەكىلنى ئىشلىتىدۇ، يەنە بىر قىسىم ماشىنا تىپىدا قۇلۇپلىغاندىن كېيىن بىۋاستە ھالدا ماي باكى قاپقىقىنى يىنىكلا بېسىپ قويسا دەرھال ئېچىلىدۇ، بىراق ماي باكى قاپقىقى كۇنۇپكىسى ۋە ئارقا زاپاس ساندۇق كۇنۇپكىسى زىيادە يېقىن بولغانلىقتىن، خاتا بېسىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن. شۇ سەۋەبتىن، ھەرقېتىم ماي قاچىلاشتىن ئىلگىرى چوقۇم ماي باكى قاپقىقىنى ئاچقاندىن سىرت، باشقا ۋاقىتتا ئامال بار ئاچماسلىق كېرەك.
2. ماتور قاپقىقى كۇنۇپكىسى
خاتا بېسىش كۆرسەتكۈچى: ★★★
خاتا بېسىش يوشۇرۇن خەۋىپى: توك خورايدۇ
بىلمىگەن ئەھۋالدا، بولۇپمۇ جىددى ئەھۋالدا دائىم ئارقا زاپاس ساندۇقنى ئاچقان ۋاقىتتا خاتا ھالدا ماتور قاپقىقىنى ئېچىپ قويىشى مۇمكىن. بۇ كۇنۇپكا ئادەتتە بىر قەدەر يوشۇرۇن ئورۇنغا جايلاشقان، بەزى ماشىنا تىپىدا ھەتتا بۇ كۇنۇپكىنىڭ ھېچقانداق بەلگىسى يوق، ئۇنىڭ ئۈستىگە قوزغاتقاندىن كېيىن كۆپ قىسىم ماشىنىنىڭ سائىتىدە ھېچقانداق ئەسكەرتىش كۆرۈلمەيدۇ.
3. يىراقنى يورۇتۇش چىرىقى كۇنۇپكىسى
خاتا بېسىش كۆرسەتكۈچى: ★★★★★
خاتا بېسىش يوشۇرۇن خەۋىپى: قىسقا پەيىتتە قارىغۇ قىلىدۇ
كۆپلىگەن يېڭى شوپۇرلار يېقىننى يورۇتۇش چىرىقى ۋە يىراقنى يورۇتۇش چىرىقىنىڭ پەرقىنى ئېنىق چۈشەنمەسلىكى مۇمكىن، يىراقنى يورۇتۇش چىرىقى ماشىنا يولىدىكى شوپۇر ۋە يېڭى شوپۇرنى «قىسقا پەيىتتە قارىغۇ قىلىدۇ»، 30 سىكۇنىت ئىچىدە ھەرقانداق نەرسىنى كۆرەلمەيدۇ، ناھايىتى ئاسانلا ۋەقە يۈز بېرىدۇ. يول چىرىقى قوزغىتىلغان ياكى باشقا يورۇتۇش بىرقەدەر ياخشى بولغان يولدا ماشىنا ھەيدىگەندە يىراقنى يورۇتۇش چىرىقىنى قوزغاتماسلىق كېرەك، يىراقنى كۆرۈش چىرىقىنى قوزغاتقان ماشىنا چوقۇم ئالدىدىكى ماشىنىدىن 150 مېتىر ئىلگىرى يېقىننى يورۇتۇش چىرىقىنى ئالماشتۇرىشى كېرەك.
4. AUTO HOLD ئاپتوماتىك توختىتىش كۇنۇپكىسى
خاتا بېسىش كۆرسەتكۈچى: ★★★★
خاتا بېسىش يوشۇرۇن خەۋىپى: ماشىنا تېيىلىپ كېتىدۇ
قىسمەن كونا شوپۇرلار بۇ كۇنۇپكىنىڭ ئىشلىتىلىشى كۆپ ئەمەس دەپ قارايدۇ، ھەتتا مەلۇم دەرىجىدە ماشىنىنى ئارقىغا ياندۇرغان ۋاقىتتىكى ئاۋارىچىلىقنى كۆپەيتىۋېتىدۇ دەپ قارايدۇ، ماشىنىغا چىققاندىن كېيىن بۇ ئىقتىدارنى ئىتىۋېتىشى مۇمكىن. ئەمما يېڭى شوپۇرلار ماشىنىغا چىققاندا ئەسلىدە تېيىلىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئالاھىدە ئىقتىدارىغا ئىگە كۇنۇپكىنى ئىتىۋەتكەنلىكتىن، بەلكىم يېڭى شوپۇر كۆنەلمەي ماشىنىنى تېيىلدۇرۇپ ۋەقە تۇغدۇرىشى مۇمكىن.
5. بىخەتەرلىك ھاۋا خالتىسى كۇنۇپكىسى
خاتا بېسىش كۆرسەتكۈچى: ★★★
خاتا بېسىش يوشۇرۇن خەۋىپى: كۈچلۈك سوقۇلۇشقا يولۇققاندا قوغداش كەمچىل بولىدۇ
بىخەتەرلىك ھاۋا خالتىسىنىڭ كۇنۇپكا ئورنى مەركىزى كونترول سۇپىسىنىڭ ئەڭ ئوڭ تەرىپىگە ئورۇنلاشتۇرۇلغان، ئەمما بەزىلىرى شوپۇرنىڭ يېنىدىكى ئورۇننىڭ ئۇدۇل تەرىپىدىكى نەرسە قويىدىغان جايغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان. ئادەتتە نەرسە ئالغان ۋاقىتتا دىققەتسىزلىكتىن كۇنۇپكىغا تىگىپ كېتىپ، بىخەتەرلىك ھاۋا خالتىسىنىڭ ئۇزۇن مەزگىل ئىتىلىپ قېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن. كۈچلۈك سوقۇلۇشقا ئۇچىرىغاندا ماشىنىنىڭ بىخەتەرلىك قۇرۇلمىسى قوغداش رولى ئۆتىيەلمەيدۇ.
6. ماشىنا گەۋدىسىنى مۇقىملاشتۇرۇش سېستىمىسى ESP كۇنۇپكىسى
خاتا بېسىش كۆرسەتكۈچى: ★★★
خاتا بېسىش يوشۇرۇن خەۋىپى: يامغۇر، بۇرۇلۇش قاتارلىقلاردا ئاسانلا كونتروللۇقىنى يوقىتىدۇ
ESP، ESC قاتارلىق بىخەتەرلىك سەپلىمىسى نۆۋەتتە كۆپ ساندىكى ماشىنا تىپىنىڭ ئۆلچەملىك سەپلىمىسى، ماشىنىنى تېخىمۇ كۆپلىگەن يول ئەھۋالىغا ماسلاشتۇرىدۇ. ئەمما بۇ كۇنۇپكا ئادەتتە مەركىزى كونترول قىلىش سۇپىسىغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان، شوپۇر يېنىدا ئولتۇرغۇچى، ھەتتا ئارقىدا ئولتۇرغۇچى ناھايىتى ئاسانلا بۇ كۇنۇپكىنى بېسىشى مۇمكىن، ھەم يېڭى شوپۇر يېڭى ماشىنا بىلەن ئۇچىراشقان ئۇقۇشماسلىقتىن بۇ كۇنۇپكىنى ئىتىپ قويىدۇ. بۇ ئىقتىدار ئىتىۋېتىلگەندىن كېيىن ئەگمە يول ياكى يامغۇرلۇق يولدا ماشىنىنىڭ ئۆرۈلۈپ چۈشۈش نىسبىتىنى ئۆرلىتىدۇ.
7. ئاپتوماتىك چوڭ چىراق كۇنۇپكىسى
خاتا بېسىش كۆرسەتكۈچى: ★★★
خاتا بېسىش يوشۇرۇن خەۋىپى: قاراڭغۇ كېچىدە يول يۈرۈش بىخەتەر بولمايدۇ
كېچىدە يول يۈرگەندە، ھازىر كېچىدە يول چىرىقىنىڭ قاپلىنىش نىسبىتى يۇقىرى بولغانلىقتىن، شوپۇر چىراقنى ئېچىش ھاجەتسىز ھېس قىلىشى مۇمكىن ياكى يول مۇساپىسى نىسبەتەن قىسقا بولغانلىقتىن چىراقنى ئېچىشقا ھۇرۇنلۇق قىلىشى مۇمكىن، يەنە شوپۇر چىراقنىڭ تېخىمۇ ئۇزۇن ئۆمۈرى ئۈچۈن قولدا ئېچىپ ئىتىشنى تاللىشى مۇمكىن. بۇنىڭ ھەممىسى كېچىدە يول يۈرۈش بىخەتەرلىك كوئىفىنسىنتىنى تۆۋەنلىتىۋېتىدۇ.
8. گۈدۈك كۇنۇپكىسى
خاتا بېسىش كۆرسەتكۈچى: ★★★★★
خاتا بېسىش يوشۇرۇن خەۋىپى: جەرىمانە تۆلەش خەۋىپى بولىدۇ
گۈدۈكنى قالايمىقان باسقاندا ئاسانلا جەرىمانە تۆلەيدۇ. ئوخشىمىغان جاينىڭ گۈدۈك چېلىشقا قارىتا ئوخشىمىغان بەلگىلىمىسى بار، ھەم ھەرقايسىسىنىڭ ئۆز ئالدىغا جەرىمانە قويۇش شەكىلى بار. گۈدۈكنى قالايمىقان بېسىشنى بىرىنجى، ئىككىنچى لىنىيەدىكى شەھەرلەرنىڭ باشقۇرىشى نىسبەتەن قاتتىق. گۈدۈكنى قالايمىقان بېسىشقا جەرىمانە قويۇش ئاساسلىقى ئىككى خىل ئەھۋالغا ئايرىلىدۇ، بىر خىلى گۈدۈك چېلىشقا بولىدىغان رايوندا توغرا شەكىلدە گۈدۈك چالماسلىق، مەسلەن ۋاقىت ئۇزۇن، داۋانلىق گۈدۈك چېلىش، يەنە بىر خىلى گۈدۈك چېلىش چەكلەنگەن رايوندا گۈدۈك چېلىش.