باش بەت قىلىڭ ساقلىۋىلىڭ باشلان تورىغا كەلگەن قەدىمىڭىزگە مەرھابا !
يىڭى قوشۇلغانلىرى
  • تۇرپان-ئۈرۈمچى تاشيولىدا بىر ئاپتوبۇسقا تۇيۇقسىز ئوت كەتتى
  • ئۈرۈمچى شەھىرىدە 127 نەپەر مەمۇرىي خادىم قوبۇل قىلىنىدۇ
  • كىشىلەر نېمىشقا دوستلار چەمبىرىكىنى ياخشى كۆرىدۇ؟
  • دياۋيۈ ئارىلىنى چارلاۋاتقان جۇڭگو دېڭىز ساقچىلىرى ياپونىيەنىڭ توسقۇنلۇق قىلىشىغا ئۇچرىدى
  • تۈركىيە قانداق بولۇپ ئىراق شام ئىسلام دۆلىتىگە ئۇرۇش ئېلان قىلدى
  • شىر ماشىنىلار ئارقىلىق بۆكەننى قاپسىۋالدى
  • يۈرەكنى لەرزىگە سالدىغان سۈرەتلەر توپلىمى
  • لى كېچياڭ تۈركىيە زۇڭتۇڭى ئەردوغان بىلەن كۆرۈشتى
  • قاتناش جەرىمانىسىنى ئۆلكە ھالقىپ تاپشۇرۇش سىناق قىلىنىدىكەن
  • ئامېرىكىلىق ماھىر 26 تۇخۇ قانىتىنى يەپ چېمپىيون بولدى
  • لامبورگىن Huracan Roadster كېلەر يىلى مارتتا ئېلان قىلىنىدىكەن
  • ما يۈننىڭ ستانفورد ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى نۇتۇقى
  • 4-نۆۋەتلىك جۇڭگو شىنجاڭ خەلقئارا مىللىيچە ئۇسسۇل بايرمىدىكى نادىر سۈرەتلەر
  • چولپانلار ساندۇق شەكىلدىكى سومكىغا ئاشىق بولدى
  • جۇڭگو بىلەن تۈركىيەنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىقىنىڭ مەزمۇنىنى كېڭەيتىش ۋە تولۇقلاش كېرەك
  • 81 ياشلىق مەمتىمىن بوۋاينىڭ دېھقانلار كۇتۇپخانىسى
  • مۇشۇ تۈردىكى يىڭىسى
  • تۇرپان-ئۈرۈمچى تاشيولىدا بىر ئاپتوبۇسقا تۇيۇقسىز ئوت كەتتى
  • قاتناش جەرىمانىسىنى ئۆلكە ھالقىپ تاپشۇرۇش سىناق قىلىنىدىكەن
  • جۇڭگو بىلەن تۈركىيەنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىقىنىڭ مەزمۇنىنى كېڭەيتىش ۋە تولۇقلاش كېرەك
  • 81 ياشلىق مەمتىمىن بوۋاينىڭ دېھقانلار كۇتۇپخانىسى
  • ئۈرۈمچىنىڭ تېمپېراتۇرىسى بىر كېچىدىلا ℃16 چۈشتى
  • كەلگۈسى ئۈچ كۈندە شەھرىمىزدە تېمپېراتۇرا تۆۋەنلەيدۇ
  • جۇڭگو چىرىكلىككە قارشى تۇرۇشتا بۈگۈنگە قەدەر 38.7 مىليارد يۈەننى قايتۇرۇپ كەلدى
  • بېيجىڭدا ئېسىل ماشىنا ھەيدىگەن ئايال شوپۇر 12 ئادەمنى كەينى-كەينىدىن سوقۇۋەتتى
  • شىنجاڭ ھەربىي رايونىنىڭ سىياسى كومىسسارى لىۋېي ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ دائىمىي ھەيئەت ئەزاسى بولدى
  • ئەردوغان خەلق قەھرىمانلىرى خاتىرە مۇنارىغا گۈلچەمبىرەك تەقدىم قىلدى
  • داۋانچىڭ رايونىدا ئۆستەڭگە چۈشۈپ كەتكەن يىگىت تۇنجۇقۇپ قالدى
  • تەبەسسۇم مەھسۇلاتلىرى روسىيە يەرمەنكىسىدە
  • توقسۇن ناھىيەسىدىكى خېروئىن ساتقۇچى تۇتۇلدى
  • شىنجاڭنىڭ سابىق مۇئاۋىن سېكرېتارى ياڭ گاڭ ئۈستىدىن شىكايەت سۇنۇلدى
  • ھەپتىلىك كۆپ كۆرۈلگەنلىرى
  • ئەردوغان جۇڭگودىكى زىيارىتىنى باشلىدى
  • تۈركىيە زۇڭتۇڭى ئەردوغان جۇڭگودا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولىدۇ
  • تۈركىيە زۇڭتۇڭى: جۇڭگو بىلەن بولغان ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىشنى ئۈمىد قىلدى
  • «شىنجاڭ تالانت سەھنىسى» دىكى باھالىغۇچىلارنى باھالىغان خالمۇرات
  • ئامېرىكا تۈرمىلىرىدە خېنىم چىراي ئەرلەرنىڭ ھالى خاراب
  • ئەردوغان خەلق قەھرىمانلىرى خاتىرە مۇنارىغا گۈلچەمبىرەك تەقدىم قىلدى
  • تالىباننىڭ رەھبىرى ئۆمەر ئىككى- ئۈچ يىل ئىلگىرىلا ئۆلگەن ئىكەن
  • سادام مەزگىلىدىكى ئىراق پۇقرالىرى ئەڭ باي-باياشات، خوشال-خورام
  • شاھرۇھخاننىڭ يالى ئۇنىۋېرسىتېتىدا سۆزلىگەن نۇتۇقى
  • جۇڭگو قارا گۇرۇھلىرى فىلىپپىنغا كىرىپ مەخسۇس جۇڭگولۇق سودىگەرلەرنى بۇلىدى
  • «جاللات جون» ئۆلۈمدىن قورقۇپ بەدەر قاچتى
  • شى جىنپىڭ تۈركىيە زۇڭتۇڭى ئەردوغان بىلەن سۆھبەتلەشتى
  • شىنجاڭنىڭ سابىق مۇئاۋىن سېكرېتارى ياڭ گاڭ ئۈستىدىن شىكايەت سۇنۇلدى
  • لوندونغا دەم ئالغىلى كەلگەن ئوتتۇرا شەرقلىق بايلارنىڭ ماشىنىلىرى كىشىلەرنى ھەيران قالدۇردى
  • تۇرپان-ئۈرۈمچى تاشيولىدا بىر ئاپتوبۇسقا تۇيۇقسىز ئوت كەتتى

    مەنبە :نۇر تورى       يوللىغۇچى :       يوللانغان ۋاقىت : 2015-07-30 18:08:32

    تۇرپان-ئۈرۈمچى تاشيولىدا بىر ئاپتوبۇسقا تۇيۇقسىز ئوت كەتتى، شوپۇر يولۇچىلارنى قۇتقۇزىۋالدى

     

    ئاسىيا كىندىكى تورى خەۋىرى، :

    بىر 31 كىشى ئولتۇرغان ئۇزۇن يوللۇق كارىۋاتلىق يولۇچىلار ئاپتوبۇسى يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولدا كىتىۋاتقاندا، ماشىنىنىڭ تورمۇزى تۇيۇقسىز كونتروللۇقىنى يوقىتىپ، ماتورغا ئوت كەتكەن، ياخشى يېرى شوپۇر دەل ۋاقتىدا بىر تەرەپ قىلىپ، پەقەت ئىككى مىنۇت ۋاقىت سەرپ قىلىپلا ماشىنىدىكى ئىككى نەپەر ياردەمچى شوپۇرنىڭ ياردىمى ئاستىدا يولۇچىلارنى قوغداش توسىقىنىڭ سىرتىغا تارقاقلاشتۇرغان ھەمدە ئىككى نەپەر يولدىن ئۆتىۋاتقان شوپۇرنىڭ ياردىمىدە ئوت كۈچىنىڭ يامىراپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىپ دەل ۋاقتىدا ئۆچۈرۋالغان. 

     

     

    7-ئاينىڭ 28-كۈنى چۈشتىن كېيىن 4:00 دە، ئاپتونوم رايونلۇق ج خ نازارىتى قاتناش ساقچى باش ئەتىرىتى يۇقىرى دەرىجىلىك تارماق يول ئەتىرىتى ئۇلانباي تەكشۈرۈش چوڭ ئەتىرىتى دېلو مەلۇم قىلىش تېلفونىنى تاپشۇرۇپ ئېلىپ، يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولدا بىر ئۇزۇن يوللۇق ئاپتوبۇسقا ئۆزلىكىدىن ئۆت كەتكەنلىكىدىن خەۋەر تاپقان. دېلو مەلۇم قىلىش تېلفونىنى قوبۇل قىلغان قاتناش ساقچىسى ئاڭلاپلا تەرلەپ كەتكەن، چۈنكى ئۇزۇن يوللۇق يولۇچىلار ئاپتوبۇسىدا ئادەتتە نەچچە ئون نەپەر يولۇچى ئولتۇرىدۇ، ناۋادا ئوت ئۆچۈرۈشكە ئۈلگۈرەلمىسە ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقىدۇ. قاتناش ساقچىسى دەرھال شوپۇر بىلەن ئالاقىلىشىپ ئوتنىڭ ئۆچۈرۋېلىنغانلىقىدىن خەۋەر تاپقان. 

     

    قاتناش ساقچىسى نەق مەيدانغا يىتىپ كېلىپ، بىر قىزىل رەڭلىك يولۇچىلار ئاپتوبۇسىنىڭ تۇرپان-ئۈرۈمچى يۇقىرى دەرىجىلىك تاشيولىنىڭ جەنۇبى لىنىيەسى 3539 كىلومېتىرلىق ئورۇندا ئۈرۈمچىگە كىرىۋاتقان يۆنىلىشتىكى جىددى ئەھۋال ماشىنا يولىدا توختىغانلىقىنى كۆرگەن، تاشيولدا يەنە ئوت ئۆچۈرگۈچنىڭ ئۇۋىقى بار بولۇپ، يولۇچىلار يۈك-تاقلىرىنى كۆتۈرۈپ يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيول قوغداش توسىقىنىڭ سىرتىدا كۈتۈپ تۇرغان. قاتناش ساقچىسى دەرھال يولۇچىلار ئاپتوبۇسى بىلەن ئالاقىلىشىپ توشۇش ئېلىپ بارغان. ئىگەللىنىشىچە، ئەسلىدە بۇ ماشىنا نومۇرى شىنجاڭ P0×××3 بولغان كارىۋاتلىق نۆۋەتچى ئاپتوبۇس 27-ئىيۇل چۈشتىن كېيىن 3:00 دە ئاتۇشتىن ئۈرۈمچىگە قاراپ يولغا چىققان بولۇپ، ماشىنىنى ھەيدەپ ۋەقە يۈز بەرگەن يول بۆلىكىگە كەلگەندە، شوپۇر تۇيۇقسىز تەۋرىنىش ئاۋازىنى ئاڭلىغان، كېيىن ماشىنىنىڭ تورمۇزى تۇتمىغان، ئارقىدىن ماتورغا ئوت كەتكەن. 

     

    ئەينى ۋاقىتتىكى ئەھۋالنى ئەسلەپ، شوپۇر ئابلاجان مامۇت مۇخبىرغا:«ئەينى ۋاقىتتا ماشىنىنىڭ تورمۇزى تۇتمىدى، تەلەيگە يارىشا دۆڭ بولغاچقا، مەن دەرھال ماشىنىنى يول ياقىسىغا قارىتىپ ھەيدەپ نەچچە يۈز مېتىر ماڭغاندىن كېيىن توختاتتىم. بۇ ۋاقىتتا ماتوردىن ئىس چىقىشقا باشلىدى، مەن ماشىنىدىكى ئىككى نەپەر ياردەمچى شوپۇرنى دەرھال ماشىنىدىن چۈشۈپ كۆپچىلىكنىڭ يۈك-تاقىنى ئېلىپ بېرىشكە بۇيرۇدۇم، ئۆزۈم ماشىنىدا 'بارلىق كىشلەر تېزراق رەتتە تۇرۇپ ماشىنىدىن چۈشۈڭلار' دەپ ۋاقىرىدىم. تەخمىنەن ئىككى مىنۇت ئەتىراپىدا، ماشىنىدىكى 30 ئادەمنىڭ ھەممىسى ماشىنىدىن چۈشۈپ قوغداش توسىقىنىڭ سىرتىغا باردى، بۇ ۋاقىتتا ماشىنىدىكى ئوت ئۆچۈرۈش ئەسۋابىنى ئېلىپ ئوت ئكچۈرۈشكە باشلىدىم، كېيىن يولدىن ئۆتۈۋاتقان ئىككى نەپەر ناتونۇش شوپۇر ماشىنىدىكى ئوتنى كۆرۈپ، دەرھال ماشىنىنى توختىتىپ ئوت ئۆچۈرۈش ئەسۋابى بىلەن ئوت ئۆچۈرۈشكە ياردەم قىلدى، تەخمىنەن 20 مىنۇت ئەتىراپىدا ماتوردىكى ئوت ئۆچۈرۋېلىندى.» دېگەن. 

    ماشىنىدىكى بىر نەپەر يولۇچى قاتناش ساقچىسىغا:«ئەينى ۋاقىتتا شوپۇرنىڭ ئىنكاسى ئالاھىدە تېز بولدى، بىزمۇ نېمە ئىش يۈز بەرگەنلىكىنى بىلمىدۇق، ئۇنىڭ دېگىنى بويىچە ماشىنىدىن چۈشتۈق، كېيىن ئاندىن ئوت كەتكەنلىكىنى بايقىدۇق.» دېگەن. ئەينى ۋاقىتتا قورقۇش تۇيغۇسىدا بولغان-بولمىغانلىقى سورالغاندا، شوپۇر ئابلاجان مامۇت :«شۇنچە ئۇزۇن يىل يولۇچىلار ئاپتوبۇسى شوپۇرى بولۇپتىمەن، تۇنقى ئىنكاسىم يولۇچىلارنىڭ بىخەتەرلىكىنى ئويلاش بولدى.» دېگەن. 

     

    باشلان تورى ئادرىسنى ئىسىڭىزدە ساقلىۋىلىڭ ! : www.Baxlan.com

    شىنجاڭ باشلان تور-تېخنىكا مەركىزى

    Xinjiang Bashlan Technology Center

    بىكەت مەسئۇلى : ئەكبەر ، ئىلان ئالاقە ھەمكارلىق : 13899990941

    QQ , Wechat : 652952113 , 652952114

    پۈتۈن كۈچىمىز بىلەن مۇقىملىقنى قوغداپ ئىناق شىنجاڭ بەرپا قىلايلى !
    新ICP备14002316号-1