ۋاڭيى تەنتەربىيەسى خەۋىرى، : 7-ئاينىڭ 30-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن ئۈرۈمچى ۋاقتى سائەت 7:30 دا، (شۇ يەر ۋاقتى 29-چېسلا كەچ سائەت 20:30) ئامېرىكا بىرلەشمە (MLS ) چولپانلار كوماندىسى دىكىس تەنتەربىيە مەيدانىدا ئېنگىلاندتىكى كۈچلۈك توتىنھام رېس كوماندىسى بىلەن بەدەن قىززىتىش مۇسابىقىسى ئوينىدى. ئالدىنقى يېرىم مەيدان مۇسابىقە باشلىنىپ 20-مىنۇتتا، توتىنھام رېس كوماندىسىنىڭ ماھىرى چەكلەنگەن رايون ئىچىدە «قول توپ» بولۇپ، باش رېپىر نۇقتا توپ ھۈكۈم قىلدى. بۇ توپنى كوماندىنىڭ كاپىتانى كاكا تەمكىنلىك بىلەن تېپىپ كىرگۈزدى. ئامېرىكا بىرلەشمە چولپانلار كوماندىسى ۋاقىتلىق بىر توپ ئۈستۈنلۈككە ئۆتتى، بۇ توپ كىرىپ ئۇزۇن ئۆتمەي كاكا چەكلەنگەن رايۇن سول تەرىپىدىن پاس چىقاردى، «قاپاق بالا» ۋىللا توپنى تېپىپ كىرگۈزدى. مۇسابىقە داۋاملىشىپ 36 مىنۇت بولغاندا، توتىنھام رېس كوماندىسنىڭ ئاساسلىق نومۇر ئالغۇچىسى كېن توپ كىرگۈزدى. كېيىنكى يېرىم مەيدان مۇسابىقىدە ھەر ئىككىلا كوماندا بىر نەچچە قېتىم ئەڭ ياخشى بولغان توپ كىرگۈزۈش پۇرسىتىنى قولدىن بېرىپ قويدى. مۇسابىقە ئاخىرلاشقۇچە نومۇردا ئۆزگىرىش بولماي، ئاخىردا ئامېرىكا بىرلەشمە چولپانلار كوماندىسى 2 :1 نەتىجە بىلەن توتىنھام رېس كوماندىسنى مەغلۇپ قىلدى. بۇ مۇسابىقىدە كاكانىڭ ئىپادىسى ھەقىقەتەن قالتىس بولدى، بىر توپ كىرگۈزۈپ، بىر ياردەمچى پاس چىقاردى. مۇسابىقە ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، كاكا ئەڭ مۇنەۋۋەر توپچىMVP مۇكاپاتىغا ئېرىشتى.