بۇ قىزىقارلىق فوتو-سۈرەت ئەسەرلىرى فىرانسىيەلىك فوتوگراف Thierry Bouët نىڭ ئەسەرلىرى. ئۇ كامېرا ئارقىلىق 50 بوۋاقنىڭ تۇغۇلغاندىن كېيىنكى تۇنجى دەقىقىلىرىنى خاتىرىلىگەن. فوتوگراف بۇنىڭدىن بۇرۇن دوختۇر ئارقىلىق ھەر بىر بوۋاقنىڭ ئاتا-ئانىسىنىڭ پىكرىنى ئېلىپ ئاندىن بۇ ئىشنى باشلىغان. ئويلىمىغان يەردىن نۇرغۇن ئاتا-ئانىلار بۇ ئىشنى ناھايىتى قوللىغان.
فوتوگراف ئوپراتسىيە ئۆيىنىڭ يېنىدا بىر چېدىر تىكىپ ساقلىغان بالىلار تۇغۇلغان ھامان بالىلارنىڭ دادىسى ۋە دوختۇر بالىنى ئېلىپ كېلىپ رەسىمگە تارتقۇزغان.
«رەسىمگە تارتقاندا، سىز ھەقىقەتەن يېڭى دۇنياغا كۆز ئاچقان بىر جاننىڭ يېڭى مۇھىتنى كۆزىتىۋاتقانلىقىنى ھېس قىلالايسىز. ئەتراپتا يۈز بەرگەن ھەممە ئىشنى كۆزىتىدۇ.» ئەمەلىيەتتە، نەتىجىسى پۈتۈنلەي باشقىچە بولۇپ، ھاياتلىقنىڭ تۇنجى دەقىقىلىرىدىكى ئەسلىمىلەر، پۈرۈلگەن پېشانە، خىرە بىر جۈپ كۆز ۋە قىزىل تېرە ھەراملىقىدا باشلىنىدۇ. تىلغا ئېلىشقا ئەرزىيدىغىنى شۇكى، گەرچە رەسىمدىكى كۆرۈنۈش شۇنچە يورۇق بولسىمۇ، لېكىن فوتوگراف ئاپپارات چاقماق چىرىغىنى ياندۇرمىغان، بەلكى مېدىتسىنا چىرىغى ئىشلەتكەن.