يەر شارى ۋاقىت گېزىتى 31- ئىيۇل خەۋىرى:
يېقىنقى بىر مەزگىلدە ئارمىيىمىز بىر قاتار ھەربىي مانېۋىرلارنى ئۆتكۈزدى، بۇنىڭ ھەممىسى يىللىق مانېۋىر پىلانى ئىچىدىكى رەسمىيەتلىك ئورۇنلاشتۇرۇش. جۇڭگو دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىكىنىڭ باياناتچىسى، داشىياۋ ياڭ يۈجۈن 30- ئىيۇل ئېچىلغان مۇخبىرلارنى كۈتىۋېلىش يىغىنىدا توختىماي سورالغان جۇڭگونىڭ يېقىندىن بۇيان قانات يايدۇرغان بىر قاتار دېڭىز ئۈستى ھەربىي مانېۋىرلىرى توغرىسىدىكى سوئاللارغا جاۋاب بېرىپ: مانېۋىر ھەربىي قىسىمنىڭ جەڭ قىلىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشتىكى مۇھىم يول، كۆپچىلىكنىڭ بۇنىڭغا ئوبيېكتىپ مۇئامىلە قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن، دېگەن.
يېقىنقى بىر مەزگىلدە ئامېرىكا، ياپونىيە قاتارلىق غەرب تاراتقۇلىرى جۇڭگونىڭ رەسمىيەتلىك ھەربىي مانىۋېرىنى ھەدەپ بۇرمىلاپ ۋە كۆپتۈرۈپ: جۇڭگونىڭ بۇ ھەربىي مانېۋىرلىرى ھەرگىزمۇ ھەربىي ئىقتىدار مەشىقى ئەمەس، بۇ شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئۆز كۈچىنى نامايان قىلىپ نەنخەي دېڭىزى بويىدىكى باشقا ئالاقىدار دۆلەتلەرگە ھەيۋە قىلىشنى مەقسەت قىلغان، دېدى. يەنە شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئامېرىكىمۇ يېقىندىن بۇيان نەنخەي دېڭىزىغا كەينى-كەينىدىن پاراخوت ئەۋەتىپ جۇڭگو زېمىنىنى يېقىندىن رازۋېدكا قىلدى. ياپونىيە باش ۋەزىرى ئابى شىنزۇ: قوغدىنىش ئەترىتى نەنخەي دېڭىزىغا بېرىپ مىنا تازىلىسا بولىدۇ، دېدى. فىلىپپىن ئارمىيە تەرەپ بولسا پارلامېنتتىن ھەربىي خراجەتنى ئىككى ھەسسە كۆپەيتىشنى تەلەپ قىلدى.
ياڭ جىجۈن: ئامېرىكا نەنخەي دېڭىزىدا ھەربىي ئىشلار ئىتتىپاقىنى تېخىمۇ كۈچەيتىپ، ھەربىي مەۋجۇتلۇقىنى زورايتىۋاتىدۇ، توختىماي ھەربىي مانېۋىر ئۆتكۈزۈۋاتىدۇ. جۇڭگو ئامېرىكىنىڭ نەنخەي دېڭىزى رايونىنى ھەربىيلەشتۈرۈشىگە ئالاھىدە دىققەت قىلىدۇ، ئامېرىكىنىڭ بۇ خىل ھەرىكىتى كىشىنى گۇمانغا سالماي قالمايدۇ، ئامېرىكا جاھاننىڭ مالىمان بولماي قېلىشىدىن ئەنسىرەمدۇ؟ دېدى.