سۇمرۇغ ئىقتىساد قانىلىنىڭ 31-ئىيۇل خەۋىرى دوۋ جونېس كۆرسەتكۈچى ئەھۋالدا خەۋەردار كىشىنىڭ ئۇچۇرىنى ئاشكارىلىشىچە، يەر شارىدىكى ئەڭ چوڭ خام نېفىت ئېكسپورت قىلغۇچى دۆلەت سەئۇدى ئەرەبىستان ياز پەسلىنىڭ ئاخىرى دۆلەت ئىچىدىكى ئېنېرگىيە ئېھتىياجى پەسەيگەن چاغدا نېفىت ئىشلەپچىقىرىش مىقدارىنى ئازايتىشنى پىلانلىغان، نۆۋەتتە مەزكۇر دۆلەتنىڭ نېفىت ئىشلەپچىقىرىش مىقدارى يۇقىرى رېكورتتا تۇرماقتا.
سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ ئىشلەپچىقىرىشنى ئازايتماسلىق تاكتىكىسى 2014-يىلىنىڭ ئاخىرىدىن بۇيانقى يەر شارىنىڭ دىققىتىنى تارتقان «نېفىت باھا ئۇرۇشى»نى كەلتۈرۈپ چىقاردى.
يۇقىرىقى كىشىنىڭ دېيىشىچە، مەھسۇلاتنى ئازايتىش 9-ئايدىن باشلىنىشى مۇمكىن ئىكەن، كۈندىلىك ئىشلەپچىقىرىش مىقدارى 200 مىڭ باكتىن 300 مىڭ باكقىچە ئازىيىپ، كۈندىلىك ئومۇمىي ئىشلەپچىقىرىش مىقدارى 10 مىليون 300 مىڭ باكقا چۈشىدىكەن. سەئۇدى ئەرەبىستان نېفىت ئېكسپورت قىلغۇچى دۆلەتلەر تەشكىلاتى تەشكىلاتىغا دوكلات قىلىشىچە، 6-ئايدا سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ كۈندىلىك نېفىت ئىشلەپچىقىرىش مىقدارى 10 مىليون 560 مىڭ باكقا يېتىپ، يۇقىرى رېكورت ياراتقان.
ئەھۋالدىن خەۋەردار يەنە بىر كىشىنىڭ دېيىشىچە، يۇقىرىقى قارار سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ ئىچكى ئېھتىياج ۋەزىيىتىنى ئاساس قىلغان ھەمدە نېفىت ئىشلەپچىقىرىش مىقدارى يىل ئاخىرىدىن بۇرۇن كۈنلىكى 10 مىليون باك ئەتراپىدىكى سەۋىيەنى ساقلاپ قالىدىكەن. پىلاندىكى ئىشلەپچىقىرىشنى ئازايتىش ئېكسپورتقا تەسىر يەتكۈزمەسلىكى مۇمكىن، ھېچ بولمىغاندا يېقىنقى نېفىت ئىشلەپچىقىرىش مىقدارى دۆلەت ئىچىدىكى ئېھتىياج بىلەن قىسمەن ئېھتىياجلىق.
بىر قىسىم مۇتەخەسسىسلەر سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ ھەر كۈنى 11 مىليون باك نېفىت ئىشلەپ چىقارسا ئاندىن ئېكسپورت ۋە دۆلەت ئىچى ئېھتىياجىنى قامدىيالىشى مۇمكىنلىكىنى مۆلچەرلىدى. ئەمما يۇقىرىقى كىشىنىڭ دېيىشىچە، كۈندىلىك ئىشلەپچىقىرىش مىقدارى 11 مىليون باكقا يېتىشى مۇمكىن ئەمەسكەن.
30-ئىيۇل، ئوپېكنىڭ باش كاتىپى بادرى نېفىت باھاسىنىڭ يەنىمۇ تۆۋەنلەپ كېتىدىغانلىقىنى مۆلچەرلىمەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
سۇمرۇغ ئىقتىساد قانىلى 6-ئايدا خەۋەر قىلىپ، سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ نېفىت تاكتىكىسى جېنىنىڭ بارىچە ئىشلەپچىقىرىپ، ئاندىن ئىشلەپچىقىرىشنى ئازايتىش» ئىكەنلىكىنى ئېيتقان ئىدى، بۇ جۇڭگو نېفىت ئېھتىياجىنىڭ ئۆزگىرىشنى ئەكس ئەتتۈرىدۇ.
ئۇزۇندىن بۇيان جۇڭگو ئىزچىل مۇھىم رول ئويناپ كېلىۋاتقان ئىدى، ئۆتكەن 10 يىلدا يەر شارى نېفىت ئىستېمالىنىڭ ئېشىش دەرىجىسىدە %48 تى جۇڭگودىن كەلگەن. ھازىر جۇڭگو ئىقتىسادى ئاستىلىماقتا ھەمدە ھەمدە بۇنىڭدىن ئىلگىرىكى بىر مەزگىل ئىچىدە، جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ تېز سۈرئەتتە ئېشىشى نېفىت ئىشلەپچىقىرىش شىركەتلىرىگە ئوخشاش دەرىجىدىكى جانلاندۇرۇش ئاتا قىلالمىدى.

خەلقئارا ئېنېرگىيە مەھكىمىسى جۇڭگونىڭ بۇ يىللىق نېفىت ئىستېمالى ھەر كۈنى 320 مىڭ باك ئاشىدىغانلىقىنى مۆلچەرلىدى، بۇ 2009-يىلدىكى پۇل-مۇئامىلە كىرىزىسىدىن بۇيانقى ئەڭ تۆۋەن سەۋىيە.
جۇڭگونىڭ نېفىت ئېھتىياجىنىڭ ئازىيىشى سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ ھوسۇلىنى ئازايتتى. سەئۇدى ئەرەبىستانىغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، بۇ دەرھال ئاپەت پەيدا قىلمايدۇ. ئەمما سەئۇدى ئەرەبىستان رەھبەرلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، جۇڭگونىڭ ئىقتىسادىي مۆجىزىسىنىڭ مېۋىسىگە ئېرىشكەندىن كېيىن، كەلگۈسىدىكى كىرىمى سەل ئازلايدىكەن.