سىنا تورى 31- ئىيۇل خەۋىرى:
تۈركىيە زۇڭتۇڭى ئەردوغان 7- ئاينىڭ 29- ۋە 30- كۈنلىرى جۇڭگودا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولدى. بەزى تاراتقۇلار بۇ توغرىسىدا خەۋەر بېرىپ: ئەردوغاننىڭ بۇ قېتىمقى سەپىرىنىڭ ئاساسلىق مەقسىتى 11- ئايدا تۈركىيەدە ئۆتكۈزۈلىدىغان G20 باشلىقلار يىغىنى ئۈچۈن مۇناسىۋەت ئورنىتىپ، جۇڭگونى ئۆز ئىچىگە ئالغان تەرەققىي قىلغان دۆلەتلەر بىلەن بىر قىسىم قارارلارنى ماقۇللاش، دېدى.
بۇنىڭغا قارىتا ۋۇ سىكې تەھلىل قىلىپ مۇنداق دېدى: جۇڭگونىڭ G20 باشلىقلار يىغىنىدىكى رولى ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشكەن، ناۋادا تۈركىيە خەلقئارالىق مەسىلىلەردە ئۆزىنىڭ ئورنى ۋە رولىنى كۆرىنەرلىك نامايان قىلماقچى بولسا، جۇڭگوغا ئوخشاش خەۋپسىزلىك كېڭىشىگە دائىمىي ئەزا بولغان، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئىقتىسادى تەرەققىي قىلغان ۋە ئەڭ ھاياتى كۈچكە ئېگە دۆلەتنىڭ ئۆز رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، تۈركيەنى قوللىشىغا مۇھتاج، بۇ تۈركىيە مۇھىم نۇقتا قىلىپ ئويلىشىغان مەسىلە، دېدى.
ئۇنىڭدىن باشقا ۋۇ سىكې يەنە مۇنداق دەپ قارىدى: تۈركىيە بىلەن جۇڭگو تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ساھەسىدە ھەمكارلىشىشنى خالايدۇ، ئىككى تەرەپ ئوخشاشلا « ئۈچ خىل كۈچ »نىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغۇچى، بۇ جەھەتتە ئىككى تەرەپ ئورتاق تونۇشقا ئېگە.
ريېتىر ئاگېنتلىقى ئەردوغاننىڭ سۆزىنى نەقىل كەلتۈرۈپ: ئەردوغان جۇڭگو بىلەن تۈركىيەنىڭ باشقۇرۇلىدىغان بومبىدىن مۇداپىئەلىنىش سىستېمىسى سېتىۋېلىش ئىشى توغرىسىدا سۆزلىشىدۇ، دېدى. ۋۇ سىكېنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، جۇڭگو بىلەن تۈركىيەنىڭ ھەربىيى ئىشلار جەھەتتە ئالماشتۇرۇش ۋە ھەمكارلىق مۇناسىۋىتى ئورناتقىنىغا كۆپ يىللار بولغان ۋە كۆرىنەرلىك نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلگەن ھەمدە بىرلەشمە ھەربىي مانېۋىرمۇ ئۆتكۈزگەن، ئەمما تۈركىيە قانداقلا بولمىسۇن شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ ئەزا دۆلىتى بولغاچقا باشقا تەرەپلەردىكى ئامىللارنىمۇ ئويلىشىشىغا توغرا كېلىدىكەن. ۋۇ سىكې يەنە مۇنداق دېدى: ناۋادا ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتى تېخىمۇ تەرەققىي قىلىپ، كېلىشىم ئىمزالانسا بىز ئەلۋەتتە خۇشال بولىمىز، بۇ بىر ياخشى ئىش. ناۋادا باشقا سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن كېلىشىم ئىمزالانمىسىمۇ، بىز بۇنى تاسادىپىيلىق دەپ قارىمايمىز، بۇ سوغۇققانلىق بىلەن يۈزلەنگىلى بولىدىغان ئىش.