ھىندى ئوكياندىكى غەنىيۇن ئارىلىغا جايلاشقان فىرانسىيە ھاۋا ئارمىيە بازىسىنىڭ ئەزاسى 7-ئاينىڭ 29-كۈنى ئىپادە بىلدۈرۈپ، شۇ يەر ۋاقتى 7-ئاينىڭ 29-كۈنى، مەزكۇر ئارالنىڭ دېڭىز بويىدىن ئايروپىلان قالدۇقىنى بايقىغانلىقىنى ئېيتقانىدى. نۆۋەتتە تەكشۈرگۈچى خادىملار يېڭىدىن بايقالغان بۇ ئايروپىلان قالدۇقىنىڭ 2014-يىلى يوقاپ كەتكەن مالايسىيا ئاۋىئاتسىيە شىركىتىنىڭ MH370 نۆۋەتچى ئايروپىلانى قالدۇقى ئىكەنلىكىنى تەكشۈرمەكتە.
جۇڭگو ئاخبارات تورىنىڭ 7-ئاينىڭ 31-كۈنىدىكى تېلىگراممىسى: فىرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، مالايسىيا ھۆكۈمەت ئەمەلدارى 7-ئاينىڭ 31-كۈنى ئىپادە بىلدۈرۈپ، 29-چېسلا كۈنى غەنىيۇن ئارىلىدىن بايقالغان ئايروپىلان قالدۇقى ئۈستىدىكى نومۇرغا ئاساسەن، يېڭىدىن تېپىلغان ئايروپىلان قالدۇقىنىڭ ھەقىقەتەن بويىن 777 تىپلىق ئايروپىلان قالدۇقى ئىكەنلىكى جەزىملەشتۈرۈلگەن. نۆۋەتتە پۈتۈن دۇنيا بويىچە پەقەتلا بىر دانە بويىن 777 تىپلىق يولۇچىلار ئايروپىلانى يوقاپ كەتكەن بولۇپ، ئۇ بولسىمۇ 2014-يىلى يوقاپ كەتكەن مالايسىيا ئاۋىئاتسىيە شىركىتىنىڭ MH370 نۆۋەتچى ئايروپىلانى ئىدى.
2015-يىلى 7-ئاينىڭ 29-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن،ھىندى ئوكياندىكى فىرانسىيىگە تەۋە غەنىيۇن ئارىلىنىڭ دېڭىز ساھىلىدا بىر دانە ئايروپىلان قالدۇقى بايقالغان بولۇپ، يېڭىدىن بايقالغان بۇ ئايروپىلان قالدۇقىنىڭ ئۇزۇنلۇقى تەخمىنەن ئىككى مېتىردەك كېلەتتى، بۇ ئايروپىلان قالدۇقى قارىماققا ئايروپىلان قانىتىنىڭ بىر پارچىسىدەك كۆرۈنىدىغان بولۇپ، ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ ئايروپىلان قالدۇقى ئۇزۇن ۋاقىت سۇغا چىلىشىپ تۇرۇپ كەتكەن. نۇرغۇنلىغان ئاخبارات ۋاستىلىرى يېڭىدىن بايقالغان بۇ ئايروپىلان قالدۇقىنىڭ قارىماققا بويىن 777 تىپلىق ئايروپىلان قانىتىغا ئوخشايدىغانلىقى توغرىسىدا خەۋەر بېرىشكەن بولۇپ، مالايسىيا ئاۋىئاتسىيە شىركىتىنىڭ يوقاپ كەتكەن ئايروپىلانى-MH370 مۇ دەل بويىن 777 تىپلىق ئايروپىلان ئىدى. لېكىن نۇرغۇن دۆلەتلەر بۇ ئايروپىلان قالدۇقىنىڭ زادى نەدىن كەلگەنلىكىنى يەنىمۇ ئىچكىرىلەپ دەلىللەشكە توغرا كېلىدىغانلىقىنى، شۇڭلاشقا بۇ ئايروپىلان قالدۇقىنىڭ مالايسىيا ئاۋىئاتسىيە شىركىتىنىڭ يوقاپ كەتكەن ئايروپىلانى-MH370 نىڭ قالدۇقى ئىكەنلىكىنى جەزىملەشتۈرۈشنىڭ سەل بالدۇرلۇق قىلىدىغانلىقى توغرىسىدا ئىپادە بىلدۈرۈشكەنىدى.
2014-يىلى 3-ئاينىڭ 8-كۈنى،مالايسىيا ئاۋىئاتسىيە شىركىتىنىڭ 239 ئادەم ئولتۇرغان MH370 نۆۋەتچى ئايروپىلانى كۇئالالۇمپۇردىن بېيجىڭغا قاراپ ئۇچۇپ كېتىۋاتقاندا يوقاپ كەتكەن بولۇپ، سانلىق مەلۇمات پەرەزلىرىگە قارىغاندا، بۇ يولۇچىلار ئايروپىلانى جەنۇبىي ھىندى ئوكيانغا چۈشۈپ كەتكەنىدى، لېكىن ئىزدەش ئەترەتلىرى جەنۇبىي ھىندى ئوكياندا كەڭ كۆلەمدە ئىزدەش ئېلىپ بارغان بولسىمۇ تا ھازىرغىچە بۇ ئايروپىلاننىڭ ئىز-دېرىكىنى ئالالمىغانىدى.