جۇڭگو ئاخبارات تورى 31- ئىيۇل خەۋىرى : مەيلى سىز قانداقلا جايدا بولۇڭ، تومۇز ئىسسىق ۋە ھۆل- يېغىندىن قەتئىي ۋايسىماڭ. ئامېرىكا «ۋاشىنگتون پوچتا گېزىتى»نىڭ 7- ئاينىڭ 30- كۈنىدىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، كېلىماتنىڭ ئىسسىپ كېتىش ئامىلىنى مۇلاھىزە قىلغاندا، 7- ئاينىڭ 30- كۈنى ئىراننىڭ ماھشاھر (Bandar Mahshahr) دىكى تېمپىراتۇرىنىڭ كۆرسەتكەن سانى شۇ كۈنى 154 فارېنگېيت گىرادۇس ( 67.8 سېلسىيە گىرادۇس) تىن ئېشىپ كەتكەن.
خەۋەرلەردە تىلغا ئېلىنىشىچە، ئۇنىڭ ئەمەلىي تېمپىراتۇرىسى يۇقىرى بولغاندا 109 فارېنگېيت گىرادۇس ( 42.8 سېلسىيە گىرادۇس)، تۆۋەن بولغاندا 90 فارېنگېيت گىرادۇس (32.2 سېلسىيە گىرادۇس) ئىكەن، ئەگەر سىزنىڭ ئىشلەتكىنىڭىز ئامېرىكا دۆلەتلىك دېڭىز- ئوكيان ۋە ئاتموسفىرا باشقۇرۇش ئىدارىسى (NOAA)نىڭ ھېسابلىغۇچى بولغىنىدا، ئۇ ھېسابلاپ چىققان ئەڭ يۇقىرى تېمپىراتۇرا سانلىق قىممىتى 159 فارېنگېيت گىرادۇس (70.5 سېلسىيە گىرادۇس) بولىدىكەن.
تارىخىي يىللاردىن بۇيان يەر شارىدا كۆرۈلگەن ئەڭ يۇقىرى ئىسسىقلىق تۇيغۇ كۆرسەتكۈچى 155- 160 فارېنگېيت گىرادۇس ئەتراپىدا بولۇپ كەلگەن. مېتىئورولوگىيە ئالىمى كىرىستوفىر بۇرت ()نىڭ «ئېكىسترېموم كېلىمات»دېگەن كىتابىدا خاتىرىلىنىشىچە پارىس قولتۇقىغا جايلاشقان سەئۇدىي ئەرەبىستاننىڭ دارخان دېگەن يېرىدە 2003- يىلى 7- ئاينىڭ 8- كۈنىدىكى تېمپىراتۇرا 155 – 160 فارېنگېيت گىرادۇس (تەخمىنەن 68.8 – 71.1 سسېلسىيە گىرادۇس)قا يەتكەن.
بۇ ھەپتىدە ئوتتۇرا شەرق رايونىدا بىر مەيدان قورقۇنچلۇق يۇقىرى كېلىمات دولقۇنى كۆتۈرۈلدى، 7- ئاينىڭ 30- كۈنى ئىراق پايتەختى باغدادنىڭ تېمپىراتۇرىسى ئىنتايىن تېز ئۆرلەپ، 122 فارېنگېيت گىرادۇس (تەخمىنەن 50 سېلسىيە گىرادۇس) قا يەتتى. لېكىن ئۇنىڭ قۇملۇق مۇھىتىغا پايدىسى بولدى. باغداد تېمپىراتۇرىسىنىڭ تۆۋەن نۇقتىسى 44 فارېنگېيت گىرادۇس (تەخمىنەن 6.6 سېلسىيە گىرادۇس) بولدى.