يەر شارى تورىنىڭ 31-ئىيۇل خەۋىرى شياڭگاڭ «ۋېنخۇي گېزىتى» نىڭ 7-ئاينىڭ 31-خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، تۈركىيە پەن تېخنىكا شىركىتىنىڭ غوجايىنى ئايدىن ئۆز شىركىتى گېرمانىيە كارخانىسى تەرىپىدىن كۆپ پۇلغا سېتىۋېلىنغاندىن كېيىن، پاي چېكىنى تۆۋەن باھادا سېتىپ ئېرىشكەن 27 مىليون ئامېرىكا دوللىرى (خەلق پۇلىغا سۇندۇرغاندا تەخمىنەن 167 مىليون يۈەن) پۇلنى 114 شىركەت خىزمەتچىسىگە بۆلۈپ بەرگەن، ھەر بىر كىشى ئوتتۇرىچە 237 مىڭ ئامېرىكا دوللىرى (خەلق پۇلىغا سۇندۇرغاندا تەخمىنەن 1 مىليون 469 مىڭ يۈەن) غا ئېرىشكەن بولۇپ، بۇ ئوتتۇرىچە ئايلىق ئىش ھەققىنىڭ 150 ھەسسىگە توغرا كەلگەن. ئايدىننىڭ بۇ قىلغىنى تۈركىيەدىكى يېڭى باشلىنىش ئىكەن، ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، كارخانىنىڭ مۇۋەپەقىيەت قازىنىشى ھەر بىر خىزمەتچى خادىمنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىقىنىڭ نەتىجىسى ئىكەن.
ئايدىن تۈركىيەدىكى ئەڭ چوڭ توردىن يېمەكلىك سېتىۋېلىش شىركىتى Yemeksepeti نىڭ ئورتاق قۇرغۇچىسى ۋە مەمۇرى لىدېرى، ئۇنىڭ شىركىتىنى گېرمانىيەدىكى ئوخشاش ساھە بىلەن شۇغۇللىنىدىغان Delivery Hero شىركىتى 589 مىليون ئامېرىكا دوللىرى (خەلق پۇلىغا سۇندۇرغاندا تەخمىنەن 3 مىليارد 650 مىليون يۈەن) گە سېتىۋېلىپ، تۈركىيەدە يېڭى رېكورت ياراتقان. شىركەت خىزمەتچىلىرىنىڭ ئايلىق ئىش ھەققى 1000 دىن 1800 ئامېرىكا دوللىرى (تەخمىنەن 6200 يۈەندىن 12 مىڭ يۈەنگىچە) ئىكەن. Delivery Hero نىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىزمەتچىلەرنىڭ شىركەتكە قوشقان تۆھپىسى، يىللىق ئىش ھەققى ۋە كەلگۈسىدىكى يوشۇرۇن ئىقتىدارىغا ئاساسەن ئالاھىدە مۇكاپاتنى تارقىتىدىكەن.
ئايدىننىڭ تاراتقۇلارغا ئاشكارىلىشىچە، خىزمەتچىلەر بۇ ئۇچۇرنى بىلگەن ۋاقتىدا ناھايىتى ھاياجانلىنىپ كەتكەن، ھەتتا بەزىلىرى ھاياجاندىن يىغلاپ كەتكەن، يەنە بەزىلەر ئۇنىڭغا مىننەتدارلىق خېتى يازغان.