باش بەت قىلىڭ ساقلىۋىلىڭ باشلان تورىغا كەلگەن قەدىمىڭىزگە مەرھابا !
يىڭى قوشۇلغانلىرى
  • ئەمدى «غازات قىلىش» قا باغلىنىپ قېلىشنى خالىمايمەن
  • مېسسى مۇددەتتىن بۇرۇن بارسېلوناغا قايتىپ كەلدى
  • ئادەم ھاياتلىقىنىڭ تۇنجى دەقىقىسى قانداق بولىدۇ؟
  • چەتئەللىك ھامىلدار ئايال كوچىدا يىقىلىپ قالدى، كىشىلەر ياردەملىشىپ يەڭگىتتى
  • ئۈرۈمچىدە چىراي تونۇتۇپ مەھەللىگە كېرىش يولغا قويۇلدى
  • تالىبان مەنسۇرنىڭ ئۇلارنىڭ يېڭى رەھبىرى بولغانلىقىنى جاكارلىدى
  • تۈركىيە چوڭ دۆلەت بولۇش ئۈچۈن جۇڭگوغا تايىنىشقا مۇھتاج
  • بېرما قاماقتىكى 6000 دىن ئارتۇق جىنايەتچىنىڭ جازاسىنى كەچۈرۈم قىلدى
  • ئامېرىكا نەنخەي دېڭىزىنى ھەربىيلەشتۈرمەكىچى
  • نىگېرىيە ئارمىيەسى «بوكو ھەرەم» بىلەن تۇتۇشۇپ 71 ئادەمنى قۇتقۇزۇپ چىقتى
  • ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى قەبرە يۆتكەش ئۇقتۇرۇشى
  • IS نى 3000 ئامېرىكا دوللىرىدىن ئارتۇق قاقتى-سوقتى قىلغان ئۈچ ئايال قولغا ئېلىندى
  • مىسىردىكى قانلىق توقۇنۇشنىڭ ھېچ ئايىغى ئۈزۈلمەيۋاتىدۇ
  • ئىران بىلەن سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ مۇناسىۋىتىدە يېڭى ئۆزگىرىش بولدى
  • 14 مىليون كومپىيۇتىرغا Windows 10 ئورنىتىلدى
  • جەنۇبىي شىنجاڭدىن ياۋروپاغا تۇنجى يۈك پويىزى قاتنىدى
  • مۇشۇ تۈردىكى يىڭىسى
  • ئەمدى «غازات قىلىش» قا باغلىنىپ قېلىشنى خالىمايمەن
  • ئۈرۈمچىدە چىراي تونۇتۇپ مەھەللىگە كېرىش يولغا قويۇلدى
  • ئامېرىكا نەنخەي دېڭىزىنى ھەربىيلەشتۈرمەكىچى
  • ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى قەبرە يۆتكەش ئۇقتۇرۇشى
  • شىنجاڭدا 15 يىلدىن ئاشقان 412 كونا لىفىت تەكشۈرۈلدى
  • ئۈرۈمچى يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈر يول يېڭى ۋوگزالى يىل ئاخىرىدا ئىشقا كىرىشتۈرىلىدۇ
  • مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى گو بوشيۇڭ پارتىيەدىن ھەيدەلدى
  • 8-ئايدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدىغان يېڭى بەلگىلىمىلەر
  • دوستىنىڭ خوتۇنىغا خىيانەت قىلغان بەدنىيەت ئەر
  • تۇرپان-ئۈرۈمچى تاشيولىدا بىر ئاپتوبۇسقا تۇيۇقسىز ئوت كەتتى
  • قاتناش جەرىمانىسىنى ئۆلكە ھالقىپ تاپشۇرۇش سىناق قىلىنىدىكەن
  • جۇڭگو بىلەن تۈركىيەنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىقىنىڭ مەزمۇنىنى كېڭەيتىش ۋە تولۇقلاش كېرەك
  • 81 ياشلىق مەمتىمىن بوۋاينىڭ دېھقانلار كۇتۇپخانىسى
  • ئۈرۈمچىنىڭ تېمپېراتۇرىسى بىر كېچىدىلا ℃16 چۈشتى
  • ھەپتىلىك كۆپ كۆرۈلگەنلىرى
  • ئەردوغان جۇڭگودىكى زىيارىتىنى باشلىدى
  • تۇرپان-ئۈرۈمچى تاشيولىدا بىر ئاپتوبۇسقا تۇيۇقسىز ئوت كەتتى
  • «شىنجاڭ تالانت سەھنىسى» دىكى باھالىغۇچىلارنى باھالىغان خالمۇرات
  • تۈركىيە زۇڭتۇڭى: جۇڭگو بىلەن بولغان ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىشنى ئۈمىد قىلدى
  • ئەردوغان بېيجىڭدا مۇسۇلمان ئاممىسى ۋەكىللىرى بىلەن كۆرۈشتى
  • تۈركىيە قانداق بولۇپ ئىراق شام ئىسلام دۆلىتىگە ئۇرۇش ئېلان قىلدى
  • ئامېرىكا تۈرمىلىرىدە خېنىم چىراي ئەرلەرنىڭ ھالى خاراب
  • ئەردوغان جۇڭگو زىيارىتىدە 100 كارخانىچىنى بىللە ئېلىپ كەلدى
  • ئەردوغان خەلق قەھرىمانلىرى خاتىرە مۇنارىغا گۈلچەمبىرەك تەقدىم قىلدى
  • تالىباننىڭ رەھبىرى ئۆمەر ئىككى- ئۈچ يىل ئىلگىرىلا ئۆلگەن ئىكەن
  • دياۋيۈ ئارىلىنى چارلاۋاتقان جۇڭگو دېڭىز ساقچىلىرى ياپونىيەنىڭ توسقۇنلۇق قىلىشىغا ئۇچرىدى
  • شاھرۇھخاننىڭ يالى ئۇنىۋېرسىتېتىدا سۆزلىگەن نۇتۇقى
  • شى جىنپىڭ تۈركىيە زۇڭتۇڭى ئەردوغان بىلەن سۆھبەتلەشتى
  • «جاللات جون» ئۆلۈمدىن قورقۇپ بەدەر قاچتى
  • ئەمدى «غازات قىلىش» قا باغلىنىپ قېلىشنى خالىمايمەن

    مەنبە :       يوللىغۇچى :       يوللانغان ۋاقىت : 2015-07-31 18:56:17

    تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى خەۋىرى،

    چېگرادىن قانۇنسىز ئۆتكەنلەرنىڭ ئاھۇ - زارى:

    «ئەمدى <غازات قىلىش>قا باغلىنىپ قېلىشنى خالىمايمەن»

     جياڭ ۋېن

       بۇ يىل كىرگەندىن بېرى، ئېلىمىز ساقچى دائىرىلىرى شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرىنىڭ چېگراسىدىن ئوغرىلىقچە ئۆتكەنلەر ۋە تەشكىللىگۈچىلەرنى نەچچە تۈركۈمدە قايتۇرۇپ كەلدى، مۇھەممەدئېلى رەھمەت ئۇلارنىڭ بىرى. ئۇ «غازات قىلىش» ئۈچۈن چېگرادىن ئۆتكەن بولۇپ، چېگرا سىرتىدىكى تەشكىلاتنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن چېگرادىن قانۇنسىز ئۆتكەنلەرگە تۈركىيەنىڭ يالغان پاسپورتىنى ياساپ بېرىپ، ئوتتۇرلۇقىدىن پايدا ئالغان.

       12 - ئىيۇل ئۈرۈمچىدىكى مەلۇم قاماقخانىدا مۇھەممەدئېلى چېگرا سىرتىدا چۈشىدىمۇ ئويلاپ باقمىغان رەھىمسىز رېئاللىقنى كۆرگەنلىكىنى ھەم ھازىر بۇلارنىڭ ھەممىسىنىڭ ئۇنىڭغا نىسبەتەن قاباھەتلىك چۈش ئىكەنلىكىنى ئېيتتى. «<غازات قىلىش>قا ئائىت ھېچقانداق سۆزنى ئەمدى ئاڭلىغۇم يوق، ئۇنىڭغا ئەمدى باغلىنىپ قېلىشنى خالىمايمەن»، دېدى ئۇ بىزار بولغان ھالەتتە كەسكىن قىلىپ.

       زوراۋانلىق، تېررورلۇققا ئائىت ئۈن - سىن پىروگراممىلىرىنىڭ قۇتراتقۇلۇق قىلىشى تۈپەيلىدىن چېگرادىن چىقىش

       بۇ يىل 25 ياشقا كىرگەن مۇھەممەدئېلى شىنجاڭدىكى مەلۇم بىر ئالىي مەكتەپتە كىلىنىكىلىق مېدىتسىنا كەسپىدە ئوقۇغان. ئۇ مەكتەپكە كەلگەندىن كېيىن، بىر يىل ئىچىدە ھەر جۈمە كۈنى ئوتتۇرا مەكتەپتىكى بىر ساۋاقدىشى بىلەن مەسچىتكە بېرىپ جۈمە نامىزى ئوقۇغان. ئۇ ساۋاقدىشىغا دىنىي ساۋاتلارنى ئۆگىنىشنى خالايدىغانلىقىنى ئېيتقاندا، ساۋاقدىشى ئۇنىڭغا بىرەيلەننى تونۇشتۇرۇپ قويغان، ھېلىقى كىشى ئۇنىڭغا «دىنىي ساۋاتلار»دىن تەلىم بەرگەندىن سىرت، يەنە ئۇنى چېگرادىن قانۇنسىز چىقىشقا قۇتراتقان. كېيىنچە ھېلىقى ساۋاقدىشى ئۇنىڭغا يەنە بىر كىشىنىڭ تېلېفون نومۇرىنى ئېيتىپ بەرگەن. «ئۇ كىشى مەن چېگرا سىرتىدا، سەنمۇ بۇ يەرگە كەل، بۇ يەردە بىللە دىنىي بىلىملەرنى ئۆگىنىمىز ھەم باشقا ئىشلارنىمۇ قىلىمىز، دېگەن»، دېدى مۇھەممەدئېلى.

    /

       «ئۇ ئېنىق دېمىسىمۇ، ئۇنىڭ سۇرىيە ياكى ئافغانىستانغا بېرىپ، <غازات قىلىش>نى دەۋاتقانلىقىنى چۈشەندىم. مەن بۇ كىشىلەر تەمىنلىگەن زوراۋانلىق، تېررورلۇققا ئائىت ئۈن - سىن پىروگراممىلىرىنى كۆرگەندىن كېيىن، قېنىم قىزىپ كەتتى. دىن ئۈچۈن <كۈرەش قىلىش> كېرەك، ئۆلسەم <شېھىت> بولىمەن، بۇ ياخشى ئىش دەپ ئويلىدىم»، دېدى ئۇ. شۇنىڭدىن كېيىن، مۇھەممەدئېلى ئۆگىنىشتە بىراقلا چېكىنىپ كەتكەن. ئاتا - ئانىسى ئۇنىڭغا ياخشى ئۆگەنمسەڭ، سەندىن ئۈمىدسىزلىنىمىز، دېگەن. بۇنىڭ بىلەن مۇھەممەدئېلى بۇ بېسىمدىن بالدۇرراق قۇتۇلۇشنى ئويلىغان. ئۇ ساۋاقدىشىغا مەندە كىرا قىلغۇدەك پۇل يوق دېگەندە، ساۋاقدىشى ئۇنىڭغا يولدا بىزنىڭ ئادەملىرىمىز بار، بۇنىڭدىن غەم قىلماي، دەرھال يولغا چىق، دېگەن.

       ئۇ 2014 - يىلى 1 - ئايدا قىشلىق تەتىلدە «پىلان»ى بويىچە ئوغرىلىقچە ھەرىكەتلىنىپ، ئۇياق - بۇياقتا چۆرگىلەپ يۈرۈپ، ئاخىر دۆلىتىمىزنىڭ غەربىي جەنۇب چېگراسىغا بېرىپ، چېگرادىن ئوغرىلىقچە ئۆتۈشكە ئۇرۇنغان. ئۇ يېنىدىكى 7000 - 8000 يۈەننىڭ ھەممىسىنى بېدىكلەرگە بەرگەن. بىرەيلەن مۇھەممەدئېلىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئون كىشىنى باشلاپ ماڭغان، ئۇلار قاپقاراڭغۇ ئورمانلىقلاردىن ئۆتكەندە، ئۇ قورققان بولسىمۇ، كەينىگە يېنىش مۇمكىن ئەمەس ئىدى. ئىلگىرى ئۇلار ئۇنىڭغا: باشقىلار يېنىڭدا پۇل بارمۇ؟ دەپ سورىسا، پۇل يوق، دېگىن، دەپ جېكىلىگەن. ئۇ ھەيران قېلىپ، نېمە ئۈچۈن؟ دەپ سورىغاندا، ئۇلار قوپاللىق بىلەن: پۇل بۇلايدىغانلار سېنى ئۆلتۈرۈۋېتىدۇ، دېگەن. «كۆپ ساندىكىلەر پۇلىنى باشقىلارنىڭ بۇلاپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن كالتە ئىشتىنىغا تىكىۋالىدىكەن»، دېدى مۇھەممەدئېلى.

       ئۇلار ئۇنىڭغا يەنە جۇڭگونىڭ بەلگىسى بار نەرسىلەر، يەنى كىملىك، كىيىم، ئاياغ، پايپاق قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسىنى تاشلىۋېتىشىنى، «تەييار چۆپ» ۋە «ساپما كەش» دېگەننى خەنزۇچە ئاتاپ، جۇڭگو پۇقراسى ئىكەنلىكىنى ئاشكارىلاپ قويماسلىقنى تاپىلىغان.

    /

       «شۇندىلا مۇبادا شۇ جايدىكى ساقچىلار بىزنى تۇتۇۋالغان تەقدىردىمۇ، بىزنىڭ دۆلەت تەۋەلىكىمىزنى پەرق ئېتەلمەيدىكەن، شۇنىڭ بىلەن مەن تۈركىيەلىك، پاسپورتىم يىتىپ كەتكەن، دەپ يالغان ئېيتساق بولىدىكەن»، دېدى ئۇ.

       چېگرادىن ئۆتكەنلەرنىڭ تېررورلۇق تەشكىلاتىغا قاتنىشىشى

       مەن: مۇبادا شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرىنىڭ ساقچىلىرى تەرىپىدىن تۇتۇلۇپ قالساڭلار قانداق قىلاتتىڭلار؟ دەپ سورىسام، مۇھەممەدئېلى مۇنداق دېدى: ئامال يوق، ئۆزىمىزنى تۈركىيەلىك دەيدىكەنمىز، تۈركىيە كونسۇلخانىسى ياكى كۆچمەنلەر ئىدارىسى ئىسپات چىقىرىپ بەرسىلا كېتەلەيدىكەنمىز.

       بىراق، ئۇلار تۈركىيەنىڭ بۇ دۆلەتلەردىكى كونسۇلخانىلىرىدا راست گەپ قىلمىسا بولمايدىكەن. «ئۇلارغا ئۆزىمىزنىڭ جۇڭگولۇق ئۇيغۇر ئىكەنلىكىمىزنى، چېگرادىن ئوغرىلىقچە ئۆتكەنلىكىمىزنى ھەم قايتىشنى خالىمايدىغانلىقىمىزنى ئېيتساق، ئۇلار بىزگە ياردەم بېرىپ، شۇ دۆلەتكە بىزنىڭ تۈركىيە پۇقراسى ئىكەنلىكىمىز توغرىسىدا ئىسپات يېزىپ بېرىدىكەن»، دېدى مۇھەممەدئېلى.

       ئەمەلىيەتتە، تۈركىيەدىكى جۇڭگوغا قارشى كۈچلەر جۇڭگو ھۆكۈمىتىگە قارا سۈركەپ كېلىۋاتاتتى. مۇھەممەدئېلى مۇنداق دېدى: دۇنيا ئۇيغۇرلار قۇرۇلتىيى قاتارلىق تەشكىلاتلار جۇڭگودىكى ئۇيغۇرلارنىڭ زۇلۇمغا ئۇچرىغانلىقىغا دائىر ئۇچۇرلارنى ئويدۇرۇپ، مۇبادا بۇ كىشىلەر قايتۇرۇۋېتىلسە، ئېتىلىدۇ، دەپ داۋراڭ سالىدىكەن. شۇنىڭ بىلەن تۈركىيەلىكلەر ئېتىراز بىلدۈرۈپ نامايىش قىلىدىكەن.

       «مېنىڭچە، %70 - %80كىشى تۈركىيە ئارقىلىق سۇرىيەگە بېرىپ <غازات> قىلماقچى. سۇرىيەگە بارغاندىن كېيىن، تېلېفون ئىشلىتىشكە رۇخسەت قىلىنمايدۇ، ئۈچ ئاي <ھەربىي مەشىق> قىلىدۇ» دېدى ئۇ.

       مۇھەممەدئېلى مۇنداق دېدى: تۈركىيەدە بۇ ئىشلارنى ئورۇنلاشتۇرىدىغان مەخسۇس ئادەم بار ئىكەن. ئۇلار سىزگە ئالدىنئالا قەيەردە شام ئىسلام دۆلىتى، بازا تەشكىلاتىنىڭ تارماق ئورگىنى، شەرقىي تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتى قاتارلىقلارنىڭ بارلىقىنى ئېيتىپ بېرىدىكەن، سىز قەيەرگە بېرىشنى خالىسىڭىز، شۇ يەرگە ئورۇنلاشتۇرۇپ قويىدىكەن. بىراق، بېرىشتىن ئىلگىرى، ھېچكىم تەپسىلىي ئىشلارنى بىلمەيدىكەن، ئۇلار پەقەت «كەلسەڭ ھەممىنى بىلىسەن، مەيلى قايسى تەشكىلاتقا قاتناشقىن، سىرتقا تەشكىلاتنىڭ ئەھۋالىنى ئاشكارىلاشقا بولمايدۇ»، دەيدىكەن.

    /

       تۈركىيەدە سەيپۇللا ھاجى ئىسىملىك بىر كىشى بولۇپ، ئۇ شۇ ئىشلارغا مەسئۇل ئىكەن. «ئۇنىڭ تېررورلۇق تەشكىلاتلىرى بىلەن ئالاقىسى بولۇپ، قەيەرگە بارىمەن دېسە، شۇ يەرگە ئاپىرىدىكەن. بىراق، بەلگىلىك ھەق تۆلەيدىكەنمىز»، دېدى مۇھەممەدئېلى. سەيپۇللا ھاجى دېگەن بۇ كىشى دەل چېگرا سىرتىدىكى تېررورلۇق تەشكىلات −− «شەرقىي تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتى»نىڭ ئەزا قوبۇل قىلىشقا مەسئۇل خادىمى ئىكەن.

       مۇھەممەدئېلى: سۇرىيەدە تېررورلۇق تەشكىلاتى بىر قەدەر كۆپ بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئارىسىدا دائىم زىددىيەت ۋە توقۇنۇشلار يۈز بېرىپ تۇرىدىكەن، بەزىدە ئېتىشىپمۇ قالىدىكەن، دېدى.

       ساختا پاسپورت ئىشلەش

       چېگرا سىرتىدىكى تەشكىلات مۇھەممەدئېلىگە ساختا پاسپورت ئىشلەش ۋەزىپىسىنى يۈكلىگەن.

       «ئۇلار ئېيتقان <پاسپورت> پەقەت A4 قەغىزىگە كۆپەيتىپ بېسىلغان ساختا پاسپورت»، دېدى ئۇ. ساختا پاسپورتنى شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرىدە تۈركىيە ئايروپىلان بېلىتىنى سېتىۋېلىشقا ئىشلەتكىلى بولىدىكەن.

       مۇھەممەدئېلى مۇنداق دېدى: ئىلگىرى ساختا پاسپورت سېتىۋېلىش ئۈچۈن، ماتېرىيالنى تۈركىيەگە ئەۋەتكەندىن كېيىن، قارشى تەرەپنىڭ ساختا پاسپورتنى تەييارلاپ ئەۋەتىپ بېرىشىگە بىر - ئىككى ئاي كېتەتتى. كېيىنچە، ئۇلار پاسپورتنى ئۆزگەرتتى. ئىسمى بىلەن يېشىنى ئۆزگەرتىپ، رەسىم چاپلىسىلا ئىشلەتكىلى بولىدىغان قىلدى. چۈنكى، باشقا دۆلەتلەرنىڭ ساقچىلىرى تەپسىلىي ماتېرىيالنى بىلمەيتتى. كېيىن، تەشكىلاتتىكىلەر تېخىمۇ ئوڭاي چارىنى تاپتى، يەنى ئۈلگە نۇسخىسىنى سېتىۋېلىپ، توردىن چۈشۈرۈپ بېسىپ چىقارسىلا ئىش پۈتەتتى.

       مۇھەممەدئېلىنىڭ «خىزمىتى» قولدا ساختا پاسپورت ئىشلەش ئىدى. « بۇ ئىش بەك ئاددىي، پاسپورت يەتتە بەت بولىدۇ، بىز 4A قەغەزنى قاتلاپ، ئاندىن ئۆلچەم بويىچە رەتلىك كېسىپ، ئۈستىگە سۈرەتنى چاپلاپ، پىلاستىرلاپ بېسىپ چىقىرىپ بەرسەكلا بولىدۇ. پاسپورتنىڭ 3 - بېتىدە سۈرەت چاپلايدىغان، ئەڭ ئاخىرقى بىر بېتىدە ئىسىم - فامىلىسى، يېشى، تۇغۇلغان جايى ۋە ئاتا - ئانىسىنىڭ ئىسمىنى يازىدىغان ئورۇن بار»، دېدى ئۇ.

    /

       ئىلگىرى ساختىلىقىنى پەرقلەندۈرگىلى بولمايدىغان پاسپورتقا 1000 دوللاردىن 1500 دوللارغىچە ھەق ئېلىنىدىكەن، ھازىر بولسا ئۆزى ياسىغان پاسپورتلارغا 300 دوللار ھەق ئېلىنىدىكەن، ئاز تەننەرخ بىلەن كۆپ كىرىم قىلغىلى بولىدىكەن. بۇ، تەشكىلاتنىڭ ھارام پايدا ئېلىش ئۇسۇلى ئىكەن.

       بىراق، بۇنداق «ياخشى كۈنلەر» ئۇزاققا بارمىغان. «دەسلىپىدە، شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرىدىكى خىزمەتچىلەر تۈركىيە پاسپورتىنى ئانچە كۆپ كۆرۈپ باقمىغاچقا، راست - يالغانلىقىنى پەرق ئېتەلمەيتتى، كېيىنچە بايقاپ قېلىپ، تۇتۇپ قالدى ياكى بىراقلا تۈركىيە پاسپورتىنى ئايرىم تەكشۈردى، شۇنىڭ بىلەن بىز ياسىغان بەزى پاسپورتلار پاش بولۇپ قالدى»، دېدى مۇھەممەدئېلى.

       شۇنچە كەڭرى جاھاندا دەپنە قىلىدىغان يەر بولماسلىق

       چېگرا سىرتىغا چىققاندىن كېيىن، مۇھەممەدئېلىنىڭ تەشكىلاتتىكى ئورنى تەدرىجىي ئۆسكەن ھەم ئالاھىدە ئىمتىيازغا ئېرىشكەن، مەسىلەن: يەتتە - سەككىزەيلەن بىر گۇرۇپپا بولۇپ ئايرىلغاندىن كېيىن، باشقىلارنىڭ يان تېلېفونىنى تاپشۇرۇشى شەرت قىلىنغان، پەقەت مۇھەممەدئېلىلا بىردىنبىر يان تېلېفوننى ئىشلىتىشكە ھوقۇقلۇق ئىكەن. تەشكىلاتنىڭ كاتتبېشى ئۇلار بىلەن كۆرۈشكەندە، ئاۋۋال ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشىدىكەن.

       «مەن مېدىتسىنا كەسپىدە ئوقۇغان، شۇڭا، ئۇلار ماڭا ئېھتىياجلىق. ئۇ يەردە ئۇرۇش بولۇۋاتقان بولغاچقا، ھەر ۋاقىت تالاپەتكە ئۇچرىغانلار كۆرۈلۈپ تۇرىدۇ. شۇڭا، ئۇلار ئوق - دورىدىن باشقا، دوختۇرغا ھەممىدىن ئېھتىياجلىق» دېدى ئۇ. شۇنداقتىمۇ چېگرا سىرتىدا ئۇنىڭ چۈشى كۆپۈككە ئايلانغان.

       ئۇ خورلۇق ھېس قىلغان. شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيادىكى مەلۇم دۆلەت چېگراسىدىن ئۆتكەندە، ئۇ شۇ دۆلەتنىڭ چېگرا مۇداپىئە ساقچىلىرىنىڭ تەكشۈرۈشىدىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن، يۈك ئاپتوموبىلىنىڭ كوزۇپىغا يوشۇرۇنۇۋالغان، كوزۇپنىڭ ئىچىدە تىنغىلى بولمىغۇدەك دەرىجىدە ئىسسىقتا قىينالغاننى ئاز دەپ، تۇتۇلۇپ قېلىشتن قورقۇپ، ۋاقىتنى ناھايىتى تەستە ئۆتكۈزگەن. «شۇ چاغدا مەن ياخشى ئوقۇپ، قانۇنلۇق پاسپورت بېجىرگەن بولسام، بۇنداق جاپانى تارتماس بولغىيتتىم، دەپ ئويلىدىم»، دېدى ئۇ.

       مۇھەممەدئېلى چېگرادىن ئوغرىلىقچە ئۆتكەن ئاياللار، بالىلارنىڭ دوختۇرخانىغا بارىدىغانغا پۇلى يوق، داۋالىنالماي ئۆلۈپ كېتىۋاتقانلىقىنى كۆرگەن. ئۇنىڭ كۈنلىرىمۇ ئانچە ياخشى ئەمەس ئىدى، ئۇ ئەزەلدىن سىرتلارغا خاتىرجەم چىقىپ ئايلىنىپ باقمىغان.

       «ھاۋا بەك ئىسسىق، كېچىنىڭ تېمپېراتۇرىسى 30 سېلسىيە گىرادۇستىن يۇقىرى، مەن تېرە كېسەل بولۇپ قالدىم»، دېدى ئۇ. «بولۇپمۇ ئاياللار، بالىلارغا بۇ يەرنىڭ سۈيى ياقمىغاچقا، دائىم كېسەل بولۇپ قالاتتى، ئۇلار دوختۇرخانىلارغىمۇ بارالمايتتى، ئۆزلىرى ئەكەلگەن دورىلار پايدا قىلمايتتى. بالىلارنىڭ يۇقۇملۇق كېسەلگە گىرىپتار بولغاندىن كېيىن، داۋالىنالماي ئۆلۈپ كېتىشى كىشىنى ئازابلايتتى. ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئۈچ - تۆت ياشقا كىرگەن بالىلار»، دېدى مۇھەممەدئېلى.

       ئاتا - ئانىلىرى كېسەل سەۋەبىدىن ئۆلۈپ كەتكەن بالىلارنى مەسچىتكە نامىزىنى چۈشۈرۈش ئۈچۈن ئاپارسا، ئىمام قايسى دۆلەتنىڭ پۇقراسى ئىكەنلىكىنى، پاسپورتىنىڭ بار - يوقلۇقىنى سورايدىكەن، مۇبادا كىملىكى ئېنىق بولمىسا، نامىزىنى چۈشۈرۈشكە ئۇنىمايدىكەن ھەتتا مېيىتنى قويىدىغان يەرلىكمۇ بولمايدىكەن. «ئەينى چاغدا شۇنچە كەڭرى جاھاندا مېيىتنى قويىدىغان ئالقانچىلىك يەرمۇ تاپالمىدۇق»، دېدى مۇھەممەدئېلى ئاھ ئۇرۇپ.

       ئۇ مۇنداق دېدى: ئەينى چاغدا شۇ يولنى تاللىغانلىقىمدىن بەك پۇشايمان قىلىمەن. ئەمەلىيەتتە، ھەممىلا دۆلەتتە ئىجتىمائىي زىددىيەت مەۋجۇت ئىكەن، يەنىلا ئۆز يۇرتىمىز ياخشى ئىكەن.

       ئەمدى «ھىجرەت قىلىپ غازات قىلىش»قا باغلىنىپ قېلىشنى خالىمايمەن

       ئەينى چاغدا مۇھەممەدئېلى گۈزەل ئارزۇ - ئۈمىدلەرنى دىلىغا پۈكۈپ، ئالىي مەكتەپ قوينىغا قەدەم قويغانىدى. ھالبۇكى، ئۇنىڭ كىشىلىك ھايات ئوربىتىسى بۇرمىلىنىپ كەتتى. ئۇ ئوقۇغۇچىلارنىڭ ياشلىق باھارىنى قەدىرلەپ، ھاياتىدىكى ئەڭ ئاچقۇچلۇق قەدەمنى بېسىشتا قايتا - قايتا ئويلىنىشىنى ئۈمىد قىلدى. «نۇرغۇن كىشى قولىغا كويزا سېلىنغان چاغدىكى ھېسسىياتنى بىلمەيدۇ، ماڭا ئوخشاش ھەقىقىي ھېس قىلغاندا، ھەممە ئىش كېچىككەن بولىدۇ»، دېدى ئۇ.

       شېرىن چۈشلىرى يوققا چىققان مۇھەممەدئېلى ئۆزىنى تۇتۇۋېلىپ ئويلانغان چېغىدا، ئەينى چاغدا زوراۋانلىق، تېررورلۇققا ئائىت ئۈن - سىن پىروگراممىلىرىنى كۆرۈپ قېنىنىڭ قىزىپ كەتكەنلىكىگە پۇشايمان قىلاتتى. «شۇ چاغلاردا ئۇ نەرسىلەرنى نېمە ئۈچۈن كۆرگەن بولغىيتتىم؟ ئەمدى بۇلارنى سۆزلەپ ئولتۇرغۇم يوق، <ھىجرەت قىلىپ غازات قىلىش>قا ئائىت سۆزلەرنى ئەمدى قەتئىي ئاڭلىغۇم يوق، ئۇنىڭغا قاتناشقىم تېخىمۇ يوق، بۇ نەرسىلەر مەندىن يىراقراق تۇرسىكەن دەيمەن» دېدى مۇھەممەدئېلى.

       «مەن ئۆيدە بىرلا ئوغۇل. ئاتا - ئانام مېنى ئالىي مەكتەپتە ئوقۇتۇش ئۈچۈن كۆپ جاپا تارتقانىدى. بىراق، مەن ئۇلارنىڭ ئۈمۈدىنى يەردە قويدۇم، ئاتا - ئانامنىڭ مېنى كەچۈرۈشىنى ئۈمىد قىلىمەن،» دېدى ئۇ كۆزىگە ياش ئېلىپ.

       مۇھەممەدئېلىنىڭ ھازىرقى ئەڭ چوڭ ئارزۇسى بىرەر قېتىم بولسىمۇ ئاتا - ئانىسىنىڭ كىيىمىنى يۇيۇپ بېرىش ياكى ئۇلارنىڭ بەللىرىنى تۇتۇپ قويۇش ئىدى، ئۇ بۇنىڭ ئۈچۈن ھەر قانداق بەدەل تۆلەشتىن رازى ئىدى.

       «كىشى ئۆزى ئېرىشكەن گۈزەل نەرسىلەرنى قەدىرلىمىسە بولمايدىكەن، مەن گۈزەل تۇرمۇشنى قەدىرلەشنى بىلمەي، مۇشۇ ھالغا چۈشۈپ قالدىم. باشقىلارنىڭ مەندىن ئىبرەت ئېلىپ، گۈزەل تۇرمۇشىنى قەدىرلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن»، دېدى مۇھەممەدئېلى.

    مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

    باشلان تورى ئادرىسنى ئىسىڭىزدە ساقلىۋىلىڭ ! : www.Baxlan.com

    شىنجاڭ باشلان تور-تېخنىكا مەركىزى

    Xinjiang Bashlan Technology Center

    بىكەت مەسئۇلى : ئەكبەر ، ئىلان ئالاقە ھەمكارلىق : 13899990941

    QQ , Wechat : 652952113 , 652952114

    پۈتۈن كۈچىمىز بىلەن مۇقىملىقنى قوغداپ ئىناق شىنجاڭ بەرپا قىلايلى !
    新ICP备14002316号-1