شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ 31-ئىيۇل خەۋىرى : ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى «دېڭىز قولتۇقى ئاخبارات گېزىتى» نىڭ 7-ئاينىڭ 29-كۈنىدىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، دۇبەي ساقچىلىرى يېقىندا 6 ئادەم جۇڭگولۇق ئەردىن تۈزۈلگەن ئۆيگە ئوغرىلىققا كىرىش شايكىسىنى قولغا چۈشۈرگەن، ئۇلار 2015-يىلى 6-ئايدىن 7-ئايغىچە بولغان مەزگىلدە دۇبەي، ئەبۇزەبى، شارقە قاتارلىق ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىدىكى داچىلاردا 70 قېتىمدىن كۆپ تەلۋىلەرچە دېلو سادىر قىلىپ، ئۈنچە مەرۋايىت، داڭلىق سائەت، نەق پۇل قاتارلىق نەچچە مىليون دەرھەم (1 دەرھەم تەخمىنەن 1.7 يۈەنگە توغرا كېلىدۇ) لىك قىممەتلىك بۇيۇملارنى ئوغرىلىغان.
دۇبەي ساقچى ئىدارىسى باشلىقى خامىسنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، قايتا قايتا ئوغرىلىق دېلوسى ئۇچۇرىنى قوبۇل قىلىپ، دېلو سادىر قىلىش ۋاسىتىسىنىڭ ئوخشاش ئىكەنلىكىنى بايقىغاندىن كېيىن ساقچىلار مۇناسىۋەتلىك داچا رايونىدا چارلاشنى كۈچەيتىپ، دائىم يېرىم كېچىدە شۇ ئەتراپتا لاغايلاپ يۈرىدىغان ئىككى جۇڭگولۇق جىنايەت گۇماندارىنى تەكشۈرگەن ھەمدە ئۇلارنىڭ يېنىدىن دېلو سادىر قىلىشقا ئىشلىتىدىغان ئىشىك ئېچىش قورالى ۋە پەلەي قاتارلىق نەرسىلەرنى بايقىغان. سوراق قىلىش ئارقىلىق ساقچىلار يىپ ئۇچى بويىچە سۈرۈشتۈرۈپ جۇڭگولۇقلار ئولتۇراق رايونى خەلقئارالىق شەھەر بىناسىدا بۇ ئوغرىلىق شايكىسىنىڭ باشقا ئەزالىرىنى قولغا ئالغان.
جىنايى ئىشلارغا مەسئۇل ئىدارە باشلىقى ياردەمچىسى خېلىلنىڭ ئېيتىشىچە، ساقچىلار بۇ ئوغرىلىق شايكىسىنىڭ تۇرۇشلۇق جايىدىن زور مىقداردىكى ئوغرىلانغان مال مۈلۈكلەرنى ۋە ئۇلار سىزىپ چىققان ئوغرىلىق قىلىشنى پىلانلىغان ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىدىكى ئالىي دەرىجىلىك تۇرالغۇ رايونلىرىنىڭ جايلىشىش خەرىتىسىنى قولغا چۈشۈرگەن. بۇ جىنايەت شايكىسى يەنە نۇرغۇنلىغان ھارام ماللارنى ئەجدىھا شەھىرى ۋە مەختۇم ئايرودرومى ئەتراپىدىكى قۇملۇققا كۆمۈپ قويغانلىقىنى ئېتىراپ قىلغان. نۆۋەتتە بۇ 6 جۇڭگولۇق تەپتىش ئورۇنلىرىغا تاپشۇرۇپ بېرىلگەن.
جۇڭگونىڭ دۇبەيدە تۇرۇشلۇق باش كونسۇلى لى بىڭ شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان ۋاقتىدا :«بىز شۇ يەرلىك تاراتقۇلارنىڭ مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلىرىگە دىققەت قىلدۇق، بۇ خاراكتېرى ناچار دېلو» دېدى. لى بىڭنىڭ كۆرسىتىشىچە، بۇ دېلو ئاز ساندىكى قانۇنسىز ئۇنسۇرلارنىڭ شەخسىي قىلمىشى ئىكەن. ئۇ ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىدىكى جۇڭگولۇقلارنىڭ قانۇن تۈزۈملەرگە رىئايە قىلىپ، چەتئەلدىكى جۇڭگولۇقلارنىڭ ياخشى ئوبرازىنى تىكلەش ۋە قوغدىشىنى ئۈمىد قىلدى ۋە ئەسكەرتتى.
دۇبەي ئوتتۇرا شەرق رايونىدىكى جۇڭگولۇقلار توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان ئەڭ چوڭ رايون، نۆۋەتتە 300 مىڭغا يېقىن جۇڭگو پۇقراسى بۇ يەردە سودا، ساياھەت قاتارلىق ئىشلار بىلەن شۇغۇللىنىدۇ.