ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى خەۋىرى:
10086دىن كەلگەن جەملەنمە نومۇرنى نەق پۇلغا ئايلاندۇرۇش ئۇچۇرنى چەككەچكە، جېجياڭ ئۆلكىسى خۇجۇ شەھىرىدىكى چىيەن ئەپەندىنىڭ بانكا كارتىسىدىكى 8000 يۈەنگە يېقىن پۇلى ئوغرىلانغان، جېجاڭ ئۆلكىسى ساقچىلىرى يېقىندا پاش قىلغان دېلولاردىن قارىغاندا، قانۇنسىز ئۇنسۇرلار ئۇچۇر قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق يان تېلېفونغا «ياغاچ ئات پروگراممىسى» ۋە «بېلىق تۇتۇش زەنجىر»نى كۆچۈرۈپ كىشىلەرنىڭ شەخسىي ئۇچۇرى ۋە مال مۈلۈك بىخەتەرلىكىگە تەھدىت سېلىۋىتىپتۇ.
بېلىق تۇتۇش زەنجىرىدىن پايدىلىنىپ نەچچە مىليون يۈەننى قولغا كەلتۈرۈش.
ئىگىلىنىشىچە مەلۇم بىر كۈنى ئىگىلىنىشىچە، مەلۇم بىر كۈنى جېجاڭلىق چىيەن ئەپەندىنىڭ يان تېلېفونغا 10086 دىن: سىزنىڭ يان تېلېفون جەملەنمە نومۇرنى 270 يۈەنگە ئالماشتۇرغىلى بولىدۇ، پۇلنى توردىن نەقلەشتۈرۋىلىڭ، دېگەن ئۇچۇر كەلگەن ھەمدە قوشۇمچە تور ئادرېسى ئەۋەتىلگەن.چىيەن ئەپەندى بۇ تور ئادرېسىنى چەككەندىن كېيىن ئىسمى، تېلېفون نومۇرى، يېزا ئىگىلىك بانكا نومۇرى ۋە مەخپىي نومۇرنى كىرگۈزۈڭ دېگەن ئەسكەرتمە چىققان، ئۇ بۇ ئۇچۇرلارنى تولدۇرغان كېيىن يەنە ئۇچۇر كەلگەن، شۇنىڭ بىلەن چيەن ئەپەندى يېزا ئىگىلىك بانكىسىغا بېرىپ كارتىسىنى تەكشۈرگەندە كارتىسىدىكى 7948 يۈەننىڭ ھەممىسى ئېلىنغانلىقىنى بىلگەن. ساقچىلار بۇ خىل دېلولارنى تەكشۈرۈپ جىنايەت گۇماندارلىرىنىڭ جۇڭگۇ كۆچمە خەۋەرلىشىش شىركىتىنىڭ ئابونتلار مۇلازىمەت تېلېفونى 10086 نامىدا جۇجاڭ،چۇڭچىڭ، جياڭشى، خۇنەن، گۇاڭشى قاتارلىق جايلاردا يان تېلېفون ئابونىتچىلىرى 10086 غا جەملەنمە نومۇرنى نەق پۇلغا ئالماشتۇرۇش پائالىيىتى ئېلىپ بېرىلىۋاتىدۇ، دېگەن ئۇچۇرنى ئەۋەتىپ، كىشىلەرنىڭ ئىككى مىليون يۈەنگە يېقىن پۇلىنى ئوغرىلىۋالغانلىقىنى ئېنىقلىغان.
جېجىياڭ ئۆلكىلىك تور ساقچى باش ئەترىتىنىڭ باش ئىنژېنېرى مۇنداق دېدى: ھازىر بېلىق تۇتۇش تورى، ياغاچ ئات APK پروگراممىسىدىن پايدىلىنىپ ئاممىنىڭ مال مۈلۈك بىخەتەرلىكىگە زىيان يەتكۈزۈش دېلولىرى كۆپلەپ يۈز بېرىۋاتىدۇ، جىنايەتچى ئۇنسۇرلار بۇ ياغاچ ئات APK پروگراممىسى، قىسقا ئۇچۇر زەنجىرى يان تېلېفونAPP قاتارلىقلارنى يان تېلېفون سىستېمىسىغا كىرگۈزۈپ ئالدامچىلىق قىلىۋاتىدۇ. ئىگىلىنىشىچە، يەنە بىر خىل ياغاچ ئات پروگراممىسى مەخسۇس ئابونتچىلارنى پاراكەندە قىلىش ئۈچۈن تارقىتىلىدىكەن، بېيجىڭلىق ليۇ ئەپەندى مۇنداق دېدى: يان تېلېفونۇمغا دائىم زەنجىرسىمان ئۇلىنىشلار كېلىپ ھەرخىل APK پروگراممىلىرىنى ئورنىتىشنى تەلەپ قىلىدۇ. سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، ئاندروئىد سىستېمىسى قاچىلانغان ئەقلىي ئىقتىدارلىق يان تېلېفون 2013-يىلدىن باشلاپ تېز كۆپىيىپ كەتتى، ھازىر دۆلىتىمىزدە كۈنىگە 270مىڭ ئادەم بۇ خىل سىستېما قاچىلانغان تېلېفوننى ئىشلىتىدىكەن، بۇنىڭ ئىچىدە ئىستېمال ھەققى ۋە يامان نىيەتتە ئىستېمال ھەققىنى تۇتۇپ قېلىش قىلمىشلىرى كۆپ يۈز بېرىدىغان بولۇپ، ئايرىم ئايرىم ھالدا ئومۇمىي مىقدارنىڭ %45 ۋە %24نى ئىگىلەيدىكەن.
تونۇشتۇرۇلۇشىچە، تور دۇنياسىدا شەخسلەر ئۇچۇرنىڭ ئاشكارىلىنىپ كېتىشى بارغانسېرى ئېغىرلاپ كېتىپت،ۇ شۇنداقلا تور قانۇنسىز ئۇنسۇرلارغا ئوبدان پۇرسەت بولىۋېتىپتۇ، بېلىق تۇتۇش، ياغاچ ئات قاتارلىق ۋىرۇسلارمۇ كۆپىيىپ، ئابونتچىلار ئۇچۇرنىڭ ئاشكارىلىنىپ كېتىش خەۋپىنى ئاشۇرۇۋېتىپتۇ. كەسپىي زاتلارنىڭ ئېيتىشىچە، ئەگەر يان تېلېفون يۈتۈپ كەتسە چوقۇم ئالدى بىلەن كۆچمە تور ئارقىلىق ھەق تۆلىگىلى بولىدىغان ھەرقانداق بانكا كارتا نومۇرى ۋە ئېلېكترونلۇق بىدىك نومۇرى قاتارلىقلارنى توڭلىتىۋېتىش كېرەك ئىكەن.