
جۇڭگو خەۋەر تورىنىڭ 14-ماي خەۋىرى: چەتئەل مېدىيەلىرىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، 5-ئاينىڭ 13-كۈنى تۈركىيەنىڭ غەربىدىكى كۆمۈر كان پارتلاش ۋەقەسىدە 201 ئادەم قازا قىلغان. بىرلا ۋاقىتتا يەنىلا نەچچە يۈز ئادەم كان قۇدىقىغا قاپسىلىپ قالغان.
تۈركىيە ئېنېرگىيە مىنىستىرى بىلدۈرۈشىچە، ھادىسە يۈز بەرگەندە 787 نەپەر كان ئىشچىسى قۇدۇق ئاستىدا خىزمەت قىلىۋاتقان بولۇپ، كېچىچە قۇتقۇزۇش ئارقىلىق قاپسىلىپ قالغانلارنى قۇتقۇزۇپ چىققان، يەنىلا نەچچە يۈز ئادەم قاپسىلىپ قالغان.
تۈركىيە ئېنېرگىيە مىنىستىرى تېلېۋىزىيە زىيارىتىنى قوبۇل قىلغادا دېيىشىچە، قازا قىلغان كان ئىشچىلىرى كاربون چالا ئوكسىدتىن زەھەرلىنىپ ئۆلگەن بولۇشى مۇمكىن ئىكەن.
ئىلگىرىكى خەۋەرلەردە دېيىلىشىچە، گاز پارتلاش قۇدۇق ئاستىدىكى ئوتتىن مۇداپىئەلىنىش سىگنالى بېرىش ئەسۋابىنىڭ توك يولىدىن چاتاق چىقىشى كەلتۈرۈپ چىقارغان بولۇشى مۇمكىن ئىكەن. يەرلىك تەشكىلاتنىڭ قۇتقۇزۇش خادىمى دېيىشىچە، قۇدۇق ئاستىدا پارتلاشتىن كېيىن ئوتتا پەيدا بولغان قويۇق ئىس نۆۋەتتە قۇتقۇزۇش ۋەزىپىسىدىكى ئەڭ چوڭ توسالغۇ ئىكەن.
بىخەتەرلىك شارائىتى ئومۇميۈزلۈك ناچار بولغانلىقتى، يېقىنقى يىللاردا تۈركىيەدە كۆمۈر كان ھادىسىس پات-پات يۈز بەرمەكتە.
تەرجىمان: ئوكيان