ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، ئانا تۇپراق تور بېكىتىگە خۇش كەلدىڭىز : بۈگۈن :
ساقلىۋىلىش | باش بەت قىلىۋىلىڭ
بۇ تۈردىكى تەۋسىيلىك ئۇچۇرلار
بۇ تۈردىكى ئاۋات ئۇچۇرلار
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت  »  خەۋەرلەر  »  خەلقئارا

ئەردوغان ئامېرىكا ئەلچىسىنى قوغلىۋېتىدىغانلىقىدىن بېشارەت بەردى

ۋاقتى : 2013-12-22  مەنبەسى : ئوكيان تورى  يوللىغۇچى : ئانا تۇپراق كۆرۈلىشى : قېتىم

    بىرلەشمە سەھەر گېزىتى تورىنىڭ 22-دېكابر خەۋىرى: 12-ئاينىڭ 21-كۈنى، تۈركىيە سىياسىي سەھنىسىدە ئېغىر خىيانەتچىلىك سەتچىلىكى ئاشكارىلاندى. يەنە بىر جەھەتتىن، تۈركىيە باش مىنىستىرى ئەدوغان ئامېرىكىنىڭ تۈركىيەدە تۇرۇشلۇق ئەلچىسىنى قوغلىۋېتىدىغانلىقىدىن بېشارەت بەردى.
    تۈركىيە مېدىيەلىرىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، تۈركىيە ئىقتىساد مىنىستىرى ۋە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرىنىڭ ئوغلى، تۈركىيە خەلق بانكىسىنىڭ باش دېرىكتورى ھەمدە بىر ئىرانلىق سودىگەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 24 ئادەم خىيانەتچىلىك سەتچىلىكىگە چېتىشلىق بولغانلىقتىن، 21-دېكابر تۈركىيە دائىرلىرى تەرىپىدىن ئەيىبلەندى. ئەيىبلەنگەن جىنايىي گۇرۇھ ئۈچ مىنىستىرى ۋە ئۇلارنىڭ ئوغلىغا جەمئىي 137 مىليون لىرا (تەخمىنەن 60 مىليون ئامېرىكا دوللىرى ) پارا بەرگەنلىكىنى بىلدۈرگەن. تۈركىيەدىكى ئەڭ چوڭ ئۆكتىچى پارتىيە جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيىسىنىڭ رەئىسى قىلىچدارئوغلۇ 12-ئاينىڭ 21-كۈنى مەزكۇر دېلوغا چېتىشلىق 4 نەپەر مىنىستىرنىڭ ئىستېپا بېرىشىنى تەلەپ قىلغان.
    بۇنىڭدىن سىرت، 12-ئاينىڭ 17-كۈنى تۈركىيەدە قانات يايدۇرۇلغان كەڭ كۆلەملىك چىرىكلىككە قارشى تەكشۈرۈشتىن كېيىن، تۈركىيە باش مىنىستىرى ئەردوغاننىڭ پوزىتسىيىسى ئىزچىل ناھايىتى قاتتىق بولۇپ، بۇ بىر مەيدان «مەينەتچىلىككە قارشى ھەرىكەت» دېدى. ئەردوغان 21-دېكابر بىر پائالىيەتتە بىلدۈرۈشىچە، خىيانەتچىلىك دېلوسى خەلقئارالىق بىر مەيدان سۈيقەستنىڭ تۈركىيەنىڭ ئۈزلۈكسىز ئېشىۋاتقان ئىقتىسادىي ۋە دىپلوماتىيە ئەمەلىي كۈچىنى ئاجىزلاشتۇرۇپ، ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيىسىنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئورنىنى ئاغدۇرۇپ تاشلىماقچى بولىشى ئىكەن.
    ئەردوغاننىڭ دېيىشىچە، يېقىنقى بىر مەزگىلدە ئەلچى بىر قسىم ئىغۋاگەرچىلىك قىلمىشىدا بولغان، ئەردوغان ئۇنىڭ ئۆزىنىڭ خىزمىتىنى ياخشى قىلىشىنى ئۈمىد قىلغان، ئەگەر ئۇ ئۆزىنىڭ خىزمەت دائىرىسىدىن ھالقىپ كەتسە، تۈركىيە ھۆكۈمىتىنىڭ باشقۇرۇش ساھەسىگە قول تىقسا، ئۇنداقتا تۈركىيەنىڭ ئۇنى داۋاملىق تۇرۇپ قېلىشىنى تەلەپ قىلىشىدا ھېچقانداق سەۋەب قالمايدىكەن.
    ئەدوغاننىڭ بۇ سۆزىنى تۈركىيە مېدىيەلىرى بەس-بەستە خەۋەر قىلىپ، ئەردوغان دارىتمىلىغان ئىغۋاگەرچىلىك قىلمىشىدا بولغان ئەلچى دەل ئامېرىكىنىڭ تۈركىيەدە تۇرۇشلۇق ئەلچىسى فرانس رىچاردتون ئىكەنلىكىنى ئېيتقان. تۈركىيە بۈگۈنكى زامان تورىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، فرانس 12-ئاينىڭ 17-كۈنى ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ تۈركىيەدە تۇرۇشلۇق ۋەكىلى بىلەن يىغىن ئاچقاندا، ئامېرىكىنىڭ تۈركىيە خەلق بانكىسى بىلەن ئىراننىڭ سودىسىنى ئاخىرلاشتۇرۇشنى تەلەپ قىلغانلىقىنى، ئەمما ئۇلارنىڭ ئاڭلىمىغانلىقىنى، نۆۋەتتە بىر ئىمپېرىيەنىڭ پارچىلىنىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.
    ئامېرىكىنىڭ تۈركىيەدە تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسىمۇ ئارقىدىنلا بايانات ئېلان قىلىپ، ئامېرىكا بىلەن چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش دېلوسىنىڭ ھېچقانداق مۇناسىۋىتى يوقلىقىنى، بارلىق خەۋەرلەرنىڭ پۈتۈنلەي يالغان ۋە تۆھمەت قىلىش ئىكەنلىكىنى ئېيتقان ھەمدە 17-دېكابر ياۋروپا ئىتتىپاقى ۋەكىلى بىلەن يىغىن ئاچقانلىقىنى ئىنكار قىلغان.
     

بىز كىم ؟

|

ھەمكارلاشقۇچىلار

|

ئېلان ئالاقە

|

دوسلۇق ئۇلىنىش

|

بىكەت خەرىتىسى

|

ئۇچۇر مەركىزى

|

ئەزا مەركىزى

|

بىز ھەققىدە

 

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان ھەر قانداق فىلىم ، ناخشا - مۇزىكىلار توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكەن مەزمۇنلار بولسا دەرھال بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ !

بېكەت مەسئۇلى : مەمىتىمىن ئابدۇۋەلى ، تېلفۇنى : 13999939240(نورمال خىزمەت ۋاقتىدا تېلېفون قىلىڭ ) مۇلازىمەت تېلېفونى: 2509240-0991

Copyright (c)2009-2014 Www.Anatuprak.Com All rigths  | E_Mail: karakaxboy@126.com       新ICP备10003730号

ئۈرۈمچى شەھىرى شىنخۇا جەنۇبى يولى 666-نۇمۇرB-بىنا 2005-ئىشخانا