رۇسىيە ئاۋازىنىڭ 22-دېكابر خەۋىرى: ئاسمان تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى ئەرەب تىلى قانىلىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ئەرەب ئىتتىپاقىنىڭ سابىق باش كاتىپى ئەھمەد ئەسمەت ئابدۇل مەجىد 12-ئاينىڭ 21-كۈنى كەچتە قاھىرەدە 89 يېشىدا ئالەمدىن ئۆتكەن. نامىزى 12-ئاينىڭ 22-كۈنى چۈشۈرۈلگەن.
ئەھمەد ئەسمەت ئابدۇل مەجىد 1924-يىلى 3-ئاينىڭ 1-كۈنى مىسىرنىڭ ئىسكەندەرىيە شەھىرىدە تۇغۇلغان. 1944-يىلى ئىسكەندەرىيە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ قانۇن باكلاۋېرلىق ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن. 1944-يىلى پارىژ ئۇنىۋېرسىتېتىغا بارغان، 1947-يىلى پارىژ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ خەلقئارا قانۇن دوكتورلۇق ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن. 1950-يىلى مىسىر دىپلوماتىيە مىنىستىرلىكىگە كىرگەن ھەمدە نەچچە بۆلۈمدە خىزمەت قىلغان. مىسىرنىڭ ئەنگلىيە ۋە فرانسىيەدە تۇرۇشلۇق دىپلوماتى بولغان.
1970-يىلى فرانسىيەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچى بولغان، مىسىر دىپلوماتىيە مىنىستىرلىكىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى بولغان. 1972-يىلى مىسىرنىڭ ب د ت دا تۇرۇشلۇق يۇقىرى دەرىجىلىك ۋەكىلى بولغان ھەمدە بۇ ۋەزىپىنى 1983-يىلغىچە ئۆتىگەن. 1984-يىلدىن 1991-يىلغىچە مىسىرنىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرى بولغان، 1991-يىلى ئەرەب ئىتتىپاقىنىڭ باش كاتىپلىقىغا سايلانغان.
ئۇ 2013-يىلى 12-ئاينىڭ 21-كۈنى 89 يېشىدا قاھىرەدە ئالەمدىن ئۆتكەن.