
يېڭى ئاستانە گېزىتىنىڭ 20-دېكابر خەۋىرى: مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى نازارەت بۆلىمىنىڭ تور بېتى 12-ئاينىڭ 19-كۈنى بېيجىڭ ۋاقتى 19:40 دە ئۇچۇر يوللاپ، مەركەزنىڭ بىدئەتلىك مەسىلىلىرىنى ئالدىنى ئېلىش ۋە بىر تەرەپ قىلىش رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن گۇرۇپپا باشلىقى، ئىشخانا مۇدىرى، ج خ مىنىستىرلىكى پارتىكومىنىڭ مۇئاۋىن سېكرىتارى، مۇئاۋىن مىنىستىرى لى دوڭشېڭ (李东生) قانۇن ۋە ئىنتىزامغا ئېغىر دەرىجىدە خىلاپلىق قىلىشقا چېتىشلىق بولغانلىقى ئۈچۈن تەكشۈرۈلىۋېتىپتۇ.
ئاشكارا ماتېرىياللاردا كۆرسىتىلىشىچە، لى دوڭشېڭ 1955-يىلى 12-ئايدا تۇغۇلغان، بۇ يىل 58 ياش، شەندوڭ جۇچېڭ (诸城) لىق، شاڭخەي فۇدەن ئۇنىۋېرسىتېتى ئاخبارات فاكۇلىتېتىنى پۈتتۈرگەن، ئالىي مەكتەپ ئوقۇش تارىخىغا ئىگە. جۇڭگو كومپارتىيىسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ھەيئىتى، مەركىزىي سىياسىي قانۇن كومىتېتىنىڭ ھەيئىتى، ج خ مىنىستىرلىكى پارتىكومىنىڭ مۇئاۋىن سېكرىتارى، مۇئاۋىن مىنىستىرى، باش ساقچى بولغان.
مۇخبىر 19-دېكابر كەچ بېيجىڭ ۋاقتى سائەت 9 دا ج خ مىنىستىرلىكىنىڭ تور بېتىگە چىققاندا، رەھبەرلەر ئۇچۇرىدا لى دوڭشېڭنىڭ ئىسمى 9 مۇئاۋىن مىنىستىر قاتارىدا ئىككىنچى ئورۇنغا تىزىلغانلىقىنى كۆرگەن. بېيجىڭ ۋاقتى سائەت 10 دا، ئۇنىڭ قىسقىچە تەرجىماھالى ج خ مىنىستىرلىكى تورىنىڭ رەھبەرلەر ئۇچۇرلىرى سەھىپىسىدىن ئۆچۈرۈلگەنلىكىنى كۆرگەن.
تەرجىمىدە: نەپرەت