ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، ئانا تۇپراق تور بېكىتىگە خۇش كەلدىڭىز : بۈگۈن :
ساقلىۋىلىش | باش بەت قىلىۋىلىڭ
بۇ تۈردىكى تەۋسىيلىك ئۇچۇرلار
بۇ تۈردىكى ئاۋات ئۇچۇرلار
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت  »  خەۋەرلەر  »  جەمىئەت

بوۋاقلار ئۈچۈن لايىھەلەنگەن iPad ئورۇندۇقى كۈچلۈك مۇنازىرە قوزغىدى

ۋاقتى : 2013-12-23  مەنبەسى :   يوللىغۇچى : ئانا تۇپراق كۆرۈلىشى : قېتىم

14.jpg

ئامېرىكىدىكى مەلۇم بىر ئويۇنچۇق ياساش شىركىتى يىقىندا مەخسۇس بوۋاقلار ئۈچۈن لايىھەلەنگەن iPad ئورۇندۇقى ياساپ چىققان، بۇ ئەمەلىيەتتە بوۋاقلار ئۈچۈن ياسالغان ئورۇندۇق بولۇپ، ئۇنىڭ ئۈستى تەرىپىگە مەخسۇس iPad قويىدىغان بىر رامكا چىقىرىلغان، بۇ خىل ئورۇندۇقنى ئىشلەتكەندە، ئاتا-ئانىلار ھەرۋاقىت بالىلىرىنى ئايپەد ئارقىلىق ئېكراندا كۆرۈپ تۇرالايدىكەن.

بوۋاقلار ئۈچۈن ياسالغان بۇ ئورۇندۇقنىڭ چۈشەندۈرۈش قوللانمىسىدا، بۇ ئورۇندۇقنىڭ ھەرخىل قوللىنىشچان ئەپلەرنى ئىجرا قىلالايدىغانلىقى، يىنىك ۋە ئىللىق تۇيغۇ بىرىدىغان ھەرخىل ئاۋازلارنى چىقىرالايدىغانلىقى شۇنداقلا رەڭسىز ياكى سۈزۈكلۈكى يۇقىرى بولغان سۈرەتلەرنى ئىكراندا قويۇش ئارقىلىق بوۋاقلارنىڭ «كۆرۈش سەزگۈسى» نىڭ يېتىلىشىنى ئىلگىرى سۈرەلەيدىغانلىقى تىلغا ئىلىنغان. يېشى چوڭراق بالىلار بولسا، ھەرخىل ئۈگىنىش تىپىدىكى ئەپلەر ئارقىلىق خام سۆز، ساناق ساناش ۋە ناخشا ئېيتىش قاتارلىقلارنى ئۈگەنسىمۇ بولىدىكەن.

بەزى كىشىلەر بۇنى «ئاخىرلاشتۇرغۇچى تىپلىق ئېلىكتىرونلۇق بالا باققۇچى» دەپ ئاتىۋالغان بولسىمۇ، بىراق، ئۇ يەنە ئاز بولمىغان تەشكىلاتلارنىڭ تەنقىدلىشىگە ئۇچرىغان. بەزىلەر بۇ خىل ئېلىكتىرونلۇق ئىكراننىڭ بوۋاقلارنىڭ تاشقى مۇھىتنى كۆزىتىش ۋە بىلىش ئىقتىدارىغا توسقۇنلۇق قىلىدىغانلىقى شۇنداقلا ئاتا-ئانا ۋە بالا ئوتتۇرىسىدىكى ھېسىياتنىڭ يېتىلىشىگىمۇ زىيانلىق ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان.

«بالىلارنى سودا ساھەسىدىن يىراقلاشتۇرايلى» دەپ نام قويۇلغان بىر تەشكىلات بايانات ئېلان قىلىپ، ئامېرىكا بالىلار ئىلمىي ئۇيۇشمىسى ئىككى ياشتىن تۆۋەن بالىلارنىڭ ئېلىكتىرونلۇق ئىكرانلارغا يېقىن كەلمەسلىكىنى تەۋسىيە قىلغانلىقىنى، ئەگەر ئۇنداق بولمىغاندا، بالىلارنىڭ سۆزلەش ۋە ئاڭلاش ئىقتىدارىنىڭ يېتىلىشى توسقۇنلۇققا ئۇچراپ، ئۇخلىيالماسلىق ۋە كېيىنكى ۋاقىتلىرىدىكى ئۈگىنىش ئىقتىدارىنىڭ ياخشى بولماسلىقى قاتارلىق مەسىلىلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان. بوۋاق بالىلارغا ئايپەد تۇتقۇزۇش ئۆز نۆۋىتىدە ئۇلارنىڭ چوڭ مېڭىسىنىڭ نورمال پائالىيەت ئىلىپ بىرىشىغا توسقۇنلۇق قىلغانلىق بولدىكەن، ئاددىيسى ئۇلارنىڭ باشقىلار بىلەن ھېسىيات ئالماشتۇرۇش پائالىيىتى چەكلىمىگە ئۇچرايدىكەن.

ھالبۇكى، ئويۇنچۇق ياساش سودىگىرىنىڭ ئېيتىشىچە، مەزكۇر ئويۇنچۇق تىپىدىكى ئورۇندۇقنى سېتىۋالغانلارنىڭ ھەممىسى دىگۈدەك ئۇنىڭغا ياخشى باھا بەرگەن، شىركەتنىڭ باياناتچىسى سۆز قىلىپ، بۇ ئورۇندۇقنىڭ مائارىپ تۈرىدىكى مەھسۇلات ئەمەسلىكىنى، شۇنداقلا ھازىرچە پەقەت تور ئارقىلىق سېتىلىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن. ئۇلار يەنە بۇندىن كىيىن ئاتا-ئانىلار ئۈچۈن يەنە باشقا كۆپ خىل تاللاشلارنى يولغا قويدىغانلىقىنى، بۇ ئارقىلىق بالىلارنىڭ يېشىغا ماس كىلىدىغان كۆڭۈل ئېچىش تىپىدىكى پائالىيەتلەرنى ئىلىپ بېرىشىغا كاپالەتلىك قىلىدىغانلىقىنىمۇ بىلدۈرگەن.

بىز كىم ؟

|

ھەمكارلاشقۇچىلار

|

ئېلان ئالاقە

|

دوسلۇق ئۇلىنىش

|

بىكەت خەرىتىسى

|

ئۇچۇر مەركىزى

|

ئەزا مەركىزى

|

بىز ھەققىدە

 

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان ھەر قانداق فىلىم ، ناخشا - مۇزىكىلار توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكەن مەزمۇنلار بولسا دەرھال بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ !

بېكەت مەسئۇلى : مەمىتىمىن ئابدۇۋەلى ، تېلفۇنى : 13999939240(نورمال خىزمەت ۋاقتىدا تېلېفون قىلىڭ ) مۇلازىمەت تېلېفونى: 2509240-0991 QQ-501352707

Copyright (c)2009-2014 Www.Anatuprak.Com All rigths  | E_Mail: karakaxboy@126.com       新ICP备10003730号

ئۈرۈمچى شەھىرى شىنخۇا جەنۇبى يولى 666-نۇمۇرB-بىنا 2005-ئىشخانا