
تۈركىيە دۇنيا خەۋەرلىرى تورىنىڭ 21-دېكابر خەۋىرى: مىسىر مۇسۇلمان قېرىنداشلار تەشكىلاتىنىڭ تۈركىيەدىكى تارماق ئورگىنى سۈننىي ھەمرا تېلېۋىزىيىسى تەسىس قىلدى.
رابىئە تېلېۋىزىيىسىنىڭ نامى 8-ئايدا قاھىرە رابىئە ئەل-ئاداۋىيەھ مەيدانىدا يۈز بەرگەن قارشىلىق كۆرسىتىش ھەرىكىتىنى خاتىرىلەش ئۈچۈن قويۇلغان، رابىئە ئەل-ئاداۋىيەھ مەيدانىدا سابىق پرېزىدېنت مۇھەممەد مورسىنى ئاغدۇرۇۋەتكەن سىياسىي ئۆزگىرىشكە قارشى ھەرىكەتتە، مىسىر ئارمىيىسى 2000 نەچچە نامايىشچىغا زىيانكەشلىك قىلغان ئىدى.
بىرىنچى پروگىراممىسى مىسىر ئۆلىماسى يۇسۇف ئەل-قەرداۋىنىڭ سۆزىنى تارقىتىش بىلەن باشلانغان، قەرداۋى ھەربىي سىياسىي ئۆزگىرىشكە قارشى نامايىشنى قوللاپ ئەزھەر ئۇنىۋېرسىتېتىدىن ئىستېپا بەرگەن ئىدى.
ئابدۇل فەتتاھ ئەل-سىسى سابىق پرېزىدېنت مورسىنى ئاغدۇرۇۋەتكەندىن كېيىن، مۇسۇلمان قېرىنداشلار تەشكىلاتىنىڭ مىسىردىكى بارلىق تېلېۋىزىيە قاناللىرى ۋە مېدىيەلىرىنى تاقىۋەتكەن ئىدى.