پايتەخت بانگىدىكى مۇسۇلمانلار مەھەللىسىگە خىرىستىيانلار تەرىپىدىن قىلىنغان ھۇجۇمدا 29 ئادەم ھاياتىدىن ئايرىلدى.
بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت)، ئوتتۇرا ئافرىقا جۇمھۇرىيىتىدە 10 كۈن ئىچىدە 12 مۇسۇلماننىڭ ئۇرۇپ ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى ئېلان قىلدى.
ۋەقەلەرنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگۈچىلەرنىڭ ئېيتىشىچە، خىرىستىيان گۇرۇپپىلار ئەتىگەن تاڭ سەھەردىن باشلاپ ھۇجۇم قىلىشنى باشلىغان، ئەمما رايوندىكى فىرانسىيە ئەسكەرلىرى ۋەقەگە ئارىلاشمىغان.
ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارى ناۋى پىللاي ئېلان قىلغان يازما باياناتىدا، ئوتتۇرا ئافرىقا جۇمھۇرىيىتىدىكى ۋەزىيەتنىڭ كەسكىن ئىكەنلىكىنى ۋە قوشنا دۆلەتلەردىكى قوراللىق گۇرۇپپىلارنىڭ توقۇنۇشلارغا قاتناشقانلىقى توغرىسىدىكى دوكلاتلارنىڭ ۋەزىيەتنى تېخىمۇ جىددىيلەشتۈرۈۋەتكەنلىكىنى ئەسكەرتتى.
ناۋى پىللاي باياناتىدا يەنە، ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كۆزىتىش خادىملىرىنىڭ يېقىنقى 10 كۈن ئىچىدە 12 مۇسۇلماننىڭ بانگىدا ئۇرۇپ ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى دوكلات قىلغانلىقىنى بىلدۈردى .