-
قىزىمغا يېزىلغان 4.پارچە خەت(مەن كۆيىمەن بالامغا، بالام كۆيىدۇ بالىسىغا) - [تەرجىمە ئەسەرلىرىم]
2009-03-18
قىزىمغا يېزىلغان تۆتىنجى پارچە خەت
2007.يىلى 11.ئاپرىل
بۈگۈن قىزىم ھەر كۈنكىدىن 5 مىنۇت كېچىكىپ قايتىپ كەلدى، يۈرىكىم ئەنسىزلىكتىن ئالاقزادە بولۇپ كەتتى. بەزىلەر ئەگەر بىر ئايال بالا تۇغۇپ ئانا بولۇپ باقمىسا ھەرگىزمۇ مۇكەممەل ئايال بولالمايدۇ دىگەن ئىكەن. مەن بۇ سۆزنى ئېتراپ قىلىمەن، ئەگەر قىزىم بولمىغان بولسا مەنمۇ ئاپامنىڭ شۇ مېھنەتسىز مېھرى، چوڭقۇر مۇھەببىتىنى ھېس قىلالمىغان بولاتتىم.سۆيۈملۈك قىزىم:
ئېسىمدە قېلىشىچە كىچىك ۋاقتىمدا، ھەر كۈنلۈكى مەكتەپتىن قايتىپ ئۆيگە يېنىپ كەلگەندە چوڭ ئاپىڭىز ئىشىكنىڭ ئالدىدا تۇرۇپ تەلمۈرۈپ تۇراتتى، تاكى ئۈچ بالىسىنىڭ ھەممىسى ئۆيگە قايتىپ بولغاندىلا ئاندىن چىرايىدىكى ئالاقزادىلىك ئاندىن ئازادە كۈلكىگە ئالمىشاتتى. مەن ئۇ چاغدا چۈشەنمىگەچكە چوڭ ئاپىڭىزدىن «ئاپا، بۇ نېمە ئىش قىلغىنىڭ؟ ئەجىبا بىز ئۆينى تېپىپ كېلەلمەمدۇق؟» دەپ سورىسام، چوڭ ئاپىڭىز بىر ئۇف تارتىۋىتىپ «بالىلىرىم ئۆيگە قايتمىسا، يۈرىكىم ئەنسىزلىكتىن پەقەت ئارام تاپمايدىكەن، ساۋاقداشلىرى بىلەن ئۇرۇشۇپ قالغانمىدۇ؟ مۇئەللىمى تەنقىدلىگەنمىدۇ؟ ئەسكى ئادەملەرگە ئۇچراپ قالغانمىدۇ؟ ياكى بىرەر قاتناش ۋەقەسىگە يولۇقۇپ قالغانمىدۇ؟... دىگەندەك قالايمىقان ئىشلارنى ئويلاپ كېتىدىكەنمەن. »دەپ جاۋاب بەردى. مەن ئىچىمدە كۈلۈپ قويدۇم، بىراق چوڭ ئاپىڭىزنىڭ قىلغانلىرىنى پەقەتلا چۈشەنمىگەن ئىدىم. -
قىزىمغا يېزىلغان 3.پارچە خەت(ئىمتاھاندا مەڭگۈ دىگۈدەك ئەپسۇسلىنىش بولىدۇ) - [تەرجىمە ئەسەرلىرىم]
2009-03-12
قىزىمغا يېزىلغان ئۈچىنجى پارچە خەت
ئايلىق ئىمتاھاندىكى پەنلەرنىڭ نەتىجىسى ئېلان قىلىندى، قىزىمنىڭ دىيىشىچە ئىمتاھاننى ناھايىتى «ناچار» بېرىپتۇ، ئەمەلىيەتتە ھەر قېتىم ئىمتاھاندىن قايتىپ كەلگەندە ئۇ شۇنداق دىگەچكە دادىسى بىلەن ئىككىمىز كۆنۈپ قالغان ئىدۇق.
«ھەجەپ بىزار بولدۇم، خىمىيە ئىمتاھانى بەرگەندە قولۇمغا جىن تېگىپتۇ ، قاراپ تۇرۇپ 6 نى 4 قىلىپ يېزىپ قويۇپتىمەن. بولمىغان بولسا 100 نۇمۇر ئالاتتىم. » «98نۇمۇر ناھايىتى يۇقىرى نۇمۇرغۇ؟» «لېكىن، ئەگەر مەن 100نۇمۇر ئالسام، ئۇ چاغدا ئوخشىمايدۇ، (سىنىپتا)غۇلغۇلا قوزغىغۇدەك ئۈنۈمگە ئېرىشەتتىم.» قىزىمنىڭ كۆز نۇرى بار چاقناپ، ئارقىدىنلا ئۆچۈپ قالدى.
«ئادەمنىڭ ئاچچىقىنى كەلتۈرىدىغان ئىنگلىزتىلى(شىنجاڭدا ئانا يېزىقىمىزدا ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلار خەنزۇتىلى بېرىدۇ) ، شەنشەندىن ئارانلا 4 نۇمۇر يۇقىرى ئاپتىمەن. يەنە بىئولوگىيە تېخىمۇ ماز. فىزىكا، ماتېماتىكا دىگەنلەرنى تىلغا ئالمايلا قوياي بولدى.»
ئەمەلىيەتتە قىزىمنىڭ خىمىيە، ئىنگلىزتىلى ۋە بىئولوگىيە پەنلىرىدىكى نەتىجىسى ئىزچىل ھالدا سىنىپ بويىچە بىرىنجى بولسىمۇ، بىراق ئۇ زادىلا رازى بولمايتتى. -
«قىزىمغا يېزىلغان خەتلەر » ھەققىدە - [كۆرگەن- بىلگەنلىرىمدىن]
2009-03-07
ئاناتىلىم تورتۇراسى قۇرۇلۇپ 2 ھەپتە بولغاندىغۇ دەيمەن، كىيۇ كىيۇ توپلىرىدا خەلقئارالىق ئانا تىل بايرىمى ھەققىدە تەشۋىقات قىلىپ يۈرسەم، بىر كىشىنىڭ « قايسىڭلار پەرزەنىت تەربىيسى ھەققىدە ياخشىراق بىر تور بەت تەۋسىيە قىلىسىلەر» دەپ خەت قالدۇرغىنىنى كۆرۈپ، قىزىقىپ نىمىشقا ئىشلىتىدىغانلىقىنى سورىسام تولۇقسىزدا ئوقۇيدىغان قىزىمغا تەۋسىيە قىلاتتىم، دىدى. پېقىر بۇ ھەقتە بىرەر مەخسۇس تور بەت بارلىقىنى ئېسىمگە ئالالماي (تورداشلار بىلسە تەۋسىيە قىلىپ قويسا) ئۆزۈم ياسىغان بلوگنى كۆرۈپ بېقىش تەكلىپىنى بەرسەم، بۇ ئاكىمىز ئاناتىلىم تورتۇراسىغا ياخشى باھالارنى بەردى.
بۇ ئىشلار ئۆتۈپ كەتكەندىن كېيىن ئويلىنىپ قالدىم، گەرچە ئاناتىلىم بلوگىدىكى تېمىلارنى ناچار دەپ كەتكىلى بولمىسىمۇ، لېكىن ئۇ كىشى سورىغان نەرسىگە نەق چۈشىدىغان تېمىلار يوق ئىدى. مۇشۇ ھەقتە بىرەر ماتېرىيالغا ئېرىشكىلى بولغان بولسا بەك ياخشى بولاتتى؟! دەپ ئويلىدىم ئىچىمدە.بۇ تېمىدىكى مەزمۇنلار ئېلان قىلىنغان ئورۇنلار:
http://bbs.bilik.cn/viewthread.php?tid=21606
http://bbs.xabnam.com/read.php?tid-99280.html
http://bbs.salkin.cn/read.php?tid-62516.html
http://bbs.diyarim.com/read.php?tid=36631 -
قىزىمغا يېزىلغان 2.پارچە خەت(بىچار دانىخورەك) - [تەرجىمە ئەسەرلىرىم]
2009-03-07
قىزىمغا يېزىلغان ئىككىنجى پارچە خەت
تۆنۈگۈن ئاخشام ئۆيگە قايتقاندا قىزىمنىڭ ئۆيىدىن گىتتار ئاۋازىنىڭ چىقىۋاتقانلىقنى ئاڭلىدىم،غەلىتە ئىش، ئۇنىڭ گىتتىرىنىڭ سىمى 2 كۈن بۇرۇن ئۈزۈلۈپ كەتكەن تۇرسا، ئۇ قانداق چېلىۋاتقاندۇ؟
بۈگۈن قىزىم ئايلىق ئىمتاھان بەردى، تاپشۇرۇقى يوق.
كەچلىك تاماق ۋاقتىدا، ئۇ پەقەت بولمىغاندا بىر يىل كېچىكىپ ئالىي مەكتەپ ئىمتاھانى بېرىشنى ئېيتتى، مەن ناھايىتى ھەيران بولۇپ «سىز بېرەلمەمسىز؟» دىسەم، ئۇ نەتىجەم بولمايدۇ، ئەمەس بەلكى يۈزۈم دىدى. ئۇنىڭ دىيىشىچە ئۇنىڭ يۈزىدىكى دانىخورەكلەرنىڭ ئۇنىڭغا بولغان تەسىرى بەك يۇقىرى ئىكەن، ئالىي مەكتەپكە ئۆتتى دىگەندىمۇ باشقىلار ئۇنىڭ يۈزىدىكى دانىخورەكلەر سەۋەبلىك ئۇنىڭ بىلەن دوست بولمايدىكەن. شۇڭا ئۇ ئاۋۋال يۈزىنى ساقايتىپ ئاندىن ئالىي مەكتەپ ئىمتاھانى بەرمەكچى بوپتۇ.
ئۇنىڭ دىيىشىچە دەل شۇ دانىخورەك تۈپەيلىدىن ساۋاقداشلىرى ئۇنىڭ بىلەن بېرىش– كېلىش قىلىشنى خالىمايدىكەن. ئۆچلۈكنى كەلتۈرىدىغان دانىخورەك، ئالۋاستىغا ئوخشايدىغان دانىخورەك!سۆيۈملۈك قىزىم:
سىزنىڭ دەردىڭىزنى ئاڭلاپ، مەن ئازراقمۇ كۈلكىلىك ھېس قىلمىدىم، چۈنكى مېنىڭمۇ سىزگە ئوخشاش ياش مەزگىلىم بولغان، ئالدىنقى قېتىملىق خېتىمدە تىلغا ئالغىنىمدەك، مەنمۇ دائىم ئۆزۈمدىن قۇسۇر ئىزدەپ يۈرەتتىم. ئەگەر سىزگە دانىخورەك چىقمىغان ھالەتتىمۇ، سىز بەلكىم ئاغزىڭىزنىڭ چوڭلىقىنى، بويىڭىزنىڭ پاكارلىقىنى، ياكى يول ماڭغاندىكى قىياپىتىڭىز ناھايىتى كۆرۈمسىز ياكى پۇتىڭىز مايماق ياكى يۈزىڭىزدە سەپكۈل بارلىقىنى ھېس قىلاتتىڭىز... -
قىزىمغا يېزىلغان بىرىنجى پارچە خەت
سۆيۈملۈك قىزىم:
مەن ۋە دادىڭىز سىزنىڭ ھەر كۈنى خوشال– خۇرام تۇرمۇش ئىچىدە قەلبىڭىزنىڭ شاتلىققا چۆمۈشىنى ئۈمىد قىلىدۇ. سىزنىڭ ئاشقازىنىڭىز ئاغرىغاندا مېنىڭ يۈرىكىم ئاغرىيدۇ؛ سىز خوشال بولمىغان ۋاقىتتا، مەن تېخىمۇ خوشال بولمايمەن.
سىزنىڭ ئاغزىڭىزنىڭ دائىملا«ئىچىم پۇشتى» دىگەن سۆزنى ئاڭلىغىنىمدا ئۆزۈمنىڭ ياشلىق ۋاقىتلىرىمنى ئەسلەپ قالىمەن. ئېسىمدە قېلىشىمچە ئالىي مەكتەپ بىرىنجى يىللىقنىڭ يازلىق تەتىل ۋە ئالىي مەكتەپ ئىككىنجى يىللىقنىڭ قىشلىق تەتىل ۋاقىتلىرىدىكى يېشىم سىزنىڭ ھازىرقى يېزىشىڭىز بىلەن تەڭ دىمەتلىك بولسام كېرەك، ئۆيگە قايتىپ كەلسەملا «ئەھمىيەتسىز». مېنىڭچە «ئەھمىيەتسىز» دىگەن بۇ سۆز چوقۇم ھازىرقى «ئىچىم پۇشتى.»دىگەن سۆز بىلەن ئوخشاش مەنىدىغۇ دەيمەن، ناھايىتى شۇ ئەينى ۋاقىتلاردا «ئىچىم پۇشتى» دىگەن سۆزنى ئىشلەتمەيتتۇق. ئەينى چاغدا «ئەھمىيەتسىز» دىگەن سۆزنى دىگەنسېرى، كۆڭلۈمدە شۇنچە مەنىسىزلىق، نىشانسىزلىق ھېس قىلاتتىم. بىر كۈنى ئاپامنىڭ ئاشخانىدا دادام بىلەن قىلىشقان مەخپىي پارىڭىنى ئوغۇرلۇقچە ئاڭلاپ قالدىم. ئاپام «قىزىمىز دائىم ئەھمىيەتىسز دەيدۇ، بىرەر چاتىقى يوقتۇ– ھە؟ مەن بەك ئەنسىرەپ قالدىم» دىسە، دادام «ھېچقىسى يوق، ياشلىق مەزگىلى شۇنداق زېرىكىشلىك تۇيۇلىدىغان چاغلىرى بولۇپ قالىدۇ، ئەنىسىرىمىگىن، تېزلا ئۆتۈپ كېتىدۇ.» دىدى. ئاپامنىڭ سۆزىنى ئاڭلاپ كۆڭلۈمدە خېلى تەسىرلەندىم، ئۆزۈمنى ھەقىقەتەن «كېسىلى يوق تۇرۇپ ۋايجان» دەيدىغان خاراكتېردە بولۇپ قالغاندەك ئويلاپ، ئاپامغا ئېلىپ كەلگەن روھىي بېسىمنى قايتۇرۇۋالدىم، ۋە شۇنىڭدىن ئېتبارەن «ئەھمىيەتسىز» دىگەن بۇ سۆزنى ئىشلەتمەيدىغان بولدۇم. -
قىزىم كېلەر يىلى ئالىي مەكتەپ ئىمتاھانى بېرىدۇ - [تەرجىمە ئەسەرلىرىم]
2009-03-05
قىزىم كېلەر يىلى ئالىي مەكتەپ ئىمتاھانى بېرىدۇ
ئەسلى ئاپتورى: يىڭيى تەرجىمە قىلغۇچى: م.ئە.سەبورى
قەلەمگە ئېلىنغان ۋاقتى: 2007.يىلى 9.ئاپرېلبۇ تېمىنى يېزىشىمدىكى سەۋەب لىجېنشىنىڭ «ئەڭ ياخشى ئائىلە باشلىقى بولۇش» ناملىق ئەسىرىنى كۆرگەندىن كېيىن ئۆزۈمنىڭمۇ قىزىمنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىش خاتىرىسىنى يېزىپ چىقىش ئۈچۈن. لىجېنشى مۇنداق دەيدۇ: «ئاتا– ئانا بولغۇچىنىڭ ئۆز پەرزەنتىنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىش خاتىرىسىنى يېزىشى ئاز دىگەندىمۇ مۇنداق تۆت تەرەپتىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە: بىرىنجى، چوڭ بولغاندىن كېيىنكى قىزىمىزنىڭ ئاتا– ئانا مۇھەببىتىنى ھەقىقىي ھېس قىلىشى؛ ئىككىنجى، بۇ يەنە پەرزەنىتلەرگە ھاياتلىق تەربىيسى ئېلىپ بېرىشنىڭ ئەڭ ياخشى ماتېرىيالى بولالايدۇ؛ ئۈچىنجى، بالىلىق ۋاقىتلاردىكى ساپ قەلىبنى خاتىرىلەش، پەرزەنىتلەرنىڭ ئۆزىنى ئۆزى تەربىيلىشىنىڭ ماتېرىيالى بولالايدۇ؛ تۆتىنجى، پەرزەنىتلەرنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىش خاتىرىسىنى يېزىش، ئاتا– ئانىلارنىڭ ئۈزلۈكسىز ھالدا ئۆتكەننى ئويلاپ تەربىيە ئېلىپ بېرىش جەريانى بولىدۇ. »
لىجېنشى قىزى ئەمدىلا تۇغۇلغاندىن باشلاپ خاتىرە يېزىشقا باشلىغان، بىراق مەن قىزىم تولۇق ئوتتۇرىنىڭ ئۈچىنجى يىللىقىغا چىقىش ئالدىدا ئاندىن خاتىرە يېزىۋاتىمەن، ۋاقىت ئۆتسە كەينىگە قايتمايدۇ، ئۆتۈپ كەتكەن كۈننى ئارقىغا ياندۇرۇش گۈزەل تىلەكتىن باشقا نەرسە ئەمەس.