-
ئاھ، ئانا تىلىم - [ئاناتىلنى ئۆگەيلىمەيلى]
2009-06-12
ئېچىپ بەردىڭ تىلىمىزنىڭ دەردىنى،
تېپىپ بەردىڭ تىلىمىزنىڭ مېزىنى،
قانداق چىداي تىلغا ئەخلەت ئارىلاشسا،
يوقىتارمۇ ئانا تىلىم ئىزىنى...يوقاپ كەتسە ئانا تىلىم يېنىمدىن،
چىدالامدىم تىلسىز بولسام تېگىمدىن،
چىدىمايدۇ دوستلار بەلكىم مېنىڭدەك،
قانداق چىداي گاچا بولسام تىلىمدىن.... ...
-
ئانا تىل- يېزىقىنىڭ كۆز يېشى - [ئاناتىلنى ئۆگەيلىمەيلى]
2009-06-12
مىللىي مەدەنىيەتنىڭ گۈللىنىشى، بولۇپمۇ تىلنىڭ گۈللىنىشى ئانا تىلنى مەڭگۈلۈك راۋاجلاندۇرۇش ۋە قوغداشتا.
تىل ــــــ بىر مىللەتنىڭ جېنى بولۇپلا قالماي ھەم شۇ مىللەتنىڭ مەۋجۇتلۇقى ئاساسىدا ئار نومۇسنى ئاقلايدۇ.
بىر مىللەتنىڭ مائارىپ ۋە مەدەنىيىتىنى كۆڭۈلدىكىدەك تەرەققىي قىلدۇرۇش، زامانىۋىيلاشتۇرۇش ۋە دۇنياغا يۈزلەندۇرۇشتە ئانا تىل بىباھا گۆھەردۇر.
بىر مىللەتنىڭ تىلىنى كۆڭۈلدىكىدەك يوقۇتىشنىڭ ئاساسىمۇ، ئالدى بىلەن شۇ مىللەتنىڭ مەنىۋىيىتى بولغان يېزىقىنى يوقۇتۇشتا.
مۇشۇ يېقىندىن بېرى، يېزىقىمىز توغرىسىدا غەيرى ئەھۋاللار يۈز بىرىۋاتىدۇ. مەن بۇنى بىر بوۋاينىڭ كۆز يېشى ۋە ئەمەلىي پاكىتلار ئارقىلىق بايان قىلماقچىمەن:
بوۋاينىڭ كۆز يېشى
ــــ بالام! ماۋۇ كوچىباشقارما تەۋەسىدىكى ساقچىخانىنىڭ ئورنىنى مۇشۇ تەرەپكە يۆتكەپتۇ دەپ ئاڭلىۋىدىم، ھېچ تاپالمىدىميا!
ــــ تاغا! مانا ئالدىلىرىدا تۇرمامدۇ ساقچىخانا.
ــــ ۋاي!!! بالام ئەيىپكە بۇيرىمىسىلا، خەت تونۇغاندىكىن ساقچىخانىنى دەرۋازا بېشىغا ئېسىپ قويغان تاختىيىغا قاراپ تاپالايمەن دەپ ھېچكىمدىنمۇ سورىمىغانتىم، مانا ئەمدى ساقچىخانىنىڭ ئالدىغا كېلىپ ساقچىخانىنى سوراپ سېلىنى ئاۋارە قىپتىمەن، خاپا بولمىسىلا جۇما بالام! بوۋاي ساقچىخانىنىڭ ۋىۋىسكىسىغا سىنجىلاپ قاراپ قويۇپ، خۇرسۇنغان ھالدا ئۇلۇغ كىچىك تىنىپ، بىر خىل خىجىلچىلىق ئىچىدە مەندىن ئەپۇ سوراپ كەتتى. -
قىسقىچە تونۇشتۇرۇلۇشى: 1999.يىلى نويابىر، ب د ت مائارىپ، ئىلىم– پەن ۋە مەدەنىيەت تەشكىلاتىنىڭ ئومۇمىي چوڭ يىغىنىدا : «2000.يىلىدىن باشلاپ، ھەر يىلى 21.فېۋرال كۈنى خەلقئارالىق ئانا تىل كۈنى(International Mother Language Day) قىلىپ بېكىتىلىدۇ. » دەپ ئېلان قىلىندى. تىل ئىنسانلارنىڭ شەكىللىك ۋە شەكلىسىز مەدەنىيەت مىراسلىرىنى ساقلايدىغان ھەمدە تەرەققى قىلدۇرىدىغان ئەڭ كۈچلۈك قورال. ئانا تىلنىڭ تارقىلىشىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان ھەر تۈرلۈك پائالىيەتلەر تىلنىڭ كۆپ خىللىقى ۋە كۆپ تىللىق مائارىپنىڭ تەرەققىياتىغا پايدىلىق بولۇپلا قالماستىن، بەلكى يەنە دۇنيادىكى ھەرقايسى تىل ۋە مەدەنىيەت ئەنئەنىلىرىنى چۈشىنىشىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ، ئۆز ئارا چۈشىنىش، ئەپۇچانلىق ئاساسىدا پىكىر ئالماشتۇرۇش ئارقىلىق پۈتۈن دۇنيا ئەللىرىنىڭ ئىتتىپاقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىمۇ پائال رول ئوينايدۇ.
-
ئانا تىلىمىزنى ئۆگەيلىمەيلى - [ئاناتىلنى ئۆگەيلىمەيلى]
2009-01-29
— جاۋيەنشى (ئوقۇتۇش تەتقىقات ئىشخانىسى) دىكىلەرنىڭ پۇل تاپقۇسى كەپقالغان گەپ! بولمىسا، مۇشۇ زاماندا ئۇيغۇر تىل–يېزىقىنى قېلىپلاشتۇرغاننىڭ نېمە پايدىسى دەيمەن؟
— شۇنى دەيمەن، مانا بىر ئوبدان سۆزلىيەلەيمىز، بىر ئوبدان يازالايمىز.
— بىز يا قەشقەرلىق، يا خوتەنلىك بولمىساق خاتا گەپ قىلىدىغان...
— 135 سومنى بىكاردىن بىكارلا ئېلىۋالىدىغان بولدى. قىپقىزىل زىيان–دە، زىيان.
— ئاز كەم ئون كىلو گۆش كېلەتتى!
— يىغىلىپ ئولتۇرغان بولساقمۇ راۋۇرۇس بىر سورۇننىڭ پۇلى دېگىنە!
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مىللەتلەر تىل–يېزىق خىزمىتى كومىتېتى، ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستلىق مىللەتلەر تىل–يېزىق خىزمىتى كومىتېتىنىڭ ئالاقىدار ھۆججەتلىرى (ئوبلاستلىق تىلكوم [2005] 12 – نومۇرلۇق) نىڭ روھىغا ئاساسەن غۇلجا ناھىيە ئوقۇتۇش تەتقىقات مەركىزىنىڭ بىر تۇتاش پىلانلىشى ۋە ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن ئۇيغۇر تىل–يېزىقىنى قېلىپلاشتۇرۇش بويىچە تەربىيىلەش، سىناق ئېلىش خىزمىتىنىڭ تۇنجى قېتىم غۇلجا ناھىيىسىدە ئېلىپ بېرىلىشى، مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى ئاجىز، ئانا تىلغا بولغان مېھىر–مۇھەببىتى سۇس بىر قىسىم ئوقۇتقۇچىلار ئارىسىدا ئەنە شۇنداق ئىنكاسلارنى پەيدا قىلغاچقا، ئۇلار ئۇچرىغان يەردە ئەنە شۇنداق سۆزلەپ، ئۆز ئانا تىلىنى ھاقارەتلەپ يۈردى.
ئاپتور: غۇلجا ناھىيە ئوقۇتۇش تەتقىقات مەركىزىدىن شەمشىنۇر ئىبراھىم
مەنبە: شىنجاڭ مەدەنىيىتى ژۇرنىلى 2006–يىل 1–سان
ئەسلى مەنبە: http://www.biliwal.com/modules.p ... pic&p=2665#2665 -
«ئانا تىل»ناخشىسىنى چۈشۈرىۋېلىڭ - [چۈشۈرۈش مەخسۇس رايونى]
2009-01-29
دۇتتار شاھى، تالانتلىق ناخشىچىمىز ئابدۇرېھىم ھېيتنىڭ ئورۇنلىشىدىكى «ئاناتىل» ناملىق ناخشىنى كۆپچىلىكنىڭ ياقتۇرۇپ ئاڭلىشىنى ئۈمىد قىلىش بىلەن بىرگە دوستلارنىڭ چۈشۈرىۋېلىشىغا قولايلىق بولۇشى ئۈچۈن ئادرېسمۇ قوشۇپ يوللاندى، تۆۋەندىكى ئادرېستىن چۈشۈرىۋالغايسىز!
ئاناتىل
قۇتلۇق ھاجى شەۋقىئانا تىل بىلگەن كىشىنىڭ ئىززىتىن قىلغۇم كىلۇر،
ئانا تىلنى ئاغزىدىن ئالتۇن بىرىپ ئالغۇم كىلۇر.
بۇ ئانا تىل بولساگەر ئامرىكايۇ ئافرىقىدا-،
سەرپ ئىتىپ مىڭلارچە تىللا ئاندا مەن بارغۇم كىلۇر.
ئەي ئانا تىل بىزگە سەن قالغان ئۇلۇغلاردىن نىشان،
سەن بىلەن روھى زىمىندا ئىپتىخارلانغۇم كىلۇر. -
چەت ئەلدىكى بىر ئۇيغۇر ئانا بىلەن سۆھبەت - [ئاناتىلنى ئۆگەيلىمەيلى]
2009-01-28
تونۇشتۇرۇش: زىيارەت قىلىنغۇچى كومپيۇتېر پەنلىرى بويىچە دوكتور. تۆۋەندىكىسى باشقىلارنىڭ ھاۋالىسى بىلەن ئېلىپ بېرىلغان سۆھبەت. سۆھبەتتە بۇ ھەمشىرىمىز بالىلارنى شۇ كافىر مۇھىتىدا، ئۇيغۇرسىز مۇھىتتا ئېتىقادلىق ھەم ئانا تىلىنى بىلىپ چوڭ قىلىشتا قانداق قىلغانلىقى توغرىسىدا سۆزلەيدۇ.
سورالغان سوئاللار تۆۋەندىكىچە:
1. ئىككى ئوغلىڭىز باركەن. ئوغۇللىرىڭىزنىڭ بىلىم ئىگىلەش ئەھۋالىنى تونۇشتۇرۇپ بەرسىڭىز. يەنى پەننى ۋە دىنىي جەھەتلەردە قانداقراق بىلىم ئىگىلەۋاتىدۇ؟
2.سىز ئوغۇللىرىڭىزنى يەسلىگە بەرمەي ئوزىڭىز تەربىيىلەپسىز، بۇنىڭ سەۋەبى نېمە؟
3.بالىلىرىڭىز ئۆيدە پۇتۇنلەي ئۇيغۇر تىلىدا سوزلىشىدىكەن، سىز بۇنىڭ كېيىن مەكتەپكە كىرگەندە توسالغۇ بولۇپ قېلىشىدىن ئەنسىرىمىدىڭىزمۇ؟
4.ئامېرىكىدەك دۆلەتتىمۇ بالىلارغا ئىسلامىي مەكتەپلەر بار ئىكەن، ئاڭلاپ ناھايىتى سۆيۈندۈم. بۇنداق مەكتەپلەر مۇسۇلمان ئاتا-ئانىلارنىڭ يۈكىنى كۆپ يىنىكلەتسە كېرەك؟
5.ئەر-ئاياللار ئىككىلىڭلار دوكتورلۇق ئوقۇۋاتقان مەزگىلدە ئىككى بالىنىڭ ھالىدىن ئۆزۇڭلار خەۋەر ئاپسىلەر، يەنە ۋاقىت چىقىرىپ قۇرئان يادلايدىكەنسىز، ۋاقىتنى قانداق ئورۇنلاشتۇرىسىز؟
6.ھازىر ئالىي مەكتەپلەردىكى بىر قىسىم ھەمشىرىلەر ئارىسىدا بەرىبىر ئوقۇساقمۇ يەنە بېرىپ ئۆيدە ئولتۇرىدىكەنمىز، دەپ مەكتەپنى تاشلاش خاھىشى ئېغىركەن. سىز مۇشۇ ئەھۋالغا قانداق قارايسىز؟
7.يېڭى توي قىلغان، يېڭى بالىلىق بولغان ھەمشىرىلەرگە ئائىلە، ئاياللىق ئەخلاقى ۋە پەرزەنت تەربىيىلەش توغرىلىق ئىككى ئېغىز نەسىھەت ۋە تەكلىپ بەرسىڭىز. ئاللاھ سىزدىن رازى بولسۇن.ماقالە ئەسلى مەنبەسى: http://www.berqi.com/bbs/viewthread.php?tid=2451
ماقالىنىڭ ئېلكىتاب نۇسخىسىنى بىلىك كۇلۇبىدىن دېل تەييارلىدى.
كومپىيۇتېردا ئوقۇسىڭىز: http://dell.bilik.googlepages.com/A4.pdf
يانفوندا،PDA، Iphone دا ئوقۇسىڭىز: http://dell.bilik.googlepages.com/MobilePhone.pdf