• — جاۋيەنشى (ئوقۇتۇش تەتقىقات ئىشخانىسى) دىكىلەرنىڭ پۇل تاپقۇسى كەپقالغان گەپ! بولمىسا، مۇشۇ زاماندا ئۇيغۇر تىل–يېزىقىنى قېلىپلاشتۇرغاننىڭ نېمە پايدىسى دەيمەن؟
    — شۇنى دەيمەن، مانا بىر ئوبدان سۆزلىيەلەيمىز، بىر ئوبدان يازالايمىز.
    — بىز يا قەشقەرلىق، يا خوتەنلىك بولمىساق خاتا گەپ قىلىدىغان...
    — 135 سومنى بىكاردىن بىكارلا ئېلىۋالىدىغان بولدى. قىپقىزىل زىيان–دە، زىيان.
    — ئاز كەم ئون كىلو گۆش كېلەتتى!
    — يىغىلىپ ئولتۇرغان بولساقمۇ راۋۇرۇس بىر سورۇننىڭ پۇلى دېگىنە!
    شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مىللەتلەر تىل–يېزىق خىزمىتى كومىتېتى، ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستلىق مىللەتلەر تىل–يېزىق خىزمىتى كومىتېتىنىڭ ئالاقىدار ھۆججەتلىرى (ئوبلاستلىق تىلكوم [2005] 12 – نومۇرلۇق) نىڭ روھىغا ئاساسەن غۇلجا ناھىيە ئوقۇتۇش تەتقىقات مەركىزىنىڭ بىر تۇتاش پىلانلىشى ۋە ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن ئۇيغۇر تىل–يېزىقىنى قېلىپلاشتۇرۇش بويىچە تەربىيىلەش، سىناق ئېلىش خىزمىتىنىڭ تۇنجى قېتىم غۇلجا ناھىيىسىدە ئېلىپ بېرىلىشى، مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى ئاجىز، ئانا تىلغا بولغان مېھىر–مۇھەببىتى سۇس بىر قىسىم ئوقۇتقۇچىلار ئارىسىدا ئەنە شۇنداق ئىنكاسلارنى پەيدا قىلغاچقا، ئۇلار ئۇچرىغان يەردە ئەنە شۇنداق سۆزلەپ، ئۆز ئانا تىلىنى ھاقارەتلەپ يۈردى.

    ئاپتور: غۇلجا ناھىيە ئوقۇتۇش تەتقىقات مەركىزىدىن شەمشىنۇر ئىبراھىم
    مەنبە: شىنجاڭ مەدەنىيىتى ژۇرنىلى 2006–يىل 1–سان
    ئەسلى مەنبە: http://www.biliwal.com/modules.p ... pic&p=2665#2665