مەرھابا، بۈگۈن
جاۋارىش زەرئۇنىنىڭ مەنپەئەتلىرى ۋە نۇسخىسى
تەۋە تۈر: ئەرلەر كېسەللىكلىرى، قارابادىن(پىششىق دورا) | يوللانغان ۋاقتى: 2013/02/19 | كۆرۈلۈشى: 965 قېتىم

بۇ دورا بۆرەكنى قۇۋۋەتلەش ۋە ئۇنىڭ سۈزۈش خىزمىتىنى ياخشىلاش،بۆرەك زەئىپلىكى،سوغۇق ئۆتۈش سەۋەبلىرىدىن بولغان بەل ئاغرىقلىرىنى يوقىتىش، باھ زەئىپلىكىگە مەنپەئەت قىلىپ شەھۋەتنى كۈچلەندۈرۈش،مەنىينىڭ سۇۋۇپ ۋە سۇيۇلۇپ كېتىشىنى ياخشىلاپ مەنىينى قىزىتىش، قۇيالدۇرۇش ۋە كۆپەيتىش،تىز كېتىشىنى تىزگىنلەش،بەدەن ھۆللۈكلىرىنى قۇرۇتۇش،ئاشقازاننى قىزىتىپ يەل تارقىتىش،ئۇنۇتقاقلىق نېرۋا ئاجىزلىقى قاتارلىق كېسەللىكلەرگە مەنپەئەت قىلىدۇ ۋە كۆپىنچە بۆرەكنى قۇۋۋەتلەش مەقسىتىدە كۆپ ئىشلىتىلىدۇ.

ئۇنىڭ نۇسخىلىرى ھەر خىل بولۇپ،تۆۋەندىكى چوڭ نۇسخىلىق ،مەنپەئەتلىرى كۆپ بولغان نۇسخىسى :

كەرەپشە ئۇرۇقى،سەۋزە ئۇرۇقى،سېرىقچىچەك، قۇغۇن ئۇرۇقى،تەرخەمەك ئۇرۇقى ،ھەببەتۇلخوزرا،ھەببى قەلقەل،جۇۋىنە،بەدىيان، نارجىل، چىلغوزا،قاتارلىقلارنىڭ ھەر بىرىدىن 45گرامدىن؛ئاق بەھمەن، قىزىل بەھمەن،ئەرمۇدۇن ئۇرۇقى،شاقاقۇل مىسرى،ئاق تۇدرى،سېرىق تۇدرى قاتارلىقلار 25گرامدىن؛بەسباسە، قەلەمپۇر،قارىمۇچ،ئاقىرقەرھا ئەسلى،زەنجىبىل،جۇيۇز،يەرلىك قىزىلگۈل،ئالقات،دارچىن،پىلپىل،بىدە ئۇرۇقى،چامغۇر ئۇرۇقى،پىياز ئۇرۇقى،كۈدە ئۇرۇقى ھەر بىرى 20گرامدىن؛سۆئلەپ مىسرى،بۇقا چۈيىسى،قۇشقاچ مېڭىسى،قەسبۇززەرىرە،ئوغرىتىكەن،خورما مېۋىسى ھەر بىرى 18گرامدىن؛مەستىكى رۇمى،ئۇدھىندى،كۇندۇر ھەر بىرى 10گرامدىن؛ئەنبەر بەش گرام،ئىپار ئۈچ گرام،ئالى جىگدە ھەسىلى ئىككى يېرىم ھەسسە.

无觅相关文章插件


  • ئالدىنقى يازما:
  • كېيىنكى يازما:

  • 

    
    ئەزا مەركىزى