تادۇ ئۇيغۇر تېبابەت بىلوگى

پەرۋاز ئۇنۋىرسال سودا شەھەرچىسى

بۇ تېما مەرىپەت يولى مۇنبىرىدىن ئاپتورنىڭ رۇخسىتى بىلەن كۆچۈرۈلدى
ئىسلامدا جىنسىي تۇرمۇش
ئاپتۇرى: ئەلى رىزا دەمىرجان [تۈركىيە]
تەرجىمان: ئابدىمىجىت
1-قىسىم
جىنسىي تەربىيە پەرىزدۇر
مۇھىم ئەسكەرتىش
ئاللاھ ياراتقان مەۋجۇداتلار ئىچىدە ئەڭ بۈيۈك مەۋجۇدات ئىنساندۇر. ئاسمان ۋە زېمىندىكى پۈتكۈل شەيئىلەر ئىنساننىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن يارىتىلغاندۇر.
شۈبھىسىزكى، ئىنساننىڭ روھى كۈچىگە قارىغاندا جىسمانى كۈچى بەك ئاجىزدۇر. روھى كۈچنىڭ ئۇلۇغۋارلىقى ۋە چوڭقۇرلۇقىغا نىسبەتەن جىنسىي ئارزۇ-تەلەپلىرى ئۇلۇغۋار ئەمەستۇر.

بىز بۇ كىتابتا ئىسلام دىنىنىڭ ئىككى ئاساسى مەنبەسى بولغان قۇرئان ۋە سۈننەت ئۆلچىمى ئاساسىدا ئىنساننىڭ جىنىسىيەتى ۋە جىنسي تۇرمۇشىنى بايان قىلىشنى مەقسەت قىلدۇق.

كىتابنىڭ تېمىسىنى تېخىمۇ ئېنىق يورۇتۇپ بېرىش ئۈچۈن، ئىنساننىڭ جىنسىي تەرىپىنىلا تىلغا ئالدۇق. بۇ جەھەتتە ئىنساننىڭ جىنسىي ئەھۋالىنى بايان قىلىشتا قۇرئان ۋە سۈننەتتە كۆرسىتىلگەن جىنسىي قائىدە-تۈزۈملەرنى ئىزاھلاشقا تىرىشتۇق.

كىتابىمىزدىكى قۇرئان ۋە سۈننەتنىڭ جىنسىي تۇرمۇشنى بايان قىلىدىغان قائىدە-تۈزۈملەرنى ئوقۇغان ۋاقىتىمىزدا، «قۇرئان» ۋە «سۈننەت» پەقەتلا جىنسىي تۇرمۇشنىلا بايان قىلامدۇ؟ دەيدىغان بىر شۈبھىگە چۈشمەسلىكىمىز كېرەك.

يۇقىرىدا ئېيتىپ ئۆتكىنىمىزدەك، كىتابىمىزدا پەقەتلا جىنسى تۇرمۇش بايان قىلىنغانلىقى ئۈچۈن، قۇرئان ۋە سۈننەتنىڭ جىنسىيەتكە مۇناسىۋەتلىك پرىنسىپلىرىلا ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

شۇنى بىلىش لازىمكى، قۇرئان ۋە سۈننەت ئىنسانىيەتنىڭ يېگانە ھايات نىزامىدۇر. بۇ ئىككى مۇقەددەس مەنبە جىنسىي تۇرمۇشنىلا ئەمەس، بەلكى ئىنسانغا مۇناسىۋەتلىك سىياسىي، ئېتىقادىي، ئىجتىمائىي، قانۇنىي، ئىقتىسادىي ۋە ئەخلاقى قاتارلىق پۈتكۈل ساھەلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇنىڭ بىلەن ئىنساننى دۇنيا ۋە ئاخىرەت سائادىتىگە ئېرىشتۈرىدۇ.

قۇرئان ۋە سۈننەتتە جىنسي تەربىيە پەرىزدۇر

”مۇنداق دۇئا قىلغىن: رەببىم ئىلمىمنى زىيادە قىلغىن“ (تاھا سۈرىسى 14-ئايەت )

ئىسلام دىنى قائىدە-تۈزۈملىرىنى ئاللاھ ۋە پەيغەمبىرى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام بېكىتكەن بىر ھايات نىزامىدۇر. ئاللاھ ئىنسانلارنى ئىشەنسۇن، ئەمەل قىلسۇن دەپ ئەۋەتكەن بۇ دىن شەخس ۋە جەمئىيەتنى بىر پۈتۈن دەپ قارايدۇ.

بۇ دىن ئىنسان ھاياتىنى ئۆز ئىچىگە ئالغاندەك، جىنسىي تۇرمۇشنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئېلىپ، توغرا ۋە پايدىلىق تەۋسىيەلەر بىلەن ئىنساننى بەندىچىلىك دائىرىسىدە تۇتىدۇ.

جىنسىيەت ھەققىدىكى ھالال ۋە ھاراملارنىڭ ئۆگۈتىلىشى پەرىزدۇر

ئىسلام دىنىنىڭ ئىمان ئاساسلىرى ۋە مەسئۇلىيەت خارەكتېرىدىكى بۇيرۇق ۋە چەكلىمىلىرىنى بىلىش پەرىز ئەيندۇر.[1]

ھەر بىر مۇئمىن بىلىشكە تېگىشلىك پەرىز ئەينلەرنى ئۆگىنىش بىلەن بىرلىكتە بىۋاستە ياكى ۋاستىلىق ھالدا ئەۋلادلارغا ئۆگىتىشكىمۇ مەسئۇلدۇر. بۇ ھەقتە ئىسلام ئالىملىرىنىڭ پىكرى بىردەكتۇر.

ئىسلام دىنىنىڭ جىنسىي تۇرمۇشنى تەرتىپكە سالىدىغان پرىنسىپلىرىنىڭ كۆپ قىسمى ئىجرا قىلىشقا تېگىشلىك بۇيرۇقلار (ھالاللار) ۋە قىلماسلىققا تېگىشلىك چەكلىمىلەر (ھاراملار) دەپ ئىككىگە ئايرىلىدۇ. بۇ سەۋەپتىن بۇ ئىلاھى ئەمىر ۋە چەكلىمىلەر دائىرىسىدە جىنسىي تەربىيە پەرىزدۇر.

پىرىنسىپ شەكلىگە كەلتۈرۈلگەن بۇ ھەقىقەتنى ئوتتۇرىغا قويۇش ئۈچۈن، دىنىمىزنىڭ جىنسىي تۇرمۇشقا مۇناسىۋەتلىك چەكلىمىلىرىنىڭ بىر قىسمىغا قاراپ باقايلى:

”جىنسىي ئارزۇ بىلەن شەھۋەت بىلەن قاراش، بالاغەتكە يەتكەن قىز-ئوغۇلنىڭ بىر يەردە يالغۇز قېلىشى، جىنسىي ھېس-تۇيغۇلارنى غىدىقلايدىغان مۇزىكا، زىنا، ئوخشاش جىنىسلىقلارنىڭ مۇھەببەتلىشىشى، ھايۋانلار بىلەن جىنسىي مۇناسىۋەت قىلىش، جىسمانى گۈزەللىكىنى ئايان قىلىدىغان كىيىملەرنى كىيىش، پاھىشخانا ئېچىش، ئىپپەتلىك ئايالغا بۆھتان قىلىش، جۇنۇپ بولغان ۋاقتىنى بىر تاھارەت ۋاقتىغىچە ئۇزارتىش، ئادەت، نىفاس ۋاقتىدا جىنسىي مۇناسىۋەت قىلىش، ئايالى بىلەن ئارقا تەرەپتىن جىنسىي مۇناسىۋەت قىلىش، تىببى ۋە دىنى بىر سەۋەپ بولماستىن ئېرىنىڭ جىنسى تەلىۋىگە قارشى چىقىش، ئايالىغا ئەھمىيەت بەرمەسلىك، ئايالىنىڭ ھەق ۋە ئەركىنلىكىنى قىسىپ قويۇش، ئەر-خۇتۇن ئېغىزدىن جىنسى مۇناسىۋەت قىلىش قاتارلىقلار.“

يۇقىرىدا قۇرئان ۋە سۈننەتكە ئاساسلىنىپ ئوتتۇرىغا قويۇلغان بىر قىسىم جىنسي ھارام (چەكلىمە)لار ۋە بۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك ساۋاتلارنى ئۆگىنىش ۋە ئۆگىتىش پەرىزدۇر.

بۇ ھاراملارنى بىلمىسەك ۋە بىلدۈرمىسەك قانداق بولىدۇ؟ بۇ ھاراملارنى بىلمسەك، بۇنىڭدىن ئۆزىمىزنى قانداق ساقلاپ قالالايمىز؟ يەنە بۇ چەكلىمىلەرنىڭ سىرتىدا قالغان بىر قىسىم جىنسىي خارەكتېرلىك ۋەزىپىلىرىمىزمۇ بار.

جىنسي ھالال ۋە ھاراملار ئاخىرەت ھاياتىمىزغا يېقىندىن مۇناسىۋەتلىكتۇر. مۇئمىنلار خاتىرجەم ۋە بەختلىك دۇنيا ھاياتى ئۈچۈن جىنسي چەكلىمىلەرنى بىلىشكە موھتاج بولغىنىدەك، جەھەننەم ئازابىدىن قۇتۇلۇش ئۈچۈنمۇ بۇ چەكلىمىلەرنى بىلىشكە موھتاجدۇر. چۈنكى ئاللاھ رەسۇلى سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم جەھەننەمگە كىرىشكە سەۋەپ بولىدىغان گۇناھلارنىڭ تىل ۋە جىنسي ئەزا بىلەن قىلىنغان گۇناھلار ئىكەنلىكىنى ئېيتقان. ئۇ جەننەتكە كىرىش ئۈچۈن جىنسىي ھاراملاردىن يىراق تۇرۇش لازىملىقىنى ئېيتىپ مۇنداق دېگەن:

”ئەي مۆمىنلەر! كىم ماڭا تىلى ۋە ئەۋرىتىنى يالغاندىن، زىنادىن يىراق تۇتۇشقا كاپالەتلىك قىلسا، مەن ئۇنى جەننەتكە كىرىشكە كاپالەتلىك قىلىمەن.“[2]

جىنسىي ساۋاتلارنى ئۆگىنىش ۋە ئۆگىتىش ھاياسىزلىق ئەمەستۇر. ئاللاھ رەسۇلى سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم جىنسىي تۇرمۇشقا مۇناسىۋەتلىك ئىلاھى ئەمىر ۋە چەكلىمىلەرنى بىلدۈرۈشكىمۇ ئەھمىيەت بەرگەن. ئاللاھ رەسۇلىنىڭ تىل ۋە ھاياغا دىققەت قىلىشى، ئۇنىڭ جىنسىي تەربىيە بېرىشىگە توسقۇن بولمىغان ۋە جاھالەتكە مەھكۇم قىلىدىغان خىجىلچانلىقنىمۇ تەۋسىيە قىلمىغان. ھايا جىنسىي مەسىلىلەرنى، جىنسىي مەسىلىلەرمۇ ھاياغا دىققەت قىلىشنى تەلەپ قىلغانلىقى ئۈچۈن بىز ھايانى قىسقىچە چۈشەندۈرىمىز.

ھايا_ ئىنساننى خورلۇقتىن، پۇشايمان قىلىدىغان سۆز-ھەرىكەتلەردىن ساقلايدىغان تۇيغۇ-ھېسسىياتتىن ئىبارەت. ھايا ئاللاھنىڭ ئالدىدا ھېسابقا تارتىلىدىغانلىقىغا ئىشىنىش بىلەن كۈچلىنىدۇ، ئىلاھى ئەمىر ۋە چەكلىمىلەر بىلەن ئەمىلىي قىممەتكە ئىگە بولىدۇ.

ھايا ئىنسان تەبىئىتىدە مەۋجۇت بولغان نەرسە بولۇپ، ئۇ ئاللاھقا، ئىنسانلارغا ۋە پەرىشتىلەرگە قارىتا قانداق ھايا قىلىش قاتارلىق بىر نەچچە قىسىملارغا بۆلىنىدۇ.

ھايانىڭ ھەر بىر پارچىسى ئىسلامىدۇر ۋە ھەر ئىنساندا بولۇشقا تېگىشلىك دىنىي بىر ئالاھىدىلكتۇر. ھايا بىر خەيىردۇر، ئىسلام دىنىنىڭ بارلىق ئەمىر ۋە چەكلىمىلىرىنى بىلىش تېخىمۇ بۈيۈك خەيردۇر. خەيىر ياخشى ئىشلارغا توسالغۇ ئەمەس، ئەكسىچە ياردەمچىدۇر. چۈنكى ئاللاھ رەسۇلى سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: ”ھەقىقى ھايا پەقەتلا ياخشىلىق ئېلىپ كېلىدۇ“ [3]دېگەن. بۇ سەۋەپتىن ھايا پەرز بولغان جىنسىي تەربىيەگە توسالغۇ بولمىغان، ئەكسىچە پەزىلەت دەپ قارالغان.

پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ قەدىرلىك ئايالى، ھۆرمەتلىك ئانىمىز ھەزرىتى ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا مەدىنىلىك مۇسۇلمان ئاياللارنى مەدھىلەپ: ”ئۇلار نېمە دېگەن ھۆرمەتلىك ئاياللار! ئۇلارنىڭ ھايا تۇيغۇسى، دىنىنى ياخشى بىلىشكە توسالغۇ بولمىدى“ دېگەن.

ئىسلام دىنى جىنسىي تۇرمۇشقا مۇناسىۋەتلىك ئەمىر-چەكلىمىلەرنى ئۆگىنىش، ئۆگىتىشتە جىنسىي ئەزا، بۇ ئەزالاردىن چىقىدىغان مەنى، مەزى، قان قاتارلىق جىنسىي ھېسسىيات ۋە بۇ ھېسسىياتنى بارلىققا كەلتۈرىدىغان سۆز-ھەرىكەتلەرنىمۇ بايان قىلىدۇ. جىنسىي خارەكتېرلىك كېسەل ۋە ئاجزلىقلارنى ئوتتتۇرىغا قويۇش ئۈچۈن جىنسىي ئەزالارنىڭ فىزولوگىيلىك تۈزۈلىشىنىمۇ بايان قىلىدۇ. بۇنىڭغا ئوخشاش مىساللارنى كۆپەيتىش مۇمكىن.

يۇقىرىدا بايان قىلىنغانلار دىنىي ھاياتنىڭ چەكلەنگەن دائىرىسىگە كىرگەن بولسا ئىدى، بۇ مۇقەددەس دىن ئۆز ئىچىدە زىتلەشكەن بولاتتى.

ئاللاھ رەسۇلىنىڭ جىنسىي تەربىيەسى

“ ئى پەيغەمبەر! پەرۋەردىگارىڭ تەرىپىدىن ساڭا نازىل قىلىنغان ئەھكاملارنىڭ ھەممىسنى يەتكۈزگىن، ئەگەر تولۇق يەتكۈزمىسەڭ، ئاللاھ تاپشۇرغان ۋەزىپىنى ئادا قىلمىغان بولىسەن، ئاللاھ سېنى كىشىلەرنىڭ زىيانكەشلىكىدىن ساقلايدۇ. ئاللاھ ھەقىقەتەن كاپىر قەۋمنى ھىدايەت قىلمايدۇ.“ (مائىدە سۈرىسى، 67-ئايەت)

ئاللاھ رەسۇلى قۇرئان ئايەتلىرىنى تەبلىغ قىلدى

ئاللاھتائالا پەيغەمبىرىمىزنىڭ شانىنى ئۈستۈن، ئەگەشكۈچىلىرىنى كۆپ قىلسۇن. ئاللاھ رەسۇلى سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم جىنسىي تۇرمۇشقا مۇناسىۋەتلىك ئايەتلەر نازىل بولغاندا، بۇنى باشقىلارغا يەتكۈزۈپ، بۇ ھەقتە ئىزاھاتلار بەردى.

جانابى ئاللاھ بەقەرە سۈرىسىدە ئاياللارنىڭ ئادەت ھالى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئايەت چۈشۈرگەن ۋاقتىدا ئاللاھ رەسۇلى بۇ ئايەتنى تەبلىغ قىلدى.

”ئاللاھ رەسۇلى بۇ ئايەتنى تەبلىغ قىلدى. مۆمىنلەر ئادەت ۋاقتىدا ئاياللىرى بىلەن بىر يەردە يەپ-ئىچىشنى، ئولتۇرۇپ قوپۇشنى ۋە جىنسىي مۇناسىۋەتتىن باشقا ھەر تۈرلۈك ئادەتلىنىپ كەلگەن ئىشلارنى قىلىشنى بۇيرىدى.“

ئاللاھنىڭ رەسۇلىغا دۇرۇت ۋە سالام بولسۇن. ئاللاھنىڭ رەسۇلى ئوقۇلغان ۋەھيى بولغان قۇرئان ئايەتلىرىنىڭ سىرتىدا ئۆزىگە بىلدۈرۈلگەن جىنسىي خارەكتېردىكى ئىلاھىي بۇيرۇقلارنى چۈشەندۈرۈپ، جىنسىي تەربىيەنى داۋاملاشتۇردى.

ئۇ بىر ھەدىسىدە مۇنداق دەيدۇ: ”ئاللاھقا، پەرىشتىلەرگە ۋە ئىنسانلارغا قارىتا ھايالىق بولۇڭلار. شۇنى بىلىڭلاركى، ئاللاھ ھەقىقەتنى بىلدۈرۈپ ئەمىر قىلىشتا ھايا قىلمايدۇ.“

”ئەي مۆمىنلەر! ئاياللىرىڭلار بىلەن ئارقا تەرەپتىن جىنسىي مۇناسىۋەت قىلماڭلار.“

ئاللاھنىڭ رەسۇلى سوئال ۋە مەسىلىلەرگە جاۋاب بەرگەن

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىۋاستە سورالغان سوئاللارغا جاۋاب بېرىش بىلەن بىرلىكتە ۋاستىلىق سورالغان سوئاللارغىمۇ جاۋاب بېرىپ، جىنسىي تەربىيەنى داۋاملاشتۇردى. مىسال بەرسەك، ئۇزۇن مۇددەت چۆلدە قالغانلىقى ئۈچۈن جۇنۇپلۇقتىن غۇسلى قىلىشقا سۇ تاپالمىغاندا نېمە قىلىش لازىملىقىنى سورىغۇچىلارغا، تەيەممۇم قىلىشنى ۋە تەيەممۇمنىڭمۇ قانداق قىلىنىدىغانلىقىنى ئۆگەتتى.

مەنىنى بالىياتقۇنىڭ سىرتىغا قويۇپ بېرىپ، بالا بولۇشنىڭ ئالدىنى ئالغانلىقى ئېيتىلغان ۋاقىتتا، ئاللاھ رەسۇلى قۇرئانغا ئاساسلىنىپ، بۇ خىل تەدبىرلەرنى ”بالىنى مەخپى توپراققا كۆمۈش“ دەپ ئىپادىلەپ، ئاللاھنىڭ قەدەر (تەقدىر) پروگراممىغا قويغان جانلىقلارنىڭ مۇتلەق يارىتىلىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

شاھىت بولغان ۋەقەلەر ھەققىدە ئىزاھات بەرگەن

مەسىلەن، قارنى ئۈستىدە ياتقان بىر ئادەمنى كۆرۈپ مۇنداق دېدى:

”قارنى ئۈستىدە يېتىش ئاللاھ ياخشى كۆرمەيدىغان يېتىش شەكلىدۇر، بۇنداق ياتماڭلار“ (تىرمىزى، ئەدەب، 21)

ئۆزىنىڭ ھېس-تۇيغۇسىغا قاراپمۇ چۈشەنجىسىنى ئوتتۇرىغا قويدى

ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى بىر ئىنسان، بالاغەتكە يەتكەن بىر ئەركەك بولىشى سۈپىتى بىلەن ئۆزى ھېس قىلغان جىنسىي تۇيغۇلارنى بالاغەتكە يەتكەن باشقا ئەركەكلەر تەرىپىدىنمۇ ھېس قىلىنىش ھەقىقىتىدىن يولغا چىقىپ، پايدىلىق تەۋسىيەلەرنى قىلىپ، تۇنجى مۇسۇلمانلارنى جىنسىي تەربىيەدىن ئۆتكۈزدى. ئۇ بۇ ھەقتە بىر ھەدىسىدە مۇنداق دەيدۇ:

”مەيلىنى تارتىدىغان بىر ئايال تۈپەيلىدىن بىرىڭلارنىڭ كۆڭلىدە جىنسىي ئارزۇ پەيدا بولسا، دەرھال ئايالىنىڭ يېنىغا بېرىپ، جىنسىي مۇناسىۋەت قىلسۇن، بۇنداق قىلىش پەيدا بولغان جىنسىي تەلەپنى قاندۇرىدۇ“

جنسىي تەربىيە ئاياللارنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ

ئاللاھ رەسۇلى يۇقىرىدا ئېيتىلغان جىنسىي تەربىيە ھەققىدىكى مەلۇماتلارنى ئەركەكلەرگىلا بىلدۈرۈپ قالماستىن، ئاياللارغىمۇ بايان قىلىپ، ئۇلارنىمۇ بۇ ھەقتە مەلۇمات ئىگىسى قىلدى.

ئاياللارغا بىۋاستە خىتاب قىلغان ھەدىسلەردىن شۇ ئىككى ھەدىس تۆۋەندىكىچە:

”ھەر قانداق بىر ئايال خوشپۇراق بىر نەرسە چېچىپ، مەلۇم كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتىش ئۈچۈن ئۇلارنىڭ يېنىدىن ئۆتسە، ئۇ ئايال مەنىۋى جەھەتتىن زىنا قىلغان بولىدۇ. (قاراش چەكلەنگەن ئەزالارغا قارىغان) ھەر كۆزمۇ زىنا قىلغان بولىدۇ.“ (فەيزۇل قادىر،47/3)

”ئاياللار ئارىسىدا ئوخشاش جىنىسلىقلارنىڭ جىنسىي مۇناسىۋەت قىلىشى زىنا ۋە ھارامدۇر.“

جىنسىي تەربىيە بەزى ۋاقىتلاردا بىرلىكتە قىلىندى

ئاللاھ رەسۇلى جىنسىي تۇرمۇشقا مۇناسىۋەتلىك ئەمىر ۋە چەكلىمىلەرنى ئەر-ئاياللارغا ئايرىم-ئايرىم بىلدۈردى. ئۇنىڭ تەربىيەسىدە جامائەتكە ئەرلەر بىلەن بىرگە ئاياللارمۇ قاتناشقانلىقى ئۈچۈن، بەزى ۋاقىتلاردا ئورتاق ساۋاتقا ئىگە بولغان ۋاقىتلارمۇ بولدى. شۇ ھەدىس ئورتاق تەربىيەگە مۇناسىۋەتلىك بىر مىسالدۇر:

يەزىد قىزى ئەسما رەزىيەللاھۇ ئەنھا ئۆزى شاھىت بولغان بىر ۋەقەنى بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ:

”پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىر نامازغا ئىماملىق قىلغاندىن كېيىن ئەتراپىدا ئايرىم-ئايرىم ئولتۇرغان ئەر-ئاياللارنى ئورنىدا تۇرۇشنى بۇيرىدى. سوئال تەرىقىسىدە ئالدى بىلەن ئەرلەردىن:

- ئەجىبا ئارىمىزدا ئىشىكنى ئىتىۋېتىپ، ئايالى بىلەن جىنسىي مۇناسىۋەت قىلغاندىن كېيىن، بۇ مۇناسىۋەتنى باشقىلارغا ئېيتقان ئەرلەر بارمۇ؟ – دەپ سورىدى. كېيىن ئاياللارغا بۇرۇلۇپ:

- سىلەرنىڭ ئىچىڭلاردىمۇ يولدىشى بىلەن قىلغان جىنسىي مۇناسىۋەتنى باشقىلارغا ئېيتقانلار بارمۇ؟ – دەپ سورىدى. جامائەتتىن بىر جاۋاپ كەلمىگەچكە مەن شۇنداق دېدىم:

- يا رەسۇلەللاھ! ئاللاھقا قەسەم قىلىمەنكى، ئەرلەردىنمۇ قىلغان مۇناسۋەتنى باشقىلارغا دېگۈچىلەر بار، ئاياللاردىنمۇ بار. (مەن بۇنى دېگەندىن كېيىن) ئاللاھنىڭ رەسۇلى شۇ تەلىماتنى بەردى:

- جىنسىي تۇرمۇشۇڭلارنى ئوچۇق-ئاشكارا ئېيتىپ يۈرمەڭلار. بۇنداق قىلغان ئەر ۋە ئايال ئىنسانلار ئۆزىگە قاراپ تۇرغاندا، ئەركەك چىشىنىڭ ئىشىنى تۆگەتكەن ئەر-ئايال شەيتانغا ئوخشايدۇ.

ساھابىلار ئالغان تەربىيە نەتىجىسىدە ئەمىلىيەتچىل ئىدى

ئاللاھ رەسۇلىنىڭ، ئىنساننىڭ جىنسىي تەلىۋىنى قاندۇرۇپ، روھى ۋە جىسمانىي جەھەتتىن خاتىرجەملىككە ئېرىشتۈرۈش يولىدىكى تىرىشچانلىقىنى ھاياتىنىڭ بىر پارچىسى دەپ قارىشى، باشقا مەسىلىلەرنى چۈشەندۈرگەندەك، جىنسىيەت ھەققىدىكى مەسىلىلەرنىمۇ نازۇك ئۇسلۇپتا بايان قىلىشى دەسلەپكى مۆمىنلەرنى ئەمىلىيەتچىل قىلغان ئىدى.

ساھابە-كىرام پەيغەمبىرىمىزنىڭ تەربىلىشى نەتىجسىدە ناھايىتى ئەمىلىيەتچىل ئىدى. شۇنىڭ ئۈچۈن ساھابىلار جىنسىي تۇرمۇش ھەققىدە بىلمىگەن نەرسىلەرنى تارتىنماستىن پەيغەمبىرىمىزدىن سورايتتى. بۇنىڭغا تۆۋەندىكى ھەدىسنى مىسال قىلىمىز.

جابىر ئىبنى ئابدۇللاھ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ:

بىر ساھابى پەيغەمبىرىمىزدىن (جىنسىي مۇناسىۋەت، ئېھتىلام ۋە جەلق قىلىش تۈپەيلىدىن) جۇنۇپ بولغان بىر كىشىنىڭ ئەھۋالىنى بايان قىلىپ:

- يارەسۇلەللاھ!جۇنۇپ بولغان بىر ئادەم يۇيۇنماي ئوخلىسا ۋە يەپ-ئىچسە بولامدۇ؟ – دەپ سورىدى. پەيغەمبىرىمىز:

- جىنسىي ئەزاسىنى يۇيۇپ، نامازغا تاھارەت ئالغاندەك تاھارەت ئېلىپ ئۇخلىسا ۋە يەپ-ئىچسە بولىدۇ.- دېدى. (بۇخارى، غۇسلى)

ساھابىلار بىلىشكە تېگىشلىك نەرسىلەرنى سوراش بىلەن بىرلىكتە قىلىپ سالغان، گۇناھ بولۇش ئېھتىمالى بولغان مەسىلىلەرنىمۇ پەيغەمبىرىمىزگە ئېيتىپ، ئۇنىڭدىن مەسلەھەت سورايتتى.

ئۆمەر ئىبنى خەتتاب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئاللاھ رەسۇلىنىڭ يېنىغا كېلىپ:

- تۈگەشتىم يا رەسۇلەللاھ. – دېدى.

پەيغەمبىرىمىز:

- سېنى تۈگەشتۈرگەن نەرسە نېمە؟ – دەپ سورىدى.

- يا رەسۇلەللاھ! جىنسىي ئەزا بىلەن ئەمما ئارقا تەرەپتىن ئايالىم بىلەن جىنسىي مۇناسىۋەت قىلدىم. – دېدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇنىڭغا جاۋاب بەرمىدى. بۇ ۋاقىتتا بەقەرە سۈرىسىنىڭ 223-ئايىتى ئاللاھ رەسۇلىغا ۋەھيى قىلىندى. بۇ ئايەتە مۇنداق دېيىلگەن:

”ئاياللىرىڭلار سىلەر ئۈچۈن (خۇددى) ئېكىنزارلىقتۇر (يەنى نەسىل تېرىيدىغان جايدۇر)، ئېكىنزارلىقىڭلارغا خالىغان رەۋىشتە كېلىڭلار، ئۆزەڭلار ئۈچۈن ئالدىنئالا ياخشى ئەمەل تەييارلاڭلار، (گۇناھتىن چەكلىنىش بىلەن) ئاللاھتىن قورقۇڭلار، بىلىڭلاركى، سىلەر ئاللاھقا مۇلاقات بولۇسىلەر، مۆمىنلەرگە جەننەت بىلەن خوش خەۋەر بەرگىن. “ (بەقەرە سۈرىسى، 223-ئايەت)

ئاللاھ رەسۇلى بۇ ئايەتنى تەبلىغ قىلغاندىن كېيىن ساھابىلارغا مۇنداق دېدى: ”ئايالىڭلارغا ئالدى ۋە ئارقا تەرەپتىن يېقىنلىشىپ، پەقەتلا جىنسىي ئورگاندىن جىنسىي مۇناسىۋەت قىلىڭلار، ئارقا تەرەپتىن ياكى ئادەت كۆرگەن ۋاقتىدا جىنسىي مۇناسىۋەت قىلىشتىن يىراق تۇرۇڭلار.“[4] (تىرمىزى)

ساھابىلار ئاللاھ رەسۇلىنى ”ھايات رەھبىرى“ دەپ قارىغانلىقى ئۈچۈن، دۇچ كەلگەن مەسىلىلەرنى ئېيتقاندەك، جىنسىي مەسىلىلەردىكى قىيىنچىلىقلارنىمۇ پەيغەمبىرىمىزگە ئېيتاتتى. ساھابىلارنىڭ قارىشىدا سىياسىي، ئىقتىسادىي مەسىلىلەر بىلەن جىنسىي مەسىلىلەر ئوتتۇرىسىدا بىر پەرق يوق ئىدى. مەسىلىلەرنىڭ ھەل قىلىش چارىسىنى تاپمىغۇچە ھەرىكەت قىلمايتتى.

ئاياللارمۇ جىنسىي مەسىلىلەردە ئەمىلىيەتچىل ئىدى

ئاللاھ رەسۇلىنىڭ جىنسىي تۇرمۇشقا مۇناسىۋەتلىك ئىلاھى بۇيرۇقلارنى ئەركەكلەر بىلەن بىرگە ئاياللارغىمۇ تەبلىغ قىلىشى، ئەركەكلەرگە ئوخشاش ئاياللارنىڭمۇ مەسئۇلىيىتى بارلىقىنى ئېيتىشى، ئاياللارنىڭمۇ جىنسىي ساۋاتلارنى بىلىشىگە تۈرتكە بولغان. بۇ سەۋەپتىن ئاياللارمۇ پەيغەمبىرىمىزنىڭ يېنىغا كېلىپ جىنسىي مەسىلىلەر ھەققىدە سوئال سورىغان. بۇ سوئاللارنىڭ ئىچىدە بىر ئايالنىڭ جىنسىي تۇرمۇشىنىڭ ئەڭ نامەھرەم يەرلىرىنى ئاشكارلىغان سوئاللىرىمۇ بار ئىدى.

ئۇممۇ سۇلەيم پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئاياللىرىدىن ئۇممۇ سەلەمە رەزىيەللاھۇ ئەنھانىڭ خوشنىسى ئىدى. پات-پات ئۇنى زىيارەت قىلاتتى. بۇ زىيارەتلەرنىڭ بىرسىدە ئاللاھ رەسۇلى بىلەن ئۇچرۇشۇپ قالدى. بۇنىڭ بىلەن ئاللاھ رەسۇلىدىن:

-يا رەسۇلەللاھ! ئىرى ياكى باشقا بىر ئەركەك بىلەن جىنسىي مۇناسىۋەت قىلىپ چۈش كۆرگەن بىر ئايال غۇسلى قىلامدۇ؟ -. دەپ سورىدى. (بۇنداق بىر سوئالنىڭ سورىلىشىدىن خىجىل بولغان ) ئۇممۇ سەلەمە، ئۇممى سۇلەيمگە قاراپ، خاپا بولغان قىياپەتتە:

- پالتىنى تاشقا ئۇردۇڭ، ئاللاھ رەسۇلىنىڭ ئالدىدا ئاياللارنىڭ ھۆرمىتىنى چۈشۈردۈڭ.- دېدى. ئۇممى سۇلەيم:

-شۈبھىسىزكى، ئاللاھ ھەقىقەتنى بىلدۈرۈشتە تەرەددۇت قىلمايدۇ. ئېنىق بىلمىگەن مەسىلىلەرنى ئاللاھ رەسۇلىدىن سوراپ بىلىشىمىز، ئۇ مەسىلىلەردە مەلۇماتسىز قېلىشتىن ياخشىدۇر. – دېدى.

ئاللاھ رەسۇلى(ئۇممى سۇلەيمنىڭ سوئالىنىڭ توغرىلىقىنى تەستىقلاش ئۈچۈن):

-ئاللاھ سېنى ئەزىز قىلسۇن! ئەسلى سەن توخۇمنى تاشقا ئۇردۇڭ. ئى ئۇممى سۇلەيم! چۈش كۆرگەن ئايال، چۈشىدە ئېھتىلام بولۇپ، مەنى كەلگەن بولسا يۇيۇنىدۇ، مەنى كەلمىگەن بولسا يۇيۇنمايدۇ. – دېدى.

ئەنساردىن باشقا بىر ئايالنىڭ يۇقىرىقىدەك سوئال سورىشى بىلەن ھەزرىتى ئائىشە ئانىمىزنىڭمۇ ھەزرىتى ئۇممى سەلەمەگە ئوخشاش، ئاياللارنى كەمسىتكەندەك جاۋاب بېرىشى بىلەن ئاللاھ رەسۇلى مۇنداق دېدى:

”ئى ئائىشە! ئاياللارنىڭ ئىشىغا ئارىلاشما.[5] چۈنكى ئەنسار ئاياللار (مۇسۇلمان ئاياللار) بىلىشكە تېگىشلىك نەرسىلەرنى سوراۋاتىدۇ“ خىجىلچانلىقىدىن پەيغەمبىرىمىزدىن بىر قىسىم سوئاللارنى سورالمىغان ئاياللارمۇ بار ئىدى. بۇنداق ئاياللار پەيغەمبىرىمىزنىڭ ئايالىنىڭ ۋاستىسى ئارقىلىق مەلۇمات ئىگىسى بولغان. پەيغەمبىرىمىزنىڭ ئاياللىرىدىن ئۇممى سەلەمە رەزىيەللاھۇ ئەنھا مۇنداق دەيدۇ:

”مەدىنىلىك ئەنسارلارنىڭ ئەرلىرى ئارقا تەرەپتىن ئەمما جىنسىي ئورگانغا يېقىنلىشىپ جىنسىي مۇناسىۋەت قىلدى.“ يەھۇدىلار مۇنداق دەيتتى:

”ئايالىغا كەينىدىن يېقىنلىشىپ، ئالدىدىن جىنسىي مۇناسىۋەت قىلغانلارنىڭ بالىسىنىڭ كۆزى ئالغاي بولىدۇ.“

مۇھاجىرلار ھىجرەت قىلىپ، مەككىدىن مەدىنىگە كەلگەندە ئەنسار ئاياللار بىلەن ئۆيلىنىپ، ئايالىغا كەينىدىن يېقىنلىشىپ، جىنسىي ئورگانىدىن مۇناسىۋەت قىلدى. لېكىن يەھۇدىلارنىڭ يۇقىرىدىكى سۆزىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان بىر ئايال يولدىشىنىڭ بۇ خىل تەلىۋىگە قارشى چىقىپ:

”شۇنى بىلكى، مەن ئاللاھ رەسۇلىنىڭ يېنىغا بېرىپ، سېنىڭ بۇ قىلمىشىڭنىڭ توغرا-خاتالىقىنى بىلگىچە بولغان ۋاقىتقىچە، مەن بىلەن بۇنداق مۇناسىۋەت قىلمايسەن. “ دېدى.

بۇ ئايال ئۇممى سەلەمەنىڭ يېنىغا بېرىپ، ئەھۋالنى بايان قىلدى. ئاللاھ رەسۇلى كەلگەن ۋاقىتتا بۇ ئايال بۇ مەسىلىنى بايان قىلىشتىن خىجىل بولدى. (ئۇممە سەلەمەنىڭ سورىشىنى) ئىشارەت قىلىپ ئۆيدىن چىقىپ كەتتى. ئۇممۇ سەلەمە مەسىلىنى پەيغەمبىرىمىزدىن سورىشى بىلەن، ئاللاھ رەسۇلى:“ ئۇ ئايالنى چاقىر!“ دېدى. ئۇممۇ سەلەمە ئۇ ئايالنى چاقىردى. ئاللاھ رەسۇلى بەقەرە سۈرىسىنىڭ 223-ئايىتىنى ئوقۇپ مۇنداق دېدى:

”جىنسىي ئەزا بىلەن مۇناسىۋەت قىلىش شەرتى بىلەن خالىغان شەكىلدە جىنسىي مۇناسىۋەت قىلسا بولىدۇ.“ بۇ يەردە دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك نوقتا، پەيغەمبىرىمىزدىن بىۋاستە سوراشقا خىجىل بولغان ئايالغا، پەيغەمبىرىمىزنىڭ بىۋاستە جاۋاب بېرىشىدۇر.

جىنسىي مەسىلىلەرنى ئوچۇق ئوتتۇرىغا قويىدىغان ئاياللارمۇ بار ئىدى

ئاياللار پەيغەمبىرىمىزگە ۋاستىلىق ياكى بىۋاستە ھالەتتە جىنسىي مەسىلىلەرنى ئوتتۇرىغا قوياتتى. بۇ مەسىلىلەرنىڭ ئىچىدە جىنسىي ئاجىزلىقى تۈپەيلىدىن ئايرىلىشنى تەلەپ قىلغان ئاياللارمۇ بار ئىدى. ھەزرىتى ئائىشە (ئاللاھ ئۇنىڭدىن رازى بولسۇن) مۇنداق دەيدۇ: ”رىپائەل كۈرەزنىڭ ئايالى ئاللاھ رەسۇلىنىڭ يېنىغا كېلىپ: ئى رەسۇلۇللاھ! مەن رىپائەنىڭ ئايالى بولىمەن. رىپائە سۆزۈمنى بەردى. شۇنىڭ بىلەن مەن ئابدۇرراخمان ئىبنى زەبىر بىلەن ئۆيلەندىم. ئەپسۇسكى، ئابدۇللاھ ئىبنى زەبىرنىڭ جىنسىي ئەزاسى كىيىمگە ئوخشاش يىغىلىۋالىدۇ ۋە يۇمشاق. بۇ سەۋەپتىن جىنسىي مۇناسىۋەت قىلالمىدۇق.“ دېدى. ئاللاھ رەسۇلى ئايالنىڭ بۇ سۆزىنى ئاڭلاپ، تەبەسسۇم قىلىپ: ”سەن رىپائەگە قايتىپ بېرىشنى ئويلاۋاتىسەن. سەن ئۆيلەنگەن ئېرىڭنىڭ جىنسىي ئەزاسىدىن لەززەت ئالمىغۇچە، ئېرىڭمۇ سېنىڭ جىنسىي ئورگانىڭدىن لەززەت ئالمىغۇچە تۇنجى ئېرىڭگە قايتىپ بارالمايسەن“ دېدى.

بۇنىڭغا ئوخشاش مەسىلىلەردە ئاللاھ رەسۇلىدەك ئەمىلىيەتچىل بولىشىمىز، جىنسىي مەسىلىلەرگە ئىجابى قارىشىمىز كېرەك.

جىنسىي مەسىلىلەرنى كېچىكتۈرۈشكە ۋە ئەھمىيەتسىز دەپ قاراشقا بولمايدۇ

ئىلاھى ئەمىر-چەكلىمىلەرنىڭ مۇھىم بىر قىسمىنى جىنسىي تۇيغۇلار، بۇ تۇيغۇلارنى تەشكىل قىلىدىغان جىنسىي ئەزالار ۋە جىنسىي ھەرىكەتلەر ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇ سەۋەپتىن ئەر-ئايال ھەر بىر مۇسۇلماننى جىنسىي جەھەتتىن تەربىيلەشتە قۇرئان ۋە سۈننەت ئۆلچىمىنى ئاساس قىلىش كېرەك. جىنسىي تەربىيەنى پەقەتلا قۇرئان ۋە سۈننەت ئۆلچىمى ئاساسىدا بەرگىلى بولىدۇ.

جىنسىي تەربىيەنى قۇرئان، سۈننەت ۋە ئىسلام ئالىملىرىنىڭ ئەسەرلىرىگە مۇراجىئات قىلماي، ئەخلاقسىز نەشىرياتلار نەشىر قىلغان كىتاب، رەسىملەرگە مۇراجىئات قىلىدىغانلار ئۈچۈن جىنسىي تەربىيەدىكى ”پەرىز“ كەلىمىسىنىڭ ھۆكۈم خارەكتېرىدىكى ئۇسلۇبى غەيرى تۇيۇلىشى مۇمكىن. ئەمما ھەقىقەت ھەقىقەتتۇر.

جىنسىي تەربىيەگە بەزىلەر ئىجابى قارىمايدۇ ياكى غەيرى ھېس قىلىدۇ دەپ، پەرىز بولغان بىر تەربىيەنى كېچىكتۈرۈشكە بولمايدۇ. جىنسىي تەربىيەنى ئەھمىيەتسىز دەپ قاراش، جىنسىي تۇرمۇشنى ئىبادەت ھاياتىنىڭ دائىرىسىدىن چىقىرىپ گۇناھلارغا پېتىشقا سەۋەپ بولىدۇ. بۇنىڭ ئاقىۋىتى ئېچنىشلىق ئىلاھى ئازابقا دۇچار بولۇشتىن ئىبارەت.

توغرا مەلۇماتلار تولدۇرمىغان بوشلۇقنى باتىل مەلۇماتلار تولدۇرىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىرگە بۇ باتىل مەلۇماتلار ئىبادەت ۋە ئەخلاقىمىزغا زىيان سېلىپلا قالماستىن ئىمانمىزغىمۇ زىيان سالىدۇ. كۈنىمىزدە ئىسلام دىنى چەكلىگەن مۇتئە نىكاھى، ئەۋرەتنى ئېچىش، ئادەت ۋاقتىدا جىنسىي مۇناسىۋەت قىلىش ۋە سېرىق نەشر بويۇملىرى قاتارلىقلار ئەخلاقسىز قىلمىشلارنى نورمال كۆرىدىغان، ئۇرۇنلۇق ئايرىلىش ۋە شەرتلىك كۆپ خۇتۇنلۇق بولۇشنى غەيرى مەدىنىلىك دەپ قاراپ، كاپىرلىققا يېقىنلىشىۋاتقان مۇسۇلمانلارنى ئۇچرۇتۇۋاتىمىز. بۇ كىتاب بۇ خىل ئەھۋاللارنى ئوتتۇرىغا قويۇش ۋە بۇنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن تەييارلاندى.



3 پارچە ئىنكاس بار .

  1. 4tadu مۇنداق يازغان:

    2-باب. جىنسىي تۇرمۇش ئىبادەتلىرىمىزنىڭ بىر قىسمىدۇر

    ئىنسانغا ئەقىل ۋە بىلىم بىلدۈرۈلمىگەن نەرسىلەرنى مۇقەددەس كىتابىدا بىلدۈرگەن ئاللاھتائالا، ئىنساننى توپراق مەنبەلىك بىر جانلىق دەپ ئىپادىلەپ مۇنداق دەيدۇ:

    ”شەك-شۈبھىسىزكى، بىز ئىنسان (يەنى ئادەم ئەلەيھىسسالامنى) قارا لايدىن ياسىلىپ شەكىلگە كىرگۈزۈلگەن (چەكسە جىرىڭلايدىغان) قۇرۇق لايدىن ياراتتۇق.“ (ھىجىر سۈرىسى 26-ئايەت) ”ئىنسان يەر يۈزىدە بەندىچىلىكتىن ئىمتىھان قىلىنىدىغانلىقى ئۈچۈن، ئىجابى ۋە سەلبى مايىللىقلار بىلەن يارىتىلغان.“ (شەمىس سۈرىسى 7-8-ئايەت) (مۇئمىنۇن سۈرىسى 1-119) بۇ سەۋەپتىن جىنسىي تۇرمۇش ئىبادەت ھاياتىنىڭ بىر قىسمىدۇر.

    جىنسىي تۇرمۇشمۇ ئاللاھقا ئىبادەت ھېسابلىنىدۇ

    ”ئاخىرقى نەپەسىڭگىچە ئاللاھقا ئىبادەت قىل“ (ھىجىر سۈرىسى 99-ئايەت)

    ئاللاھتائالا ئۆز مەۋجۇتلۇقىنى ئۆز زاتىدىن ئالغان ئەزەلي ۋە ئەبەدىي زاتتۇر. ئۇ بىردۇر، بارلىق جانلىقلار ئۇنىڭغا موھتاجدۇر. ئۇ تۇغمىدى، تۇغۇلمىدى. ئۇنىڭ ئوخشىشى ۋە تەڭدىشى يوقتۇر. ئۇ بىلگۈچى، ئىشىتكۈچى ۋە كۆرگۈچىدۇر. بارلىق مەۋجۇداتلارنىڭ ياراتقۇچىسى ئاللاھتائالادۇر. ئۇ ھەزرىتى ئادەمنى ۋە ئۇنىڭ ئايالىنىمۇ ياراتتى. كۆپىيىش قانۇنىنى يولغا قويدى. ھەزرىتى ئادەم ۋە نەسلىدىن ئەر-ئاياللارنى مەيدانغا كەلتۈردى.

    جانابى ئاللاھ ئەبەدىي ھاياتنى تەقدىر قىلىپ ياراتقان ئىنسانغا ئەقىل ۋە ئىرادە بەردى. ئىرادىسىنى خالىغانچە ئىشلىتىش ئەركىنلىكىنىمۇ بەردى. نەتىجىدە ئىنساننى بەندىچىلىك ئىمتىھانىغا مەنسۇپ قىلدى. بەندىچىلىكنىڭ ئاساسىنى ئىبادەت قىلدى.

    شانى بۈيۈك ئاللاھ تۇنجى ئىنسان ھەزرىتى ئادەمنى تۇنجى پەيغەمبەر قىلدى. ھەزرىتى ئادەم ۋە ئۇنىڭدىن كېيىن مەيدانغا كەلگەن ئىنسانلار ۋە پەيغەمبەرلەرنى ئۆز زاتىغا ئىبادەت قىلىشقا بۇيرىدى. ئىنسانلارنى ئىبادەت قىلىش ئۈچۈن ياراتقانلىقىنى، ئاخىرقى نەپەسىگىچە سەۋرى-تاقەت بىلەن ئىبادەت قىلىشقا بۇيرىدى. ئاللاھتائالا ئىبادەت قىلغان بەندىلىرىنى جەننەت يۇرتىدا ئەبەدى بەخت سائادەتكە ئېرىشتۈرىدىغانلىقىنى ئېيتتى. ئىمان ئېيتىپ ئۆزىگە بويسۇنمىغان، بويسۇنغان تەقدىردىمۇ لايىقىدا ئىبادەت قىلمىغان بەندىلىرىنى جەھەننەم ئازابى بىلەن قورقۇتتى. بۇ ھەقتە ئاللاھتائالا مۇنداق دەيدۇ:“ئاللاھنىڭ قىلغانلىرىدىن سوئال-سوراق قىلىنمايدۇ، ئۇلاردىن سوئال-سوراق قىلىنىدۇ.“(ئەنبىيا سۈرىسى 23-ئايەت) ”خالىغىنى قىلغۇچىدۇر“ (بۇرج سۈرىسى 16)

    خۇلاسىلىساق، ئىنسان ئىبادەت ئۈچۈن يارىتىلدى، ئۇنىڭغا مەسئۇل قىلىندى. ئەبەدى سائادىتىمۇ ئىبادەتكە باغلىق قىلىندى.

    ئىبادەت دېگەن نېمە؟

    ئىبادەت- ئاللاھ ۋە رەسۇلى (ئەلچىسى) مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ئەمىر-چەكلىمىلىرىگە بويسۇنۇش دېگەنلىكتۇر. (قۇرتۇبى، /1225(

    ئاللاھنىڭ قانۇنلىرىغا بويسۇنۇپ ئىبادەت قىلىش

    بالاغەتكە يەتكەن مۆمىن ئىنساننىڭ بىلىشى ۋە ئىجرا قىلىشى كېرەك بولغان تۇنجى ۋەزىپە ئىبادەتتۇر. ئىبادەت قىلىشقا مەسئۇل قىلىنغان ئىنسان قانداق ئىبادەت قىلىشنى بىلمىگەنلىكى ئۈچۈن، ئۇنىڭغا قانداق ئىبادەت قىلىش لازىملىقى بىلدۈرۈلدى. قىيامەتكىچە داۋاملىشىدىغان مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئۈممىتى ئۈچۈن ئىبادەتنىڭ ئانا يولى ئاللاھتائالانىڭ كىتابىدىكى ئەمىر-چەكلىمىلەرگە ئىتائەت قىلىشتۇر.

    قۇرئانى-كەرىم ئاللاھنىڭ كىتابىدۇر. جانابى ئاللاھ قۇرئانى-كەرىمنى سۆز ۋە مەنا جەھەتتىن مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا جىبرىئىل ۋاسستىسى ئارقىلىق 23 يىل ئىچىدە پارچە-پارچە قىلىپ ۋەھيى بىلەن نازىل قىلدى. مىسال بەرسەك:

    A. ناماز ئوقۇش، روزا تۇتۇش، زاكات بېرىش قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى ئىبادەتتۇر. چۈنكى بۇلارنىڭ ھەر بىرىنى ئاللاھتائالا كىتابى قۇرئانى-كەرىمدە ئەمىر قىلدى. ئۇنىڭ ئەمىرلىرىگە ئىتائەت قىلىش ئىبادەتتۇر.

    B. ئاللاھنىڭ قانۇنلىرىغا خىلاپ قانۇنلارنى خاتا دەپ بىلىش، ھاراق ئىچىش، قىمار ئويناش، ئۆسۈمدىن يىراق تۇرۇشمۇ ئىبادەتتۇر. چۈنكى جانابى ئاللاھ بۇلارنى قۇرئانى-كەرىمدە چەكلىدى. ئۇنىڭ چەكلىمىلىرىگە بويسۇنۇش، بىر جەھەتتىن ئۇنىڭدىن يىراق تۇرۇشمۇ ئىبادەتتۇر.

    ئاللاھ ۋە رەسۇلىنىڭ چەكلىمىلىرىگە ئىتائەت قىلىپ ئىبادەت قىلىش

    ئىبادەتكە لايىق يېگانە ئىلاھى قۇدرەت پەقەت ۋە پەقەت جانابى ئاللاھتۇر. بۇ سەۋەپتىن ئۇنىڭ ئەمىر-چەكلىمىلىرىگىلا بويسۇنۇپ، ئۇنىڭغىلا ئىبادەت قىلىنىدۇ. جانابى ئاللاھ ئاخىرقى ۋە ئالەمشۇمۇل پەيغەمبىرى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا ئىتائەت قىلىشنى ئۆز زاتىغا ئىتائەت قىلغانلىق دېگەنلىكى ئۈچۈن، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئەمىر-چەكلىمىلىرىگە بويسۇنۇشمۇ ئىبادەتتۇر. مىسال بەرسەك:

    A. سۈننەت بولۇش (خەتنە قىلىش)، ئىلاھى ھۆكۈم دائىرىسىگە كىرمىگەن مەسىلىلەردە شەخسىي، كوللىكتىپ مۇزاكىر قىلىش، كىيىم-كېچەك، ئۆرپ-ئادەت، مەمۇرىي ئىشلاردا باتىل ئەقىدە ۋە پىكىرلەرگە قارشى تۇرۇش، كۈچلۈك ئىكەن ئىنتىقام ئېلىشتىن ۋاز كېچىش قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى ئىبادەتتۇر. بۇلارنىڭ ھەممىسىنى بىلدۈرگەن ۋە ئەمىر قىلغان ئاللاھنىڭ رەسۇلى مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمدۇر.

    B. ئاللاھقا ئىبادەت قىلىپ، ئىنسانلارغا بويسۇنۇش، ئۇلۇغلاش مەقسىتىدە ئىنسانلارنىڭ ئالدىدا تىزلىنىپ ئىگىلىش، گۈزەل كۆرۈنۈش ئۈچۈن قاش ياسىتىش، چىشىنى ئىنچىكىلەشتۈرۈش، ساقال-بۇرۇت چۈشۈرۈش قاتارلىق ئىشلاردىن يىراق تۇرۇشمۇ ئىبادەتتۇر. چۈنكى بۇ ئىشلارنى ئاللاھ رەسۇلى چەكلىگەن. ئاللاھ رەسۇلىنىڭ چەكلىمىلىرىدىن يىراق تۇرۇشمۇ ئىبادەتتۇر. ئەسلىدە پەيغەمبىرىمىزنىڭ بارلىق ئەمىر-چەكلىمىلىرى قۇرئاننى ئىزاھلىغانلىقى ئۈچۈن رەسۇلۇللاھقا ئىتائەت ئاللاھقا ئىتائەتتۇر.

    خۇلاسىلىساق، ئاتا-ئانىدىن باشلاپ خەلقئارا مۇناسىۋەتلەرگىچە، ئىشلەپچىقىرىش، ئىستىمالدىن جازا بېرىشكىچە، يېمەك-ئىچمەكتىن ھاجەتخانىغا كىرىپ-چىقىشقا قەدەر ئوتتۇرىغا قويۇلغان ئاللاھ ۋە رەسۇلىنىڭ ئەمىر-چەكلىمىلىرىگە بويسۇنۇش ئىبادەتتۇر. شۇڭا، ھەر ۋاقىت ئىبادەت ۋاقتى، ھەر ماكان ئىبادەت ماكانىدۇر. ھەر قانداق سۆز ۋە ئىش-ھەرىكەتمۇ ئىبادەتنىڭ دائىرىسى ياكى سىرتىدادۇر.

    ئومۇمىي جەھەتتىن ئوتتۇرىغا قويۇلغان بۇ مەسىلىلەرنى تۆۋەندە ئاساسلىق تېما بولغان جىنسىيلىك جەھەتتىن مىسال قىلىپ، جىنسىي تۇرمۇشنىڭ ئىبادەت ھاياتنىڭ بىر پارچىسى ئىكەنلىكىنى ئىزاھلاپ ئۆتىمىز:

    جىنسىي كۈچنى ئىشلىتىش ۋە مۇھاپىزەت قىلىش ئىبادەتتۇر

    ھەر جانلىقنىڭ يارىتىلىش قانۇنى ۋە تەبىئى ۋەزىپىلىرىنى بېكىتكەن ئاللاھتائالادۇر. ئاللاھ بېكىتكەن يارىتىلىش قانۇنى ۋە ۋەزىپىسىنى مۇھاپىزەت قىلىش ئۇنىڭ ئەمرى بولغانلىقى ئۈچۈن ئىبادەتتۇر[6].

    ئىنسانغا جىنسىي ئەزا ۋە بۇ جىنسىي ئەزالارنىڭ تەلىۋىنى ئۇرۇنلايدىغان كۆپىيىش ئورگانلىرىنى ياراتقان ئاللاھتائالادۇر. ئاللاھ ياراتقان جىنسىيەتكە ھۆرمەت قىلىش، ئۇ بېكىتكەن قانۇنلار دائىرىسىدە ئۆيلىنىش يولى بىلەن جىنسىي ئەزاسىنى ئىشلىتىپ، نەسلىنى كۆپەيتىش ئاللاھنىڭ قانۇنىيىتىغا بويسۇنغانلىقتۇر. بۇ سەۋەپتىن بۇ ساپ ئىبادەتتۇر، بۇنىڭ سىرتىدا بىر قاراشتا بولۇش ياكى ھەرىكەت قىلىش يارىتىلىش تەبىئىتىنى ئۆزگەرتىشكە ئۇرۇنغانلىقتۇر. بۇنداق قىلىش ئاللاھقا ئىسيان قىلغانلىقتۇر. بۇ سەۋەپتىن ئاللاھ رەسۇلى جىنسىي تۇرمۇشتىن يىراق تۇرۇشنى چەكلەپ مۇنداق دېگەن:“** ئۆيلەنمەسلىككە ۋە ئۆيلىنىپ تۇرۇپ جىنسىي تۇرمۇشتىن يىراق تۇرۇشقا بولمايدۇ. ئاللاھتائالا جىنسىي تۇرمۇشتىن يىراق تۇرىدىغان تەركىدۇنيالىقنى، ئۆيلىنىشنى تەۋسىيە قىلىپ، ئاسانلاشتۇرىدىغان ئىسلام شەرىئىتى بىلەن ئالماشتۇردى.“

    جىنسىي تۇرمۇشنى ئۆيلىنىش بىلەن باشلاپ داۋاملاشتۇرۇش سۈننەت. ئاللاھ ۋە رەسۇلىنىڭ ئەمىرلىرىگە بويسۇنۇپ، ئۆيلىنىش بىلەن جىنسىي تۇرمۇشنى باشلاپ داۋاملاشتۇرۇش ئىبادەتتۇر. ئىبادەت غايىسىدە ھاراملاردىن يىراق تۇرۇپ، جىنسىي ئېھتىياجىنى ئاللاھ ۋە رەسۇلى بۇيرىغان ئۆيلىنىش يولى بىلەن ھەل قىلىشمۇ ئىبادەتتۇر.

    ئۆيلىنىش ئاللاھنىڭ تەلىۋى، ئەمرى ۋە ئۇنىڭ رەسۇلىنىڭ ئىجراسىدۇر. چۈنكى ئاللاھ ۋە پەيغەمبەر بۇيرۇقلىرىنىڭ بىر قىسمى بولغان ئۇرۇق-تۇغقانلىق، نەپەقە، مىراس، ئاجرىشىش قاتارلىق ۋەزىپىلەر ۋاستىلىق ھالەتتە ئۆيلىنىشكە باغلىقتۇر.

    ئۆيلىنىش پەقەتلا ئىككى جىنسىيەتنىڭ بىر يەرگە كىلىشى بىلەنلا ئەمەلگە ئاشىدىغانلىقى ئۈچۈن، ھالال جىنسىي ھەرىكەتلەرمۇ ئەلبەتتە ئىبادەت ھېسابلىنىدۇ.

    جىنسىي ھاراملاردىن يىراق تۇرۇش ئىبادەتتۇر

    جىنسىي ھاراملار بىلەن بىرگە ئاللاھ ۋە پەيغەمبىرى چەكلىگەن بارلىق چەكلىمىلەردىن يىراق تۇرۇشمۇ ئىبادەتتۇر. يىراق تۇرۇشقا تېگىشلىك ئىلاھى چەكلىمىلەردىن بىرى زىنادۇر. ”ئاللاھتائالا زىناغا يېقىنلاشماڭلار“ دەپ بۇيرۇقىغا ئىتائەت قىلغان بەندىلىرىگە رەھمەت قىلىدىغانلىقىنى ئېيتىپ مۇنداق دەيدۇ:

    ”ئۇلار ئاللاھقا ئىككىنچى بىر مەبۇدنى شېرىك قىلمايدۇ، ئاللاھ ھارام قىلغان ناھەق ئادەم ئۆلتۈرۈش ئىشىنى قىلمايدۇ، زىنا قىلمايدۇ، كىمكى بۇ (گۇناھلارنى) قىلىدىكەن، (ئاخىرەتتە) ئۇ جازاغا ئۇچرايدۇ. قىيامەت كۈنى ئۇنىڭغا ھەسىلەپ ئازاب قىلىنىدۇ، ئۇ مەڭگۈ ئازاب ئىچىدە خارلانغان ھالدا قالىدۇ.“ (فۇرقان سۈرىسى 68-69-ئايەت)

    زىنا قىلىش ئىمكانى بار تۇرۇپ، ئاللاھنىڭ ئازابىدىن قورقۇپ، ئۇنىڭ رىزاسىنى تەلەپ قىلىپ، زىنادىن يىراق تۇرۇش شۇنداق بۈيۈك ئىبادەتتۇركى، بۇ ئىبادەت دۇنيادا مۆجىزىۋى خارەكتېرلىك ۋەقەلەر مەيدانغا كەلتۈرىدىغان ئۇلۇغۋارلىققا ئىگە. زىنادىن يىراق تۇرۇش مۆجىزىۋى ۋەقەلەرگە سەۋەپ بولىدۇ.

    ئابدۇللاھ ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ رىۋايەت قىلىشىچە ئاللاھ رەسۇلى مۇنداق دېگەن: ”سىلەردىن ئىلگىرىكى ئۈممەتلەردىن بىرىگە مەنسۇپ ئۈچ كىشى يولغا چىقتى. كېچىدە بىر ئۆڭكۈرگە كىرىپ پاناھلاندى. ئۇلار ئۆكڭۈرگە كىرىشى بىلەن ئالدىدىن بىر تاش پارچىسى چۈشۈپ، ئۆڭكۈرنى ئېتىۋەتتى. بۇنىڭ بىلەن بۇ ئۈچ كىشى ئوتتۇرىسىدا مۇنداق گەپ-سۆزلەر بولدى: بىز بۇ بۇ ئۆڭڭۈردىن پەقەت ۋە پەقەت قىلغان ياخشى ئەمەللىرىمىز ۋاستىسى بىلەن ئاللاھقا يالۋۇرۇش ئارقىلىق قۇتۇلۇشىمىز مۇمكىن. بۇلارنىڭ ئىچىدىن بىرسى ئۆز بالىلىرىنى تاشلاپ قويۇپ، ئاتا-ئانىسىغا بولغان چوڭقۇر سۆيگۈسى تۈپەيلىدىن ئۇلارغا ياخشىلىق قىلدى. يەنە بىرى ئىشچىنىڭ ھەققىنى ياخشى قوغدىغانلىقىنى ئېيتتى. بۇ ئىككى ئادەم قىلغان ياخشى ئىشىنى ۋەسىلە قىلىپ ئاللاھقا دۇئا قىلدى. ئۆڭكۈرنىڭ ئېغىزىدىكى تاش پارچىسى بىر ئاز ئېچىلدى. ئۇلاردىن ئۈچۈنجىسى مۇنداق دۇئا قىلدى: ئاللاھىم! تاغامنىڭ بىر قىزى بار ئىدى. ئىنسانلار ئارىسىدا ئۇنى ياخشى كۆرەتتىم. ئۇنىڭ بىلەن جىنسىي مۇناسىۋەت قىلىشنى ئارزۇ قىلدىم. ئەمما ئۇ تەلىۋىمنى رەت قىلدى. يىللارنىڭ ئۆتىشىگە ئەگىشىپ ئاچارچىلىق يۈز بەردى، ئۇ قىز قىيىنچىلىغىنى ئېيتىپ يېنىمغا كەلدى. ئۇنىڭغا ئۆزى بىلەن بىرگە بولۇشنى شەرت قوشۇپ 120 ئالتۇن بەردىم. قىز شەرتىمنى قوبۇل قىلىپ كىيىمىنى سالدى. مەن يېقىنلىشاي دەپ تۇرغان ۋاقتىمدا: ”ئاللاھتىن قورق، نىكاھى بولمىغان بىر ئايالغا يېقىنلىشىش ھارامدۇر“ دېدى. ئىنسانلار ئارىسىدا ئۇنى ناھايىتى ياخشى كۆرگەن بولساممۇ، ئۇنىڭ سۆزىنىڭ تەسىرىدىن قورقۇپ گۇناھ قىلىشتىن يىراقلاشتىم. ئۇنىڭغا بەرگەن ئالتۇنلىرىمنى ئالماي چىقىپ كەتتىم. ئاللاھىم! مەن بۇ ئەمەلنى سېنىڭ رازىلىقىڭ ئۈچۈن قىلغان بولسام، مېنى بۇ قىيىنچىلىقتىن قۇتقازغىن“ دەپ دۇئا قىلدى. بۇ ئۈچ كىشىنىڭ خالىس دۇئاسى بىلەن ئۆڭكۈرنىڭ ئېغىزى ئېچىلدى.

    زىنادىن يىراق تۇرۇش ئاللاھتائالانىڭ كاپالىتىگە ئىگە قىلىدۇ

    زىنادىن باشلاپ جىنسىي ھاراملاردىن يىراق تۇرۇش دۇنيادا مۆجىزىۋى ۋەقەلەرگە سەۋەپ بولغىنىدەك، ئاللاھنىڭ ھىمايىسىگىمۇ ئېرىشتۈرىدۇ. ئاللاھنىڭ رەسۇلى بۇنى مۇنداق ئىزاھلايدۇ:

    ”قىيامەت كۈنى ئەرشىنىڭ سايىسىدا تۆۋەندىكى يەتتە كىشى سايىدايدۇ. بۇلار: ئادىل ھۆكۈمدار، ياشلىقىنى ئاللاھقا ئىبادەت بىلەن ئۆتكۈزگەن يىگىت، مەسجىدلەردە كوللىكتىپ ئىبادەت قىلىشنى ياخشى كۆرگەن ئادەم، ئاللاھ ئۈچۈن بىر-بىرىنى ياخشى كۆرگەن ۋە بۇ سۆيگۈ ئاساسىدا ئۆزئارا بىرلەشكەن ۋە ئايرىلغان ئىككى مۇسۇلمان، ئوڭ قولى بەرگەن سەدىقىنى سول قولى بىلمىگەن ئادەم، يالغۇز قالغاندا ئاللاھنى ئەسلەپ كۆزىدىن ياش ئېقىتقان يىگىت، ئىمتىيازلىق ۋە شوخ بىر ئايالنىڭ بىرگە بولۇش تەكلىۋىنى رەت قىلغان مۇسۇلمان.

    جىنسىي ھاراملاردىن يىراق تۇرۇش ئاللاھنىڭ سۆيگۈسى ۋە رەھمىتىگە نائىل قىلىدۇ. قىيامەت كۈنى مۇسۇلمانلارنى دەھشەتلىك ئازابتىن ساقلايدىغان ئىشلارنىڭ جەننەتكە ئاپىرىدىغانلىقى شۈبھىسىزدۇر. چۈنكى جانابى ئاللاھ نىجاتلىققا ئېرىشتۈرىدىغان ۋە فىردەۋس جەننەتكە كىرگۈزىدىغان بەندىلىرىنى كۆڭۈل خوشلۇقى بىلەن ناماز ئوقۇغان، زاكات بېرىشكە تىرىشىۋاتقان، پايدىسىز سۆز-ھەرىكەتلەردىن يىراق تۇرغان، ۋەدىسىگە ۋاپا قىلىدىغان بەندىلىرى دەپ تونۇشتۇرغاندەك، جىنسىي ھاراملاردىن يىراق تۇرغان بەندىلىرىنىمۇ تونۇشتۇرۇپ: ”نامازنى كۆڭۈل خوشلۇقى بىلەن ئوقۇيدىغان، دۇنيا-ئاخىرەت ئۈچۈن پايدىسىز بولغان سۆز-ھەرىكەتلەردىن يىراق تۇرىدىغان، زاكات بېرىدىغان ھالەتكە كېلىش ئۈچۈن تىرىشىدىغان، بېرىلگەن ۋەزىپىنى جايىدا ئۇرۇندايدىغان، پەقەتلا ھۆر ياكى نىكاھلىق ئەسىر ئايالى بىلەن كۆپىيىش ئەزاسىدىن جىنسىي مۇناسىۋەت قىلىدىغان كىشىلەردۇر“ دېگەن. ”ئۇلار (يۇقىرى دەرىجىلىك جەننەت) فىردەۋىسكە ۋارىسلىق قىلىدۇ، فىردەۋىستە مەڭگۈ قالىدۇ“ (مۆمىنۇن سۈرىسى، 11-ئايەت)

    ئەر-خۇتۇن ئوتتۇرىسىدىكى جىنسىي ھاراملاردىن يىراق تۇرۇشمۇ ئاللاھنىڭ سۆيگۈسىگە ئېرىشتۈرىدۇ

    ئاللاھ ۋە پەيغەمبىرى تەرىپىدىن بېكىتىلگەن ئەر-خۇرتۇن ئوتتۇرىسىدىكى جىنسىي ھاراملاردىن يىراق تۇرۇشمۇ بىر ئىبادەت ۋە ئاللاھنىڭ سۆيگۈسىگە ئېرىشتۈرىدۇ. چۈنكى جانابى ئاللاھ قۇرئانى-كەرىمدە ئادەت ۋاقتىدا ۋە ئارقا تەرەپتىن جىنسىي مۇناسىۋەت قىلىشنى چەكلەپ مۇنداق دېگەن:

    ئايالى بىلەن جىنسىي مۇناسىۋەت قىلىشمۇ ئىبادەتتۇر

    ئاللاھ ۋە پەيغەمبىرى ھارام قىلغان نەرسىلەرنى قىلماسلىق پەرىزدۇر. پەرىزلەرنى قىلىش ئۈچۈن قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلارنى قىلىش پەرىز بولغاندەك، جىنسىي ھاراملاردىن يىراق تۇرۇشتا ياردەمچى بولىدىغان ھەرىكەتلەرمۇ پەرىزدۇر. پەرىزلەرنىڭ قىلىنىشى ئاللاھقا ئىتائەت بولۇپ ئىبادەت ھېسابلىنىدۇ. تۆۋەندە ئوتتۇرىغا قويۇلىدىغان ھەدىس بۇ ھەقىقەتنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ.

    ”ئايالى بىلەن جىنسىي مۇناسىۋەت قىلىشمۇ ساۋابتۇر.“ ساھابىلاردىن ئەبۇ زەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئاللاھ رەسۇلىنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى بايان قىلدى:

    ”سۇبھانەللاھ“ دەپ تەسبىھ ئېيتىش، ”ئەلھەمدۇلىللاھ“ دەپ ھەمىد ئوقۇش، ”ئاللاھۇ ئەكبەر“ دەپ تەكبىر ئېيتىش، ”لائىلاھە ئىللەللاھ“ دەپ تەھلىل ئېيتىش، ھەققە چاقىرىش ۋە ھەر باتىلدىن يىراق تۇرۇش سەدىقىدۇر. بۇنىڭدىن باشقا سىلەردىن بىرىڭلار ئايالى بىلەن جىنسىي مۇناسىۋەت قىلسىمۇ سەدىقە ساۋابىغا ئېرىشىدۇ.“ ئەسھابى-كىرام ھەيرانلىق ئىچىدە:

    ”ئى رەسۇلۇللاھ! بىزدىن بىرسى جىنسىي تەلىۋىنى قاندۇرسا، بۇ قانداقمۇ سەدىقە ساۋابىغا ئېرىشىدۇ؟“ دەپ سورىدى. پەيغەمبىرىمىز:

    ”ئەلۋەتتە ساۋاب بولىدۇ، ئەگەر سىلەردىن بىرىڭلار زىنا قىلساڭلار بۇ گۇناھ بولمامدۇ؟ بۇنىڭغا نېمە دەيسىلەر؟ بۇنىڭغا ئوخشاش نىكاھلىق ئايالى بىلەن جىنسىي مۇناسىۋەت قىلغاندىمۇ ساۋاب بېرىلىدۇ.“ دېدى.

    ئاللاھ دەرىجىسىنى ئۈستۈن قىلسۇن. پەيغەمبىرىمىز يەنە بىر ھەدىسىدە مۇنداق دەيدۇ: ”ئاللاھ ئىنساننىڭ ئايالى بىلەن سۆيۈشىشى ۋە جىنسىي مۇناسىۋەت قىلىشىدىن خوش بولىدۇ. ئۇلارغا بۇ ئىش تۈپەيلىدىن ساۋاب بېرىدۇ ۋە ھالالدىن رىزىق ئاتا قىلىدۇ. (مۇسلىم، زاكات، 53)

    ئەۋلاد ئۈچۈن قىلىنغان جىنسىي مۇناسىۋەتكىمۇ ساۋاب بېرىلىدۇ.

    ئاللاھ تۇنجى ئىنساننى توپراقتىن يارىتىپ، كۆپىيىشنى ئىرادە قىلدى. بۇ خىل كۆپىيىشنى جىنسىي مۇناسىۋەتكە باغلىق قىلدى. داۋامى ئۈزۈلمەيدىغان بىر خەيرى-ھەسەناتقا دۇئاچى بولىدىغان بىر ئەۋلادقا ساھىب بولۇش ئۈچۈن ئايالى بىلەن جىنسىي مۇناسىۋەت قىلىش ئاللاھنىڭ ئېھسانىغا نائىل قىلىدۇ. ئاللاھنىڭ ئېھسانىغا ئۇ كۆرسەتكەن يولدىن ئېرىشكەنلىك، ئاللاھنىڭ رىزاسىنى قولغا كەلتۈرگەنلىك دېگەنلىكتۇر. بۇ سەۋەپتىن ئەۋلاد ساھىبى بولۇش ئۈچۈن جىنسىي مۇناسىۋەت قىلىشمۇ ئىبادەتتۇر. تۆۋەندىكى ھەدىس بۇ ھەقىقەتنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ. ئەبۇ زەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ رىۋايەت قىلىشىچە ئاللاھنىڭ رەسۇلى بىزگە مۇنداق نەسىھەت قىلدى: “ كۈن چىققان ھەر كۈندە ئىنسان ئۆز نەپسى ئۈچۈن بىر سەدىقە بېرىش كېرەك.“ مەن ئوتتۇرىغا چىقىپ مۇنداق دېدىم: ”ئى رەسۇلۇللاھ بىزنىڭ مېلىمىز يوق. مەسىلەن: مەن قانداق سەدىقە بېرىمەن؟ دېدىم. ئاللاھ رەسۇلى جاۋابەن: سەدىقە تۈرلىرى كۆپ. سۇبھانەللاھ، ئەلھەمدۇلىللاھ، ئەللاھۇ ئەكبەر، لائىلاھە ئىللەللاھ، ئەستەغپىرۇللاھ قاتارلىق زىكىرلار سەدىقىدۇر. ھەققە چاقىرىش، دىن، ئىلىم، ئەقىل-پاراسەت قوبۇل قىلمايدىغان نەرسىلەردىن يىراق تۇرۇش، ئىنسانلارغا زىيان-زەخمەت يەتكۈزىدىغان يولدىكى نەرسىلەرنى تازىلاش، ئەماغا يول كۆرسىتىش، قۇلىقى ئېغىرلارغا ئۇلار ئاڭلىيالايدىغان دەرىجىدە سۆز قىلىش، مەسىلىنىڭ ھەل قىلىنىشىدا ياردەم تەلەپ قىلغانلارغا ياردەم بېرىش، ئاجىزلارغا پۈتۈن كۈچى بىلەن ياردەم قىلىش قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى سەدىقىگە كىرىدۇ. بۇنىڭ بىلەن ئايالى بىلەن قىلىنغان جىنسىي مۇناسىۋەتكىمۇ ساۋاب بېرىلىدۇ. ئەبۇ زەر پەيغەمبىرىمىزدىن :

    ئى رەسۇلۇللاھ! جىنسىي ھەۋىسىمنى قاندۇرساممۇ ساۋاب بېرىلەمدۇ؟“

    يا ئەبۇزەر! سېنىڭ بىر بالاڭ بولسا ، بۇ بالا چوڭ بولۇپ، ساڭا ئەسقاتىدىغان ۋاقىتتا دۇنيادىن كەتسە، ساڭا ئۇنىڭ ۋاپاتى تۈپەيلىدىن ساۋاب بېرىلەمدۇ؟ ئەلۋەتتە بېرىلىدۇ، يا رەسۇلۇلەللاھ. ئۇنداقتا يا ئەبۇ زەر! ساۋاب تېپىشىڭغا ۋەسىلە بولىدۇ دەپ ئويلىغان بۇ بالىنى سەنمۇ ياراتتىڭ؟ ياق، ئاللاھ ياراتتى. بۇ بالىنى سەنمۇ توغرا يولغا باشلىدىڭ؟ ياق ئاللاھ باشلىدى. بۇ بالىغا سەنمۇ رىزىق بەردىڭ؟ ياق ئاللاھتائالا رىزىق بەردى. دېمەككى، سەن جىنسىي مۇناسىۋەت قىلىپ، ئۇنىڭ دۇنياغا كېلىشىگە ۋەسىلە بولغانلىقىڭ ئۈچۈن ساۋاب تاپقان بولدۇڭ. ھازىر سەن ھايات ماددىسىنى ئايالىڭنىڭ كۆپىيىش ئەزاسىغا تۆك، ئۇنى ھارام رەھمىگە تۆكمە. ئاللاھ خالىسا ئۇنى تىرىلدۈرۈپ ھايات بېرىدۇ. خالىسا ياراتمايدۇ. لېكىن سەن بالا ئارزۇ قىلىپ، قىلغان تىرىشچانلىقىڭ تۈپەيلىدىن ساۋاب ئالىسەن.“ (مۇسنەد،/5 1689 (

    جىنسىيەتكە مۇناسىۋەتلىك پەيغەمبەر سۈننىتىنى تەقلىد قىلىشمۇ ئىبادەتتۇر.

    يۇقىرىدا بايان قىلىنغاندەك، ئاللاھ رەسۇلىنىڭ جىنسىيەت خارەكتېرلىك بۇيرۇقلىرىغا ئىتائەت قىلىش ئىبادەت بولغىنىدەك، نەزىرىيە ۋە ئەمىلىي سۈننەتلىرىنى تەقلىد قىلىپ جىنسىي مۇناسىۋەت قىلىشمۇ ئىبادەتتۇر. مەسىلەن؛ جىنسىي مۇناسىۋەتتىن ئىلگىرى:

    ئايالىنىڭ رۇخسىتىنى ئالماستىن مەنىنى جىنسىي ئەزانىڭ سىرتىغا تۆكۈش. كېيىنكى قىسىملاردا ھەدىس ئاساسىدا ئوتتۇرىغا قويۇلىدىغان جىنسىي ۋەزىپىلەرنى ئادا قىلغانلىق، سۈننەتنى ئۇرۇنلىغانلىق بولغانلىقى ئۈچۈن ئىبادەت كاتىگورىيەسىگە كىرىدۇ.

    جىنسىي تۇرمۇشنىڭ ئىبادەت ھاياتىمىزنىڭ بىر قىسمىنى تەشكىل قىلىدىغانلىقى ھەققىدىكى ئىزاھاتىمىز يېتەرلىكتۇر. ئەسلىدە بۇ كىتابتا بايان قىلىنغان جىنسىي تۇرمۇشىمىزغا مۇناسىۋەتلىك ئىلاھى دەستۇرلارنىڭ ھەر بىرى جىنسىي تۇرمۇشنىڭ ئىبادەت ھاياتىنىڭ بىر قىسمى ئىكەنلىگىنى ئىپادىلەيدۇ. چۈنكى ئىبادەت ئاللاھ ۋە پەيغەمبىرىنىڭ ئەمىر-چەكلىمىلىرىگە بويسۇنۇش دېگەنلىكتۇر.

    (بۇ يەردە بىر نوقتىغا دىققەت قىلىشىمىز كېرەك. راۋىلەر ھەدىسلەرنى پەيغەمبىرىمىز ئىشلەتكەن كەلىمىلەر بىلەن ئەمەس، مەنىسىلا ئوتتۇرىغا قويۇلدى. ھەدىسلەر ۋاقتىدا يېزىلالمىغانلىقى ئۈچۈن بۇ ئەھۋال كېلىپ چىقتى. بۇ سەۋەپتىن پەيغەمبىرىمىزدىن نەقىل قىلىنغان سۆزلەرنىڭ ئۇنىڭ ئورگىنال سۆزلىرى ئەمەسلىكىگە دىققەت قىلىشىمىز كېرەك. )

  2. باھادىر مۇنداق يازغان:

    ھەقىقەتەن تەربىيىۋىي ئەھمىيەتكە، چوڭقۇر مەناغا ئىگە ياخشى بىر ئىلىم خەزىنىسى ئىكەن

  3. 4tadu مۇنداق يازغان:

    3-باب. جىنسىيەت ۋە جىنسىي تۇرمۇش ھەققىدە ئىسلام ھەقىقىتى

    ”ئىنسان جىنسىي ئارزۇلىرىنى كونترول قىلىشتا ئاجىز يارىتىلغاندۇر.“ (نىسا سۈرىسى 28-ئايەت)

    ئىسلام دىنىنىڭ ھايات پرىنسىپلىرىنىڭ قوغدىغۇچىسى ئىنساننى ياراتقان ئاللاھ جەللە جەلالۇھۇ بولغانلىقى ئۈچۈن، ئىسلام دىنى بىلەن ئىنسان ئوتتۇرىسىدا ماسلىق ۋە بىر پۈتۈنلۈك مەۋجۇت. ئىسلام ئىنسان ھەققىدە ئەمىلىيەتچىلدۇر. بۇ ئەمىلىيەتچانلىق ئىنسساننىڭ جىنسىيەتىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئىنسان جىنسىيەتى ھەققىدە ئىسلامنىڭ ئەمىلىيەتچانلىقىنىڭ مۇھىم ئالامىتى ئىنسان جىنسىيەتىنى بىر ھايات ئەمىلىيەتچانلىقى دەپ قوبۇل قىلىشىدۇر.“جانابى ئاللاھ ئىنساننى ئەركەك ۋە چىشى قىلىپ، ئايالنى ئەركەككە، ئەركەكنى ئايالغا مەيىللى قىلىپ ياراتقان. بۇ ھەقىقەت قۇرئانى-كەرىمدە رەببىمىز تەرىپىدىن مۇنداق ئوتتۇرىغا قويۇلدى: (ئال ئىمران سۈرىسى 14)

    ئومۇمىي جەھەتتە ئىنسان ئۆمرىنىڭ بالاغەتلىك دەۋرىدە مەيدانغا كەلگەن ۋە كۈندىن كۈنگە كۈچلىندىغان جىنسىي ئارزۇسىنى كونترول قىلىشتا ئاجىزدۇر. چۈنكى ئىنسان جىنسىيەت جەھەتتىن ئاجىز يارىتىلغاندۇر. ”ئىنسان جىنسىي ئارزۇلىرىنى كونترول قىلىشتا ئاجىزدۇر.“ (نىسا سۈرىسى 28-ئايەت)

    ئاللاھتائالا ئىنسان نەسلىنىڭ كۆپىيىشىنى جىنسىي مۇناسىۋەتكە باغلىق قىلدى. بۇ سەۋەپتىن ئەر-ئايالنى جىنسىي ئەزا ۋە ئىستەك بىلەن ياراتتى. جىنسىي بىرلىشىش بولمىغاندا، ئىنسان روھى ۋە جىسمانى جەھەتتىنمۇ تولۇق ھۇزۇرغا ئېرىشەلمەيدۇ. چۈنكى جانابى ئاللاھ ئايالىمىزنى روھي جەھەتتىن ھۇزۇرغا ئېرىشىش ئۈچۈن ياراتقانلىقىنى تۆۋەندىكى ئايەتتە ئوتتۇرىغا قويىدۇ. (رۇم سۈرىسى 21-ئايەت)

    يۇقىرىدا خۇلاسىلىنىپ ئوتتۇرىغا قويۇلغان نەزىرىيە تەجرىبە بىلەن ئىسپاتلانغان ۋە قۇرئاننىڭ تەۋسىيەسى بىلەن تەستىقلانغان ھەقىقەتلەردۇر. بۇ سەۋەپتىن ئەر-ئايالدا جىنسىي ئارزۇ-ئىستەكلەرنىڭ بولۇشى ۋە بۇ ئىستەكلەرنى قاندۇرىشىمۇ تەبىئى ئەھۋالدۇر. چۈنكى ئىنسان ئاللاھ تەرىپىدىن يەر يۈزىدە ئىبادەت قىلىشتىن ئىمتاھان قىلىنىدىغانلىقى، بۇ ئىلاھى ئىمتاھاننىڭ بىر قىسمى جىنسىي تۇرمۇشقا مۇناسىۋەتلىك بولغانلىقى ئۈچۈن، ئىنسان جىنسىي ھېس-تۇيغۇسىنى ھالال-ھارام پرىنسىپلىرىغا بويسۇندۇرۇشقا مەجبۇردۇر. بۇ ئومۇمىي ساۋاتتىن كېيىن ئەر-ئايالنىڭ جىنسىي ھېس-تۇيغۇسىنى ئىسلام دائىرىسىدە ئوتتۇرىغا قويىمىز.

    ئەرنىڭ جىنسىيەتى

    بالاغەتكە يەتكەن ھەر قانداق ئەر كىشىدە جىنسىي ئارزۇ-ئىستەك پەيدا بولىدۇ. بۇ ئىلاھى بىر قانۇندۇر. بۇ قانۇنغا قارشى چىققانلىق، ئىنسان تەبىئىتىگە قارشى چىققانلىقتۇر. بۇ ھەقىقەتنى ھۆكۈم قىلىش كۈچىدىن قالغان ساماۋى دىن ۋە پەلسەپى قاراشلار ئېتىراپ قىلغاندەك، ھۆكۈم قىلىش كۈچىگە ئىگە بولغان ئىسلام دىنىمۇ ئېتىراپ قىلىدۇ. لېكىن ئەرنىڭ جىنسىيەتى ھەققىدە ئىسلام دىنى شۇ ئىككى نوقتىنى ئالاھىدە تەكىتلەيدۇ:

    جىنسىيەت ۋە ئۇنىڭغا ئائىت ھېس-تۇيغۇلار پەيغەمبەرلەر بىلەن بىرلىكتە پۈتكۈل ئەرلەرنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

    ئاللاھنىڭ خۇسۇسىي ھېمايىسىدە بولمىغان بىر ئىنسان جىنسىي ئارزۇسىنى كونترول قىلالمايلا قالماستىن، بەلكى جىنسىي ھاراملاردىنمۇ ئۆزىنى ساقلاپ قالالمايدۇ. بۇ ئىككى ئەھۋالنى مۇنداق چۈشىنىش كېرەك.

    ئىسلام ھەقىقىتى ياش-قېرى، گۈزەل-سەت، ئالىم-جاھىل، ئەۋلىيا ھەتتا پەيغەمبەرلەردىكى جىنسىي ئارزۇ-ئىستەكلەرنى تەبىئى دەپ قارايدۇ. ئىسلامنىڭ قارىشىچە جىنسىي ھېس-تۇيغۇلار، ھالال دائىرىسىدە قىلىنغان جىنسىي مۇناسىۋەتلەر ئىنساننىڭ ئەيىپى ئەمەس، شۇنداقلا ئىنساننىڭ روھى تەرەققىياتىغىمۇ توسالغۇ ئەمەس. ئەكسىچە روھى ئۇلۇغۋارلىق جىنسىي تۇرمۇشنىڭ داۋاملاشتۇرۇلىشىدىن مەيدانغا كېلىدۇ. تەقۋا بولۇش، مەنىۋىي جەھەتتىن يۇقىرىلاش ئۈچۈن جىنسىي تۇرمۇشتىن يىراق تۇرۇشنى قۇرئان ۋە سۈننەت قوبۇل قىلمايدۇ.

    ئىنسانىيەت تارىخىنىڭ ئەڭ شەرەپلىك ۋە ئاللاھقا يېقىن دەپ ئېتىراپ قىلىنغان پەيغەمبەلەرنىڭ جىنسىي تۇرمۇشىنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ئەسلەش بىزگە كۇپايىدۇر. جانابى ئاللاھ قۇرئانى-كەرىمدە ھەزرىتى نۇھ، ھەزرىتى ئىبراھىم، ھەزرىتى لۇت، ھەزرىتى مۇسا ۋە ھەزرىتى مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم قاتارلىق پەيغەمبەرلەرنى ئۆيلەنگەن دەپ بايان قىلسا، ھەزرىتى ئىسا، ھەزرىتى يەھيا قاتارلىق قىسمەن پەيغەمبەرلەردىن باشقا پۈتكۈل پەيغەمبەرلەرنىڭ ئايالى ۋە بالا-چاقىلىرىنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ مۇنداق دەيدۇ: ”بىز سەندىن ئىلگىرى ھەقىقەتەن نۇرغۇن پەيغەمبەرلەرنى ئەۋەتتۇق، ئۇلارغا خۇتۇنلار ۋە بالىلار بەردۇق، ھەر قانداق پەيغەمبەر ئاللاھنىڭ ئىزنىسىز مۆجىزە كەلتۈرەلمەيدۇ، ھەر بىر ۋاقىتنىڭ (ئۆزىگە مۇناسىپ) ھۆكمى بولىدۇ.“ (رەئد سۈرىسى 38-ئايەت)

    ئىسلام ئىجتىمائى ئەھۋالى ۋە جىنسىي ئارزۇ-تەلەپلىرى ئوخشاش بولمىغان ئىنسانلارغا ئۆرنەك بولۇش ئۈچۈن ھەزرىتى ئىبراھىم، ھەزرىتى لۇت، ھەزرىتى سۇلەيمان، ھەزرىتى مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم قاتارلىق پەيغەمبەرلەرنىڭ بىردىن كۆپ ئايال بىلەن ئۆيلەنگەنلىكىنى بايان قىلىدۇ. بۇ ھەقتە ئاللاھ رەسۇلى مۇنداق دەيدۇ:

    ”يۇمشاق خۇيلۇق، ھايا، قان بېرىش، گۇزەل پۇراقلىق نەرسىلەرنى ئىشلىتىش ۋە كۆپ ئۆيلىنىش پەيغەمبەرلەرنىڭ ئالاھىدىلىگىدۇر.“

    پەيغەمبەرلەرنىڭ ھاياتى ئىسپاتلايدۇكى، جىنسىي تۇرمۇش مەنىۋىياتنى ئۆلتۈرمەيدۇ، ئەكسىچە تىرىلدۈرۈپ كۈچەيتىدۇ. ئەمىلىيەتتىمۇ شۇنداق بولىشى كېرەك. چۈنكى روھى تەرەققىيات ئىمان، سالىھ ئەمەل ۋە ئاللاھنى كۆپ زىكىر ىلىش بىلەن تەرەققى قىلىدۇ. بۇ سالىھ ئەمەللەر ئىنسان روھىنى كۈچلەندۈرۈش بىلەن بىرلىكتە جىسمانىي بەدەننىمۇ كۈچلەندۈرىدۇ. بەدەننىڭ جىسمانى جەھەتتىن كۈچلىنىشى بىلەن جىنسىي ئارزۇ-ئىستەكلەرمۇ كۆپىيىدۇ. چۈنكى سەۋەپلەر ئۆز دائىرىسىدە نەتىجىنى ئوتتۇرىغا چىقىرىدۇ.

    ئەمەل-ئىبادەتلەر مۇسۇلماننىڭ جىنسىي ئارزۇ-ئىستىگىنى كۈچەيتىدۇ. تۇرمۇش قۇرۇشتىن ئىلگىرى ۋە كېيىن جىنسىي ئارزۇسىنى كونترول ئاستىغا ئالغان، كۆز، قۇلاققا ئوخشاش ئەزالارنى جىنسىي ھاراملاردىن يىراق تۇتۇپ، جىنسىي ھەۋەسنى قوزغىغۇچى ئىچىملىكلەردىن يىراق تۇرغان، ناماز، دۇئا، زىكىر بىلەن روھىنى خوش قىلغان مۇسۇلمان جىنسىي ئازۇسىنى كۈچلەندۈرىدىغان مۇھىتنى بەرپا قىلغان بولىدۇ. بۇ ھەقىقەتتتىن خەۋەرسىز بىر مۇسۇلمان بولماسلىقى مۇمكىن. ئەمەل-ئىبەدەتكە ئەھمىيەت بەرگەن بىر مۇسۇلماننىڭ جىنسىي ھەۋىسىنى كۈچلەندۈرىدىغان يەنە بىر ئامىل باركى، ئۇ ئامىل ئىمان ۋە ئىبادەت نۇرلىرىنىڭ قەلب ئارقىلىق تۇمۇرىغا ئېقىشى بىلەن جىنسىي ئارزۇ-ئىستەك كۈچلىنىدۇ. ”ئىلاھى قانۇنلارغا باغلىق ھەر مۇسۇلماننىڭ جىنسىي كۈچى كۆپىيىدۇ.“ دەپ ئېيتىلغان ئەمىلىيەتنى قوبۇل قىلىش ئۈچۈن كۆڭۈل خۇشى ۋە تەجرىبىگە ئىگە بولۇش كېرەك.

    ئىسلام ئەركەك جىنسىيەتى ھەققىدە يۇقىرىقىدەك ئەمىلىيەتچىل بولغىنىدەك، ئۆيلەنمەسلىك ۋە ئۆيلەنگەندىن كېيىنكى جىنسىي تۇرمۇشتىن يىراق تۇرۇش ھەتتا كېچىكتۈرۈشنىمۇ ئۇيغۇن كۆرمەيدۇ. شۇڭا ئاللاھ رەسۇلى كۆڭۈلدە جىنسىي ئارزۇ پەيدا بولغان ھامان دەرھال ئايالىنىڭ يېنىغا كېلىپ جىنسىي مۇناسىۋەت قىلىشنى تەۋسىيە قى لىش بىلەن بىرلىكتە ئايالنىڭ جىنسىي مۇناسىۋەتكە پاسسىپ قېلىشنى چەكلىگەن. سۇ بولمىغان يەرلەردىمۇ جىنسىي مۇناسىۋەتنى كېچىكتۈرمەي، تەيەممۇم رۇخسىتىدىن پايدىلىنىشنى تەۋسىيە قىلغان. بۇ ھەقتە ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللا ھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: مەدىنە سىرتىدا چۆلدە ياشايدىغان بىر مۆمىن ئاللاھ رەسۇلىنىڭ يېنىغا كېلىپ: ئى رەسۇلۇللاھ! مەن يىلنىڭ كۆ قىسمىنى چۆلدە ئۆتكۈزىمەن، ئارىمىزدا ھەيىز، ئادەت كۆرگەن ۋە جۇنۇپ بولغانلار بار. بىز قانداق قىلىشىمىز كېرەك؟ دەپ سورىدى. ئاللاھ رەسۇلى تەيەممۇم قىلىڭلار. دەپ جاۋاب بەردى.

    2. يۇقىرىدا دېيىلگەندەك، ئەركەك جىنسىيەتى ھەققىدە ئىسلام ھەقىقىتىنىڭ ئىككىنچى ئالاھىدىلىگى، ئاللاھتائالانىڭ خۇسۇسىي قوغدىشىغا ئېرىشمىگەن ھەر قانداق ئىنساننىڭ جىنسىي ھاراملاردىن يىراق تۇرۇشقا كاپالەتكە ئىگە بولمايدىغانلىقىدۇر. ئاللاھتائالانىڭ ئاگاھلاندۇرۇشى بىلەن يۈسۈپ ئەلەيھىسسالامنىڭ زۇلەيخادىن يىراق تۇرۇشىنىڭ قۇرئانى-كەرىمد ئوتتۇرىغا قويۇلىشى ئسلام ھەقىقىتىنىڭ قۇرئانى دەلىلىدۇر. ”ئۇ (يەنى زۇلەيخا) يۈسۈفكە (يېقىنچىلىق قىلىشقا) بەل باغلىدى، پەرۋەردىگارىنىڭ رۇشەن دەلىلىنى كۆرمىگەن بولسا، يۈسۈفمۇ ئۇنىڭغا مايىل بولغان بولاتتى. بىز يۈسۈفنى گۇناھتىن ۋە سەت ئىشتىن ئەنە شۇنداق ساقلىدۇق، شۈبھىسىزكى، يۈسۈف بىزنىڭ سادىق بەندىلىرىمىزدىن ئىدى.“ (يۈسۈپ سۈرىسى 24-ئايەت)

    ئاللاھ رەسۇلىنى يېتىشكەن، ئىرادىلىك ھەر قانداق ئىنسانغا قارىغاندا ھەۋەسلىرىگە ھاكىم بىر ئىنسان دەپ قارىغان ۋاقتىمىزدا، ھەر قانداق بىر ئىنساننىڭ جىنسىي ھاراملاردىن يىراق تۇرۇشتا كاپالەتكە ئىگە ئەمەسلىكىنى پەيغەمبىرىمىزنىڭ شۇ سۆزلىرىدىن كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ. جىبرىئلنىڭ بايان قىلىشىچە ، ئاللاھ رەسۇلى مۆمىنلەرگە خىتاب قىلىپ: يېنىدا يولدىشى، مەھرىمى بولمىغان ياكى جىنسىي مۇناسىۋەت ئۇزىراپ كەتكەن ئاياللارنىڭ يېنىغا بېرىپ كەلمەڭلار. چۈنكى شەيتان ھەر بىرىڭلارنىڭ قان-تومۇرلىرىدا ئايلىنىپ تۇرىدۇ. بۇنى ئاڭلىغان ساھابىلار: سىزنىڭ قان-تۇمۇرىڭىزدىمۇ ئايلىنىپ يۈرەمدۇ؟ دەپ سورىدى. ئاللاھنىڭ رەسۇلى مېنىڭ قان-تۇمۇرۇمدىمۇ ئايلىنىدۇ. ئەمما ئاللاھتائالا ماڭا شەيتانغا قارشى ياردەم قىلىدۇ ۋە مىنى شەيتاندىن ساقلايدۇ.“ دېدى (تىرمىزى، رەدا، 17)

    ئىسلام ئەركەك جىنسىيىتىنى بۇنداق ئىپادىلەش بىلەن بىرگە جىنسىي جەھەتلەردە ھارامغا ئىتتىرىدىغان نەپىسكە ئىشەنمەي، لازىملىق تەدبىلەرنى ئېلىشنى تەۋسىيە قىلىدۇ.

    بۇ تەدبىرلەرنىڭ بىر قىسمى ئەۋرەتنى يېپىش، كۆزنى ھارامدىن يىراق تۇتۇش، ئۆيلىنىشكە بولىدىغان ئاياللار بىلەن يالغۇز بىر يەردە قالماسلىق قاتارلىق جەھەتلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئەڭ مۇھىمى جىنسىي-ئارزۇ-ئىستەكلەرنى ھارامغا بارىدىغان يوللاردىن يىراق تۇتۇشتا ئاللاھقا ئىلتىجا قىلىشتىن ئىبارەتتۇر. بۇ جەھەتتە ھەر ئەركەك ئاللاھقا ئىلتىجا قىلىشقا موھتاج بولغانلىقى ئۈچۈن، قۇرئانى-كەرىم يۈسۈپ ئەلەيھىسسالامنىڭ ئېغىزىدىن شۇ دۇئانى ئۆرنەك بېرىپ، بۇ دۇئانى ۋاستىلىق ھالەتتە پۈتكۈل ئەرلەرنىڭ قىلىشنى تەۋسىيە قىلىدۇ: ”ئاللاھىم! ئاياللارنىڭ جىنسىي تۇزاقلىرىدىن مېنى يىراق قىلغىن. ئەگەر سەن ئۇلارنىڭ تۇزاقلىرىدىن مېنى يىراقلاشتۇرمىساڭ، ئۇلارغا بۇرۇلۇپ، جاھىللاردىن بولۇپ قالىمەن.“ (يۈسۈپ سۈرىسى، 33-ئايەت)

    ئاللاھ رەسۇلى قىلغان ۋە بىزنىمۇ قىلىشنى تەۋسىيە قىلغان دۇئا مۇنداقتۇر:

    ”ئاللاھىم! قۇلاق، كۆز، تىلىم ۋە ئەۋرىتىمنىڭ شەررىدىن ساڭا سېغىنىپ پاناھ تىلەيمەن.“ (تىرمىزى، دەئاۋەت 76)

    ئايالنىڭ جىنسىيەتى

    ئىسلام ئايالنىڭ جىنسىيەتى ھەققىدىمۇ ئەمىلىيەتچىل بولۇپ، ئۇنىڭمۇ جىنسىي ھېس-تۇيغۇسى بارلىقىنى تەبى دەپ قارايدۇ. ئاياللاردا جىنسىي جەھەتتىن ئەركەكلەرگە قارىغاندا بىر ئاز خىجىلچان بولغانلىقىنى كۆزدە تۇتۇپ، ئۇنىڭ جىنسىيەتى ھەققىدە ئايرىم توختىلىدۇ. جانابى ئاللاھ ئايالنى جەلب قىلارلىق ھالەتتە ياراتقان. ئۇنىڭ پۈتكۈل ئەزالىرى جىنسىي جەھەتتىن جەلپ قىلارلىق ۋە جىنسىي ھەۋەسنى قوزغىغۇچى بولغانلىقى ئۈچۈن، ئىسلام دىنى ئايالللارنى ئەركەكلەرگە قارىتا يۈز، كول ۋە ئپۇتىدىن باشقا پۈتكۈل ئەزالىرىنى يېپىشنى بۇيرىغان. ئايال سۆز –ھەرىكەتلىرى بىلەن جىنسىي چاقىرىق قىلالايدىغان ھالەتتە ۋە ئكزىمۇ جىنسىي ھېس-تۇيغۇلارغا ئخىە بولۇش ھەقىقىتى ئەقىلگە ئۇيغۇن ۋە قۇرئان-سۈننەتتە ئوتتۇرىغا قويۇلغان بىر ھەقىقەتتۇر. ئايالنىڭ جىنسىي لەززەتنىڭ مەركىزى بولغان كىلىتورى بىلەن يارىتىلغانلىقى بۇنىڭ دەلىلىدۇر. ئاللاھ رەسۇلى سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئىپادىلىگەندەك: ئەركەكلەرگە ئوخشاش ئاياللاردىمۇ ھەتتا ئۇلاردىن يۇقىرى ھالەتتە جىنسىي ئىستەكتە يارىتىلغانلىق سەۋەبى، يەنە بىر سەۋەبى ئۇلارنىڭ بۇ داۋاملىق بۇ ئىستەكتە بۇلىدىغانلىقىدىن ئىبارەتتۇر. بۇ خىل ئارزۇلار نۇرمالدا جىنسىي ھەۋەسنى غىدىقلايدۇ ۋە بەزى ۋاقىتلاردا قامچىلايدۇ.

    ئايال جىنسىي ھېس-تۇيغۇلارغا ئىگە بىر جانلىق بولغانلىقى ئۈچۈن، ئىسلام دىنى ئايال ھەققىدە ئومۇمىي ۋە خۇسۇسىي ئەمىر-چەكلىمىلەر قويغان.

    جانابى ئاللاھ ۋە ئۇنىڭ رەسۇلى ئاياللارنى شەھۋەت بىلەن قارىماسلىقنى، بەدەن گۈزەللىگىنى نامايەن قىلماسلىقنى، زىنادىن يىراق تۇرۇشنى، ئوخشاش جىنىسلىقلاردىن يىراق تۇرۇشنى، يولدىشىغا قارىتا مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشنى تەۋسىيە قىلىدۇ. ئىسلام دىنىدا ئايالغا يۈكلەنگەن بۇ مەسئۇلىيەت، ئۇنىڭ جىنسىيەتىگە قارىتا ناھايىتى ئۇيغۇن تەۋسىيە ئىكەنلىگى دەلىللەر بىلەن ئىسپاتلىنىۋاتىدۇ. ئىسلام دىنى جىنسىي خارەكتېرلىق ئەمىر-چەكلىمىلەر بىلەن مەسئۇل قىلغان ئايالنى، ئاياللىقىنى ھۆرمەتلىك قىلىدىغان قانۇنلار بېزىگەن. بۇ قائىدە-تۈزۈملەر ئايال جىنسىيەت ھەققىدىكى ھەقىقەتنىڭ ئىسپاتىدۇر.

    A. بالاغەتتتىن ئىلگىرىكى دەۋرى

    ئىسلام دىنى ئايالنى جىنسىي جەھەتتىن يېتىشكەن بىر كىشىلىككە بولىشى ئۈچۈن كىيىم-كېچەك، سۆز-ھەرىكەت جەھەتلەردە ئەرلەرگە ئوخشاش قېلىشنى چەكلەيدۇ. بۈيۈكلەرگە قارىتا ئوتتۇرىغا قويۇلغان بۇ چەكلىمە كىچىك قىزلارنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. چۈنكى كىچىك قىزلار چەكلىمە دئىرىسىگە كىرمىسىىمۇ ئەمما ئاتا-ئانا كىچىك ۋاقتىدىن باشلاپ ئاياللىق خۇسۇسىيەتتە تەربىيلىشى كېرەك.

    1. ئىسلام دىنى 10 ياشقا كىرگەن قىز ۋە ئوغۇلنىڭ ياتاقلىرىنى ئايرىشنى بۇيرىغان. (ئەبۇ داۋۇت، سالات، مۈسنەد)

    2. بۇ ئىلاھى بۇيرۇقنىڭ مەقسىدى قىز بالىنىڭ چىشىلىقى، ئوخشاش جىنىسلىقلارنىڭ مۇھەببەتلىشىشىگە ئوخشاش جىنسىي سەتچىلىكتىن ساقلاپ قېلىشتىن ئىبارەتتۇر.

    قىزلارنىڭ خەتنە قىلىنىشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك سۆزلەرنىڭ پەيغەمبىرىمىز تەرىپىدىن ئېيتىلغانلىقىنى ئىسلام ئالىملىرىنىڭ كۆپ قىسمى قوبۇل قىلمايدۇ. قوبۇل قىلغانلارمۇ بۇنىڭ قىلىنىشى ھەققىدە بىر بۇيرۇق يوق دەيدۇ. ئايالنىڭ لەززەت مەركىزى بولغان كىلىتورىستە ئوغۇلنىڭ خەتنە قىلنىشىغا ئوخشاش بىر ئىش بولسىمۇ ئەمما ھەر قىزغا ئىجرا قىلىنمايدىغان بۇ سۈننەتنى بۇ يەردە ئوتتۇرىغا قويۇشىمىز ئايالنىڭ جىنسىي تۇيۇنغانلىق نوقتىسىدىن مۇھىملىقىدۇر.

    B. بالاغەت دەۋرى

    ئايالنىڭ بالاغەتكە يەتكەندىكى ئىسلام ھەقىقىتىنىڭ ئەڭ مۇھىم ئالاھىدىلىگى پەيغەمبىرىمىزنىڭ ئۆيلىنىش ھەققىدىكى تەۋسىيەسىدۇر. ئاللاھنىڭ رەسۇلى ھەزرىتى ئەلىگە ۋاكالىتەن بىر قىزنىڭ مەسئۇلىيىتىنى ئۈستىگە ئالغان بىر كىشىگە: ”ئەي ئەلى! ئۈچ نەرسىنى كېچىكتۈرمە.

    ناماز ۋاقتىنى؛ يۇيۇپ كېپەنلەنگەندە جىنازا نامىزى ۋە دەپنە قىلىشنى؛ سەن مەسئۇل بولغان قىزغا ئۇيغۇن بىرسى چىقسا، دەرھال ئۆيلەندۈرۈشنى“ (تىرمىزى، ك. جەنائىز 73) دېگەن.

    يۇقىرىدا دېيىلگىنىدەك، بۇ ئەمىردە بالاغەتكە يەتكەن ئايالنىڭ جىنسىيىتىنىڭ مۇھىملىقى ئوتتۇرىغا قويۇلغان. بۇ ئەھۋال، ئاياللاردا ئادەت ۋاقتى بىلەن باشلىنىپ، جىنسىيەت تەرەققى قىلىدىغان ۋە بەزى مەسىلىلەرنىڭ كېلىپ چىقىدىغان ۋاقتىدۇر. يەنى بىر قىز بالاغەتكە يېتىپ، ئۆزىگە مۇۋاپىق بىرى ئۇچرىغاندا، بالاغەت ۋاقتىنى ئۇزارتماسلىق ئەقىلگە مۇۋاپىقتۇر. بالاغەتكە يەتكەن قىزنىڭ ئۆيلىنىشىنىمۇ چەكلەشكە بولمايدۇ.

    ئىسلام بالاغەتكە يەتكەن بىر قىزنى ئۆيلىنىشكە تەشۋىق قىلىش بىلەن بىرگە، ئۆيلىنىشكە توسالغۇ بولىدىغان ئامىللارنى چەكلەيدۇ. ئەگەر مىھرىنى بىرەلەيدىغان ۋە ئۇيغۇن بىر نامزات بولسا، قىزمۇ ئۆيلىنىشنى قوبۇل قىلسا، بۇ ئەھۋالدا بۇ قىزنى ئۆيلەندۈرۈش كېرەك. ئاتا-ئانا ياكى باشقا كىشىلەرنىڭ بۇ ئۆيلىنىشنى چەكلەش ھۇقۇقى يوقتۇر. دىنى ھۆكۈملەرگە خىلاپ بولمىغان مۇددەتكىچە، قىزنىڭ ئۆيلىنىشىنى كېچىكتۈرۈش، قىزغا زۇلۇم قىلغانلىقتۇر. قىز بۇنداق ئەھۋال ئاستىدا، شەرئى مەھكىمىلەرگە مۇراجىئات قىلسا بولىدۇ. (قامۇس.ئى، ف) قۇرئان، ئايال كىشىنىڭ نىكاھ كىلىشىمىگە قول قويۇشىنى قوبۇل قىلغانلىقى ئۈچۈن، بالاغەتكە يەتكەن قىز، دادا ياكى مەسئۇل كىشىلەرنىڭ رازىلىقىنى ئالماي تۇرۇپمۇ ئۆزىگە ماس كەلگەن بىرى بىلەن نىكاھلىنالايدۇ.

    ئىسلام دىنى بالاغەتكە يەتكەن قىزنى ئۆيلىنىشكە تەشۋىق قىلىش بىلەن بىرگە، تۇل ئاياللارنىمۇ ئۆيلىنىشكە تەۋسىيە قىلىدۇ. بۇ تەۋسىيە بەقەرە سۈرىسى 232-ئايەتتە ئوتتۇرىغا قويۇلۇش بىلەن بىرگە تۆۋەندىكى ھەدىستىمۇ ئوتتۇرىغا قويۇلدى. مالىك بىن ياشار، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام دەۋرىدە سىڭلىسنى بىر مۇسۇلمانغا ياتلىق قىلدى. سىڭلىسى يولدىشىنىڭ نىكاھىدىكى ۋاقتىدا، يولدىشى ئايالىنى تالاق قىلىپ، ئىددەت ۋاقتىدىمۇ قايتىپ كەلمىدى. (قايتىپ كەلمىگەنلىكى ئۈچۈن بۇ ئادەم ئايالىنى قايتا نىكاھلىيالايدىغان دەرىجىدە تالاق قىلغان بولدى.)

    ئاجرىىشىش ئىددىتى توشىشى بىلەن بۇ ئايال يولدىشىنى، يولدىشىمۇ ئاجراشقان ئايالىنى تەلەپ قىلدى. بۇنىڭ بىلەن ئۇ ئايالنى تەلەپ قىلغانلار ئارىسىغا، تالاق قىلغان ئېرىمۇ قۇشۇلدى. بۇ ئايالنىڭ ئاكىسى مالىك قەسەم قىلىپ: ”ۋۇ قاپاقۋاش! مەن ساڭا ياخشىلىق قىلىپ، سىڭلىمنى بەردىم. سەن سىڭلىمنىڭ سۆزىنى بەردىڭ، ئەگەر سىڭلىم يارىشىشنى تەلەپ قىلسىمۇ، مەن ئۇنى ساڭا بەرمەيمەن.“ دېدى. ئاللاھتائالا ئايالىنى تالاق قىلغان ئەرنىڭ، ئېرىدىن ئاجراشقان ئايالنىڭمۇ ئېرىگە ئېھتىياجى بارلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، شۇ ئايەتنى نازىل قىلدى: ”ئەگەر سىلەر ئاياللارنى تالاق قىلغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئىدىتى توشقان ۋە قائىدە بويىچە (تەگمەكچى بولغان) ئېرى بىلەن پۈتۈشكەن بولسا، ئۇلارنى ىىكاھلىنىشتىن توسماڭلار. بۇنىڭ بىلەن ئىچىڭلاردىن ئاللاھقا ۋە ئاخىرەت كۈنىگە ئىان كەلتۈرگەنلەرگە نەسىھەت قىلىنىدۇ، بۇ يەنى (ۋەز-نەسىھەت ئېلىش، ئاللاھنىڭ ئەمىرلىرىنى تۇتۇش)، سىلەر ئۈچۈن ئەڭ پايدىلىقتۇر ۋە ئەڭ پاكتۇر، (شەرىئەت ئەھكاملىرىدىن سىلەرگە نېمىلەر ئەڭ پايدىلىق ئىكەنلىكىنى) ئاللاھ بىلىدۇ، سىلەر بىلمەيسىلەر.“ (بەقەرە سۈرىسى، 232-ئايەت)

    مالىك ئاللاھ رەسۇلىدىن بۇ ئايەتنى ئاڭلاپ: ”رەببىمنىڭ بۇيرۇقىغا ئىتائەت قىلىمەن“ دەپ، سىڭلىسىنىڭ بۇرۇنقى ئىرى بىلەن ئۆيلىنشىگە رۇخسەت قىلدى. بۇنىڭدىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، تۇل ئاياللانىڭ ئۆيلۈك-ئوچاقلىق بولىشىنىمۇ چەكلەشكە بولمايدۇ.

    C. بالاغەت دەۋرى

    ئىسلام تۇرمۇشلۇق ئايالنىڭ جىنسىيىتى ھەققىدىمۇ ئەمىلىيەتچىدۇر. بۇ سەۋەپتىن ئاياللاغا بىر قىسىم جىنسىي ھۇقۇقلار بەرگەن.

    ئايالنىڭ جىنسىي ھۇقۇقى

    1. ئايالنىڭ جىنسىي ھۇقۇقىنىڭ بېشىدا، سۆيۈشمەي جىنسىي مۇناسىۋەت قىلىشنىڭ چەكلىنىشى كېلىدۇ. ئايالنىڭ جىنسىي مۇناسىۋەتنى ياقتۇرماسلىقنىڭ ئاساسلىق سەۋەپلىرىدىن بىرى، سۆيۈشمەي جىنسىي مۇناسىۋەت قىلىشتۇر. شۇنىڭ ئۈچۈن ئاللاھ رەسۇلى جىنسىي مۇناسىۋەتتىن بۇرۇن سۆيۈشۈشنى ئالاھىدە تەۋسىيە قىلغان. بۇ ھەقتە ئىسلام ئالىملىرى بىر قىسىم بايانلارنى قىلغان. ”جىنسىي مۇناسىۋەتتىن ئىلگىرى سۆيۈشۈش، تىل ۋە كالپۇكلارنى ئېمىش مۇئەككەد (كۈچلۈك) سۈنتۇر. ئەكسىچە قىلىش ھارامغا يېقىن مەكرۇھتۇر.“ )پەيزۇل قادىر، /905(

    2. ئائىلىدە، ئايالنىڭ جىنسىي ھۇقۇقىدىن يەنە بىرى، ئەرنىڭ ئايالىنىڭ رۇخسىتىنى ئالماي تۇرۇپ، بالا بولۇشنىڭ ئالدىنى ئالىدىغان تەدبىرلەرنى ئىشلىتىشىنىڭ ھارام قىلىنشىدۇر.

    ئايالنى جىنسىي تويۇمغا ئېرىشتۈرىدىغان ئاساسلىق سەۋەپلەردىن بىرى، يولدىشىنىڭ ئايالىدا جىنسىي تويۇمغا ئېرىشكەنلىكىنى ھېس قىلىشىدۇر. ئايالنى جىنسىي لەززەتتىن مەھرۇم قويۇش توغرا بولمىغانلىقى ئۈچۈن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام، ھۆر ئايالىڭ رۇخسىتىنى ئالماي تۇرۇپ، مەنىنى سىرتىغا قويۇپ بېرىشنى چەكلىگەن.

    3. ئايالنى جىنسىي مۇناسىۋەتتىن قىسىپ قويماسلىقمۇ، ئايالنىڭ جىنسىي ھۇقۇقلىرىدىن بىرسىدۇر.

    ئائىلە ھاياتىدا ئايالنى جىنسىي مۇناسىۋەتتىن مەھرۇم قىلىش، ئايالغا قىلىنغان ئەڭ بۈيۈك زۇلۇمدۇر. بۇ ئەھۋال جىسمانى جەھەتتىن ئايالغا زىيانلىق بولۇپلا قالماستىن، روھىي جەھەتتىنمۇ زىيانلىقتۇر. بۇ سەۋەپتىن ياراتقان بەندىلىرىنىڭ ئەھۋالىنى ئەڭ ياخشى بىلىدىغان ئاللاھتائالا، مۇسۇلمان ئەرلەرگە مۇنداق دېگەن: ”قانچە تىرىشساڭلارمۇ ئاياللىرىڭلارغا (مۇھەببەت ۋە دىلنىڭ مايىللىقىدا) باراۋەر مۇئامىلىدە بولۇشقا ھەرگىز قادىر بولالمايسىلەر، شۇنىڭ ئۈچۈن بىرسىگە پۈتۈنلەي مايىل بولۇپ، ئىككىنچىسىنى (ئېرى باردەكمۇ ئەمەس) ئېسىپ قۇيۇلغان ئايالدەك تاشلاپ قويماڭلار، ئەگەر (بۇ جەھەتتىكى قۇسۇرلىرىڭلارنى) تۈزەتسەڭلار، (يەنى ئۇلارغا زۇلۇم قىلىشتىن) ساقلانساڭلار، ئاللاھ ئەلۋەتتە (سىلەرگە) مەغپىرەت قىلىدۇ، رەھىم قىلىدۇ. “ (نىسا سۈرىسى، 129-ئايەت)

    پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالاممۇ ئائىلە ھاياتىدا جىنسىي مۇناسىۋەتنى توختىتىشنى چەكلىگەن. دىندارلىق ياكى ھەر قانداق مەقسەت بولىشىدىن قەتئى نەزەر، پەيغەمبىرىمىز جىنسىي مۇناسىۋەتنى تەركېتىشنى چەكلىگەن.

    ئايالنى ھىمايە قىلىدىغان ئايال ھۇقۇقلىرىدىن يەنە بىرى، كەلگۈسى بولمىغان جىنسىي يوقسۇللۇققا مەھكۇم قىلىنماسلىقىدۇر. چۈنكى ئىسلام ئاجرىشىشنى ئۈچ قېتىم بىلەن، جىنسىي مۇناسىۋەتنى كېسىشنى 4 ئاي بىلەن چېگىرلاندۇردى. يولدىشىنىڭ جىنسىي كېسىلى بولسا، بۇ كېسەلنىڭ ساقىيىش ئېھتىمالى بولمىسا، بۇ ئەھۋالدا ئايالنىڭ ئاجرىشىش داۋاسى ئاچالايدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

    D. ئىسلام دىنىنىڭ ئاياللارنىڭ جىنسىيىتى ھەققىدىكى ھەقلىرىدىن يەنە بىرى، ئايالنىڭ ئىددىتىنى مەلۇم ۋاقىت بىلەن چەكلىك قىلىشىدۇر.

    ئايال ئاجراشقاندىن كېيىن ئۈچ ئادەت ياكى ئۈچ پاكىزلىق ۋاقتىنى تاماملىغاندا، يولدىشى ۋاپات بولۇپ، تۆت ئاي 10 كۈن ساقلىسا، ھامىلە تۇرۇپ ئاجراشقاندا، بالىسىنى تۇققاندىن كېيىن ئۆيلەنسە بولىدۇ. بۇنداق ئەھۋال ئاستىدا ئۆيلىنشىگە قارشى چىقىشقا بولمايدۇ.

    بۇ يەردە بىر مىسال بېرىپ، ئىسلامنىڭ ئەمىلىيەتچانلىقىنى كۆرسىتىپ ئۆتەيلى.

    سۈبەيا ئىسىملىك بىر ئايال، يولدىشىنىڭ ۋاپاتىدىن 23 كۈن ئۆتكەندە تۇغۇپ، ياتلىق بولۇشنى ئارزۇ قىلدى. ياتلىق بولۇشنى ئارزۇ قىلغانلىقى تۈپەيلىدىن ئەيىپلىنىپ، تۇرمۇش قۇرالمايدىغانلىقى ئېيتىلغاندا، بۇ ئايال ئەھۋالنى ئاللاھ رەسۇلىغا بايان قىلدى. ئاللاھنىڭ رەسۇلى سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېدى:

    ”ئۆيلىنىشنى خالىسا، ئۆيلەنسۇن. چۈنكى بالا تۇغۇش بىلەن ئىددىتىنى تولدۇرغان بولىدۇ.“ (ئەت تاج، 2، 36، بۇخارى، تالاق)

    جىنسىي مۇناسىۋەت ئىنسان تەبىئىتىدۇر

    يۇقىرىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغاندەك، ئىسلام دىنى جىنسىيەتنى ئاللاھنىڭ قانۇنىيىتى دەپ كۆرسىتىپ، ئەر-ئايال جىنسىيىتىنى ئىنسان ھاياتىنىڭ تەبىئى ۋە ئايرىلماس بىر پارچىسى دەپ قارايدۇ.

    بۇ ئەمىلىيەتچىل، توغرا قاراشنىڭ ئوتتۇرىغا قويغان ۋە قوبۇل قىلىنىدىغان ئومۇمىي جىنسىيەت پرىنسىپلىرىنى خۇلاسىلاپ، بايان قىلىمىز.

    ئەر–ئايالنىڭ بالاغەتكە يەتكەن ۋاقتىدا جىنسىي ھېسسىيات پەيدا بولىشى مۇقەررەردۇر. تاماق يەيدىغان، نۇرمال ئارام ئالىدىغان بالاغەتكە يەتكەن ھەر ئىنسان، سىرتتىن غىدىقلىغۇچى بىر نەرسە ئالمىسا ۋە ئۆزىنى ئالاھىدە كونترول ئاستىغا ئالسىمۇ، ھېس-تۇيغۇسىنىڭ ئىرادىسىگە خىلاپ ھالەتتە تەرەققى قىلىشىنى كونترول قىلالمايدۇ. تۇرمۇش قاينىمى بۇ ئېھتىياجلارنى ھەل قىلىشنى تەقەززا قىلىدۇ. بۇ ئىنسان تەبىئىتىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان جىنسىي ھەقىقەتتۇر. ھەقىقەت بۇنداق بولغانلىقى ئۈچۈن ئىنسان شۇ تۆت ئىشنى قىلىشقا مەجبۇر بولىدۇ.

    1. جىنسىي ئىقتىدارىنى يۇقۇتۇش،

    2. جىنسىي ئارزۇسىنى داۋاملىق كونترول ئاستىغا ئېلىش، يەنى تۇرمۇشلۇق بولماسلىق،

    3. تۇرمۇش قۇرۇپ، ھالال ئايالى بىلەن يارىتىلىش تەبىئىتىگە ئاساسەن، جىنسىي ئېھتىياجىنى ھەل قىلىش،

    4. زىنا قىلىش، ئوخشاش جىنىسلىقلار بىلەن جىنسىي مۇناسىۋەت قىلىش قاتارلىق يوللار بىلەن جىنسىي تەلىۋىنى قاندۇرۇش.

    ئىنسان قىلالايدىغان ئىشلار بۇلاردىن ئىبارەت. ئەپسۇسكى، ئىنسان خالىغىننى قىلىش ئەركىنلىكىگە ئىگە ئەمەس. چۈنكى ئاللاھتائالا ئىنساننى ھەر ۋاقىت جىنسىي ھەرىكەت قىلالايدىغان قابىلىيەتتە يارىتىپ، ئۇنى جىنسىي تۇرمۇشتىىنمۇ ئىمتىھان قىلىدۇ. بۇ سەۋەپتىن ئىنسانغا جىنسىي خارەكتېرلىك ئەمىر-چەكلىمىلەر قويدى. مۆمىن ئىنسان ئىلاھى ئەمىر ۋە چەكلىمىلەر دائىرىسىدە بىر يول تاللىشى كېرەك.

    ئىسلامنىڭ ئانا مەنبەسى بولغان قۇرئان ۋە سۈننەت بۇ يوللاردىن بىرىنچى، ئىككىنچى، تۆتىنچىسىنى چەكلەش بىلەن بىرگە، ئۈچۈنچى يولنى تەۋسىيە قىلىدۇ. تەۋسىيە قىلىپلا قالماستىن، بۇ يولدىن مېڭىشقا بۇيرۇيدۇ.

    4-باب. جىنسىي تۇرمۇشتىن يىراق تۇرۇش ھارامدۇر

    (ئاختا قىلىش، ئاختا قىلدۇرۇش، ئالاھىدە ئەھۋال ئاستىدا بويتاق قېلىش، ئائىلە تۇرمۇشىدا جىنسىي تۇرمۇشنى تەركېتىش ھارامدۇر)

    ئاللاھ رەسۇلىنىڭ سۆزلىرى:

    ”** ئۆيلۈك-ئوجاقلىق بولماسلىق، جىنسىي تۇرمۇشتىن يىراق تۇرۇش مەناسىدىكى راھىبلىق مەۋجۇت ئەمەس. “

    ”ھەر ئۈممەتنىڭ بىر راھىبلىقى بار، مېنىڭ ئۈممىتىمنىڭ راھىبلىقى، ئاللاھ يولىدا **تۇر. “

    ھاياتنى تەسلۈشتۈرمەڭلاركى، ھاياتمۇ سىلەرگە تەسلەشمىسۇن. تارىخى قەۋملەردىن بىرى بولغان خرسىتىئانلار ھاياتنى تەسلەشتۈرگەنلىكى ئۈچۈن، ھاياتمۇ ئۇلارغا تەسلەشتى. ئۇلار روھبانلىققا (راھىبلىققا) يۈزلەندى. ئۇلارنىڭ راھىبلىقىنىڭ ئىزلىرى ماناستىرلاردا مەۋجۇت. ئاللاھتائالا ئۇلار ھەققىدە مۇنداق دېدى: ”بىز ئۇلارغا راھىبلىقنى ئەمىر قىلمىدۇق، ئۇلار ئاللاھنىڭ رىزاسىنى ئىزدەش مەقسىتىدە، ئۆزلىرى ئويدۇرۇپ چىقاردى. لېكىن ئۇلار ئېزىپ كەتتى.“ (ھەدىد سۈرىسى، 27-ئايەت)

    جىنسىي ئىقتىدارىنى يۇقۇتۇشقا ئۇرۇنۇش ھارامدۇر

    ئاللاھتائالا لەنەتلىگەن ئەمما ئىنسانلارنىڭ ئېزىپ كىتىشىگە يول قۇيىدىغان شەيتان مۇنداق قەسەم قىلدى:

    ”مەن ئىنسانلارغا تەلقىن قىلىمەن. ئىنسانلار ئاللاھ ياراتقان قانۇنىيەتلەرنى ئۆزگەرتىشكە ئۇرۇنۇپ، ئەسلى غايىسىدىن يىراقلاشتۇرىدۇ.“ قۇرئانى-كەرىم نىسا سۈرىسىنىڭ 119-ئايىتىدە بايان قىلىنغان ھەقىقەت، ئىنسانلارنىڭ بىر شەكىلدە يارىتىلىش ھەقىقىتىنى بۇزۇپ، ئۆزگەرتىشى شەيتانى ئەمەل ۋە ھارامدۇر.

    بۇ ئايەت ۋە پەيغەمبىرىمىزنىڭ چەكلىمىسگە ئاساسەن ئىسلام دىنى بىر كىشى جىنسىي ئىقتىدارىنى ئۆزى ياكى باشقا شەخس، ئورگانلار تەرىپىدىن يۇقۇتۇشنى قاتتىق چەكلەيدۇ. شۈبھىسىزكى، بۇ چەكلىمە ئىنساننى يارىتىلىش قانۇنىيىتى بىلەن زىتلاشماسلىقنىڭ ۋە ئىلاھى ئىمتىھانغا قارشى چىقىشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.

    جىنسىي ئىقتىدارنى يوقۇتۇشنىڭ ئاساسى يولى ئاختا قىلىش (پىچىۋېتىش) ۋە ئاختا قىلدۇرۇشتۇر.

    ئاختا قىلىش

    ئەرلىك بەزلىرىنى چىقىرىش ياكى جىنسىي ئىقتىدارىنى ۋە نەسىللىنىش كۈچىنى يۇقۇتۇش ئىنساننىڭ ئۆز نەپسىگە قىلغان زۇلمىدۇر. ئىنسان نەپسىگە زۇلۇم ئەمەس، ئادالەت بىلەن مۇئامىلە قىلىشقا مەسئۇلدۇر. بۇ ھەقتە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: ”نەپسىڭنىڭ سېنىڭ ئۈستىدە ھەققى بار“ دېگەن.

    ئىسلام دىنى ئاللاھ رەسۇلى تەرىپىدىن تەبلىغ قىلىنغان ۋاقىتلاردا، ماددى ئىمكانسىزلىق تۈپەيلىدىن ئۆيلىنەلمىگەن، جىنسىي ھاراملارنى قىلىپ سېلىشتىن قورققان بەزى مۇئمىنلەر ئاختا قىلدۇرۇشنى ئويلىغانىدى. لېكىن ئۇلار ئاللاھ رەسۇلىنىڭ كەسكىن چەكلىمىسىنى ئاڭلىدى. تۆۋەندىكى ھەدىسلەردە ئاختا قىلىش چەكلەنگەن.

    ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىدۇ. كاللامنى مەشغۇل قىلغان بىر مەسىلىنى ئاللاھ رەسۇلىغا مۇنداق بايان قىلدىم:

    ”يا رەسۇلەللاھ! مەن بىر يىگىتمەن. كۆڭلۈمنىڭ كەينىگە كىرىپ، زىنا قىلىپ سېلىشتىن قورقىمەن. تۇرمۇش قۇرغۇدەك، ماددىي كۈچۈم يوق. ئۇنداقتا ئاختا قىلدۇرسام بولامدۇ؟ “

    ئاللاھ رەسۇلى بۇ سوئالغا جاۋاب بەرمىدى. مەن بۇ مەسىلىنى ئىككى قېتىم قايتا-قايتا ئېيتتىم. تۆتىنچى قېتىم دېگەن ۋاقتىمدا، ئاللاھ رەسۇلى مۇنداق دېدى:

    ”ئەي ئەبۇ ھۇرەيرە! ئۆمرۈڭ بويىچە يۈز بېرىدىغان ئىشلارنى يازغان قەلەم يېزىشتىن توختىدى. بۇنىڭغا ئاساسەن ئاختا قىل ياكى ئاختا قىلما (مۇھىم ئەمەس، سەن ئاللاھنىڭ ئەمرىگە بويسۇن. ئاختا قىلىشقا ئۇرۇنما) (بۇخارى، نىكاھ، 7)

    سەئىد ئىبنى ئاس ۋە ئوسمان ئىبنى مەزئۇن ئاللاھ رەسۇلىغا مۇنداق دېدى:

    ”يا رەسۇلۇللاھ! ئاختا قىلىش ئۈچۈن ماڭا رۇخسەت بېرەمسەن؟

    ئاللاھ رەسۇلى:“ ئاللاھ بىز ئۈچۈن ئاياللاردىن يىراقلىشىدىغان راھىبلىقنىڭ ئورنىغا ئۆيلۈك-ئوچاقلىق بولۇشنى تەۋسىيە قىلغان ئىسلام شەرىئىتى بەردى. ئەگەر بىزگە ئوخشاش ئىسلام شەرىئىتىگە ئىشەنسەڭ، ئاختا قىلماي، ئۆيلەن.“ (ئاينى، 20/72، س، نەسائى)

    ئاختا قىلدۇرۇش

    ئىسلام دىنى جان، مال ۋە نەسلى مۇھاپىزەت قىلىشنى ئەمىر قىلىش بىلەن بىرگە ھاراق، زىنانى چەكلىگەندەك، بۇ ھاراملارنى قىلدۇرۇغانلارنىمۇ چەكلەيدۇ. بۇ سەۋەپتىن ئاختا قىلىش ياكى ئاختا قىلىشقا سەۋەپ بولىدىغان ئامىللارنىمۇ چەكلەيدۇ. بىر كىشنىڭ جىنسى ئەزاسىنى ئىشلىمەيدىغان ياكى نەسىللىنەلمەيدىغان ھالەتكە كەلتۈرۈشنى ئىسلام جازا قانۇنىدا چەكلىشى ئاختا قىلىشنىڭ ھاراملىقىنى كۆرسىتىدۇ. چۈنكى ئىسلام جازا قانۇنىدا ھارام قىلىنمىغان ۋە ئىسلام ھاكىمىيىتى چەكلىمىگەن بىر نەرسىگە جازا بېرىشكە بولمايدۇ.

    يۇقىرىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان ھەدىسلەردىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، يارىتىلىش قانۇنىيىتىنى ئۆزگەرتىشكە ئۇرۇنۇپ، ئاختا قىلىش، ياكى ئاختا قىلدۇرۇش، ئاللاھقا قارشى چىققانلىق بولۇپ، بۈيۈك گۇناھتۇر. ئىسلام دىنى پەيغەمبىرىمىزنىڭ تىلى بىلەن ئىنسانلارنى ئەمەس، ھايۋانلارنىڭ ئاختا قىلىنىشىنىمۇ چەكلەيدۇ. (بەيھاقى، س. كۇبرا)

    ئوسمانلى تارىخىدا يۈز بەرگەن ئاختا قىلىش ۋەقەلىرى، ئىسلامى ھۆكۈملەرگە ئاساسلانغاندا شۈبھىسىز زۇلۇم بولۇپ، يارىتىلىش قانۇنىيىتىنى ئۆزگەرتىشكە ئۇرۇنغانلىقتۇر. بۇ قىلمىشلارنىڭ ھەممىسى ھارامدۇر. بۇ قىلمىشلارنىڭ ھاراملىقى ھەققىدە پەتۋا بېرىلگەن بولسىمۇ، ئەمما ئىجرا قىلىنغان.

    ھەبەش، نىگىر تائىپىسى، مىسىر ۋە ھاۋالىسىدىن چاقىرىلغان كىشىلەر ۋە بالەغەتكە يەتكەن بالىلارنىڭ ئەرلىك ئورگانىنى كېسىش، ياكى ئەرلىك بېزىنى (ھورمۇن) چىقىرىش شەرئى جەھەتتىن جائىز بولامدۇ؟ جاۋاب بولمايدۇ.

    بويتاق ياكى تۇرمۇشلۇق بىر مۇسۇلمان جىنسى ئارزۇسىنىڭ تەلىۋىگە ئاساسەن زىنا قىلىپ، ئاللاھنىڭ ئازابىغا ئۇچراشتىن ئەندىشە قىلسا، بۇ مۇسۇلمان ئۆيلىنىشى لازىم. ئەگەر ئۆيلىنىشكە كۈچى يەتمىسە، ئاللاھ رەسۇلىنىڭ تەۋسىيەسىنى ئاڭلاپ، ئۆيلىنىشكە قەدەر نەپلى روزا تۇتىشى، تەھەججۇد نامىزى ئوقۇشى كېرەك. ساھابىلەردىن ئابدۇللاھ ئىبنى ئەمرى مۇنداق دەيدۇ. بىر ساھابە ئاللاھ رەسۇلىنىڭ يېنىغا كېلىپ:

    - يا رەسۇلەللاھ! ئاختا قىلىنىشىمغا رۇخسەت بېرەمسەن؟ دەپ سورىدى. ئاللاھ رەسۇلى رۇخسەت قىلمىدى ۋە:

    - ئۈممىتىمنىڭ ئاختا قىلىنىشى، كۈندۈزى روزا تۇتۇپ، كېچىسى تەھەججۇد ئوقۇپ، جىنسى ئارزۇسنى كونترول قىلىشىدۇر. “ دېدى. (مۈسنەد، 2/173)

    جىنسىي ھاراملاردىن يىراق تۇرۇش ئۈچۈن نەپلە روزا، كېچە نامىزى بىلەن بىرلىكتە ** قىلىش تەۋسىيە قىلىندى. بۇنى تۆۋەندە چۈشەندۈرىمىز. بىر ئادەم سەئىد ئەل خۇدرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ يېنىغا كېىلىپ نەسىھەت قىلىشنى تەلەپ قىلدى. ئەبۇ سەئىد ئادەمگە: ”سېنىڭ مەندىن تەلەپ قىلغان نەرسەڭنى، مەن ئاللاھ رەسۇلىدىن سورىغان ئىدىم. ئۇنىڭ ماڭا قىلغان نەسىھىتىنى ساڭا دەپ بېرەي.

    ”ساڭا ئاللاھنىڭ ئەمىر-چەكلىمىلىرىگە بۇيسۇنۇشنى تەۋسىيە قىلىمەن. بۇ، ئىشنىڭ بېشى ۋە ئەمەللەرنىڭ ئۆزىدۇر. **قا ئەھمىيەت بەر، چۈنكى ئىسلامنىڭ راھىبلىقى، جىنسىي تۇرمۇشتىن ئۇرۇنلۇق يۇسۇندا يىراق تۇرۇشنىڭ شەكلى **تۇر. يەنە ئاللاھنى زىكىر قىلىشقا ۋە قۇرئان ئوقۇشقىمۇ ئەھمىيەت بەر. بولۇپمۇ ئاللاھنى زىكىر قىلىش ۋە قۇرئان ئوقۇش كۆكتە رەھمەت، يەردە بايرامدۇر.“ (مۇسنەد، ئىبنى كەسىر، ”ھەدىد“، 27)

    تۇغماسلىق ئوپىراتسىيەسى قىلىش ۋە قىلدۇرۇش

    ئوپىراتسىيە يولى بىلەن تۆللەمە كۈچى چەكلىنىدىغان تۇغماسلىق ياكى تۇغدۇرماسلىق ئوپىراتسىيەسى قىلىشمۇ، يارىتىلىش قانۇنىيىتىگە زىت بولغانلىقى ئۈچۈن ھارامدۇر. ئىككىنچى بىر قېتىملىق ئوپىراتسىيە بىلەن نەسىللىنىش كۈچىگە ئېرىشكەن تەقدىردىمۇ بۇ يەنىلا ھارامدۇر.

    ئالاھىدە ئەھۋال ئاستىدا بويتاق قېلىش ھارامدۇر

    ئىسلام دىنى جىنسىي ئىقتىدارىنى يوقۇتۇش قىلمىشى بولغان ئاختا قىلىش ۋە ئاختا قىلدۇرۇشنى چەكلىگەندەك، جىنسىي ئىستەكلەرنى داۋاملىق ئاجىزلاشتۇرۇش ياكى ئاللاھ ياراتقان جىنسىيەتنى ھەرىكەتسىز ھالەتكە كەلتۈرۈشنىمۇ چەكلەيدۇ. چۈنكى بۇ ئەھۋالمۇ شەيتان مەنبەلىك بىر قىلمىش بولۇپ، ئاللاھتائالانىڭ يارىتىىش قانۇنىغا زىتتۇر. بۇ ھەقتە ئاللاھتائالا مۇنداق دەيدۇ: “ ئى مۆمىنلەر! ئاياللارغا زورلۇق قىلىپ، ئۇلارنى مىراس قىلىپ ئالماق (يەنى بىر ئادەمنىڭ قولىدىن يەنە بىر ئادەمنىڭ قولىغا ئۆتۈپ تۇرىدىغان مال ئورنىدا قىلىۋالماق) سىلەرگە دۇرۇس بولمايدۇ؛ ئۇلار ئوپئۇچۇق پاھىشە قىلمىغان ھالەتتە، سىلەر ئۇلارغا بەرگەن مەھرىدىن بىر قىسمىنى يۇلۇۋېلىش ئۈچۈن، ئۇلارغا بېسىم ئىشلەتمەڭلار، ئۇلار بىلەن چىرايلىقچە تىرىكچىلىك قىلىڭلار، ئەگەر ئۇلارنى ياقتۇرمىساڭلار (سەۋر قىلىڭلار)، چۈنكى سىلەر ياقتۇرمايدىغان بىر ئىشتا ئاللاھ كۆپ خەيرىيەتلەرنى پەيدا قىلىشى مۇمكىن.“ (نىسا سۈرىسى، 19-ئايەت)

    تۆۋەندىكى ھەدىسلەر بويتاقلىقنىڭ نېمە ئۈچۈن چەكلەنگەنلىكىنى بايان قىلىدۇ.

    ئىسلام بويتاقلىقنى نۇرمال ئادەتكە ئايلاندۇرۇشقا رۇخسەت قىلمايدۇ. ئاللاھ رەسۇلى بويتاقلىقنى پرىنساپلاشتۇرۇشقا بولمايدىغانلىقىنى بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ:

    “ ** (جىسمانى ۋە ماددى كۈچى بار تۇرۇپ) ئۆيلەنمىسىمۇ بولىدۇ دەيدىغان بىر بەلگىلىمە يوق“ (پەيزۇل قادىر، /4286، (9892))

    بىز ئۆيلەنمەيمىز دېگۈچىلەر لەنەتلەندى.

    ئاللاھ شانىنى ئۈستۈن قىلسۇن. ئاللاھ رەسۇلى ئاياللارنى تەقلىد قىلىۋاتقان ئايال مىجەزلىك ئەرلەرگە، ئەرلەرنى تەقلىد قىلىۋاتقان تىرىشىۋاتقان ئەر مىجەزلىك ئاياللارغا، بىز ئۆيلەنمەيمىز دېگەن ئەرلەرگە، بىز ئۆيلەنمەيمىز دېگەن ئاياللارغا لەنەت قىلدى. (م، زەۋائىد، 4/251، مۈسنەد، 7891)

    ئاللاھ رەسۇلىنىڭ يارىتىلىش قانۇنىغا خىلاپ بولىدىغان ئىستەكلەرنىڭ تۈرتكىسى بىلەن مەنىۋى جەھەتتىن ئاختا قىلىش بولىدىغان بويتاقلىقنى لەنەتلىشىى، باشقا بىر ئىپادە بىلەن ئىلاھى رەھمەتتىن مەھرۇم قىلىدىغان بىر قىلمىش دەپ ئاگاھلاندۇرۇشى نىسا سۈرىسنىڭ 19-ئايىتىنىڭ مەزمۇنىڭغا ئۇيغۇندۇر. ئۆيلەنمەسلىك پەيغەمبىرىمىزنىڭ يۇلىدىن چىققانلىقتۇر.

    ئاللاھنىڭ رەسۇلى سەۋەپسىز بويتاق قېلىشنى تەنقىتلەپ:’ ”ئۆيلىنىش ئۈچۈن ماددى ۋە (جىنسىي قۇۋۋىتى) بار تۇرۇپ ئۆيلەنمىگەنلەر مېنىڭ يولۇمدا ماڭمىغانلاردۇر.“ دېگەن. (م. زەۋائىد، 4/251، ئابدۇراززاق مۇسەنناپ، 10376؛ دارىمى، نىكاھ 1 )

    بويتاقلارنىڭ شەيتانغا بىر تۇققان بولۇش ئېھتىمالى بار

    تەمىمى قەبىلىسىدىن ئۇككاپ بىن بەشىر ئىسىملىك بىر ئادەم، ئاللاھ رەسۇلىنىڭ يېنىغا كەلدى. ئاللاھ رەسۇلى ئۇنىڭدىن تۇرمۇش قۇرغان ياكى قۇرمىغانلىقىنى سورىدى. ئادەمنىڭ تۇرمۇشلۇق بولمىغانلىقىنى بىلگەندىن كېيىن:

    (ئۆيلىنىش ئۈچۈن تېنىڭ سالامەت) ۋە ماددى كۈچۈڭ بارمۇ؟ – دەپ سورىدى. ئادەم:

    - بار، يا رەسۇلەللاھ. – دەپ جاۋاب بەردى. ئاللاھ رەسۇلى:

    - سەن بۇ ئەھۋال ئاستىدا شەيتانغا تۇققان بولىسەن، خىرىستىئان بولساڭ، راھىب بولىسەن (خرىستىئان بولمىغىنىڭغا قارىغاندا، نېمىشقا بويتاق تۇرىسەن؟) بىز تەبىئىتىمىزگە ئاساسەن ئۆيلىنىمىز.

    شەيتانلار ئارىسىدا مۇنداق سۆزلىشىدۇ:

    شەيتاننىڭ ئەخلاقلىق ۋە تەقۋا بەندىلەرنى ئازدۇرۇشتا ئىشلىتىدىغان ئەڭ كۈچلۈك قۇرالى ئەخلاقسىز ئاياللاردۇر. شەيتان تۇرمۇش قۇرغان ۋە ئەخلاقلىق مۇسۇلمانلارنى ئازدۇرالمايدۇ. ئۇلار گۇناھتىن پاكلانغان ۋە جىنسىي ھاراملاردىن يىراق تۇرغان مۇسۇلمانلاردۇر. ئاللاھ سېنى قوغدىسۇن. ئۇككاپ! قاراپ تۇرما، ئۆيلەن. ئەگەر ئۆيلەنمىسەڭ، ئەخلاقلىق بىلەن ئەخلاقسىزلىق ئوتتۇرىسدا پۇچۇلنۇپ كېتىسەن.

    ئۇككاپ، بۇ ئوچۇق، كەسكىن بۇيرۇقنى ئاڭلىغاندىن كېيىن:

    - يا رەسۇلەللاھ! مېنى ئۆيلەندۈرگىن. – دېدى. ئاللاھ رەسۇلى:

    - سېنى گۈلسۈمنىڭ قىزى كەرىمە بىلەن ئۆيلەندۈردۈم،- دېدى. (م. زەۋائىد، 5/163)

    بويتاقلىققا مۇناسىۋەتلىك ئىلاھى پرىنسىپلارنى باھالاش

    ئىسلامنىڭ ئومۇمى دەستۈرلىرى ۋە بويتاقلىقنى رەت قىلىدىغان ھەدىسلەردىن تۆۋەندىكى يەكۈننى چىقىرىشقا بولىدۇ.

    1) بويتاقلىق، ئاللاھنىڭ يارىتىش قانۇنى ۋە كۆپىيىش قانۇنىغا قارشى چىققانلىقتۇر. بۇ خىل قارشى چىقىش شەيتانغا بويسۇنغانلىق ۋە ئاللاھنىڭ يارىتىش قانۇنىنى ئۆزگەرتىشكە ئۇرۇنغانلىق بولغانلىقى ئۈچۈن ھارامدۇر.

    2) بويتاقلىق، ئاللاھنىڭ قانۇنلىرىنىڭ بىر قىسمى بولغان مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئالماي، ئىمتىھاندىن قاچقانلىقتۇر. چۈنكى ئاللاھ بېكىتكەن ۋە ئىبادەت قىلىشتا ۋاستە قىلغان قۇرئان قانۇنلىرىنىڭ بىر قىسمى ئۇرۇق-تۇغقانلىق، تۇرمۇش قۇرۇش، ئاجرىشىش، مىراس قاتارلىق ئىشلار بىلەن مۇناسىۋەتلىكتۇر.

    3) بويتاقلىق، جىسمانى ۋە روھى كېسەللەرنى كەلتۈرۈپ چىقارغانلىقى ئۈچۈن ئىنسان نەپسىگە زۇلۇمدۇر. ئىنسان نەپسىگە قارشى زۇلۇم قىلىش ئەمەس، ئادالەت قىلىشقا بۇيرۇلغان. چۈنكى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام“ نەپسىڭنىڭ سېنىڭ ئۈستىدە ھەققى بار“ دېگەن.

    4) جانابى ئاللاھ بەقەرە سۈرىسىنىڭ 195-ئايىتىدە: ”جېنىڭلارنى ئۆز قولۇڭلار بىلەن تەھلىكىگە ئاتماڭلار“ دېگەن. بويتاقلىق ھاياتنىڭ تەلىۋى ۋە ئېھتىياجلىرىغا زىت كەلگەنلىكى ئۈچۈن نەپسىنى جىنسى ھاراملارغا ئىتتىرىدۇ. چۈنكى ھەر قانداق بىر بويتاق، جىنسىي ھاراملاردىن يىراق تۇرۇش ھەققىدە كاپالەتكە ئىگە ئەمەس.

    5) يەر يۈزىدە ئەر-ئايال تەڭپۇڭلىقى بولغانلىقى ئۈچۈن بويتاق قېلىش قارشى تەرەپتىن بىر ئىنساننى بويتاق قېلىشقا مەجبۇر قىلىدۇ.

    6) بويتاقلىق ھاياتىمىزغا خانىم سۆيگۈسى ئاتا قىلىپ، خانىملارنى ئىلمى، قۇدرىتى، ھېكمىتىنىڭ بەلگىسى قىلىپ، نېمەت ئاتا قىلغان ئاللاھقا ۋە ئۇنىڭ ئېھسانىغا بىپەرۋا قالغانلىق، ئاللاھنىڭ نېمىتىنى ئەھمىيەتسىز كۆرگەنلىكتۇر.

    7) بويتاقلىق، باتىل دىن ۋە ئېدىلوگىيە مەنسۇپلىرى، خىرىستىئان راھىپلىرىنى تەقلىد قىلغانلىقتۇر. ئۇلارنى تەقلىد قىلىش ھارامدۇر.

    ئاللاھ رەسۇلى مۇنداق دەيدۇ: ”تۇرمۇشلۇق بولۇڭلار! مەن باشقا ئۈممەتلەرگە قارشى سىلەرنىڭ كۆپلىكىڭلار بىلەن پەخىرلىنىمەن. دىققەت قىلىڭلار، خىرىستىئان راھىبلىرىغا ئوخشاش بويتاق قېلىشقا ئۇرۇنماڭلار.“ (ئەل جامىئۇس سەغىر، تەزەۋۋۇچ ماددىسى، 1/ 130)

    (1) بويتاقلىق يۇقىرىدىكى زىيانلارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىش بىلەن بىرلىكتە، ئاللاھنىڭ ئۆيلىنىڭلار دېگەن ئەمرىگە، ئىزىدىن مېڭىشقا بۇيرۇلغان پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ تۇرمۇش شەكلىگە خىلاپتۇر. ئۇنىڭغا قارشى چىقىش ھارام، بۈيۈك گۇناھتۇر. چۈنكى ئاللاھ رەسۇلى ”تۇرمۇشلۇق بولۇش“ مېنىڭ سۈننتىم دىيىش بىلەن بىرلىكتە مېنىڭ سۈننىتىمدىن يۈز ئۆرىگەنلەر مېنىڭ يولۇمدا ئەمەس دېگەن. بۇ يەردە شۇنى ئوتتۇرىغا قويۇشنى مۇھىم دەپ قارايمىز. ئۆيلىنىش بىلەن مۇناسىۋەتلىك ھەدىسلەردە دېيىلگەن ”سۈننەت“ ئىپادىسى بەزىلەرنىڭ چۈشەنگىنىدەك، پەرىزنىڭ ئورنىدىكى سۈننەت ياكى نەپلە دېگەنلىك ئەمەس.

    داۋامى بار…

    ………………………………………………
    [1]. ھەر بىر مۇئمىن قىلمىسا قەتئى بولمايدىغان ئاللاھ ۋە رەسۇلىنىڭ بۇيرۇقىدۇر.

    [2] . بۇخارى، ”ھۇدۇد“19 ، ئە ت-تاج، 3

    [3] . بۇخارى، ئەدەب، 7، مۇسلىم، ئىمان، 60.

قىنى ئىنكاسلىرىڭىز بولسا ئايىماي يىزىڭ.....