بۇ پېدىگەن ئائىلىسىدىكى بىر يىللىق سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك يەرلىك شوخلىنىڭ پىشقان مېۋىسى بولۇپ، يەرلىك شوخلا، مارجان شوخلا، شوخلا، ئەنگۈرى شىفا، ئىتئۈزۈمى، ئىنەبۇسسۆئلەپ دېگەندەك ناملار بىلەن دورىغا ئىشلىتىلىدۇ.
تەبىئىتى:
ئىككىنچى دەرىجىدە قۇرۇق سوغۇق.
خۇسۇسىيىتى: ياللۇغ قايتۇرۇش، ئىششىق ياندۇرۇش، غەيرىي تەبىئىي قان ۋە سەپرا خىلىتىنى ، قۇرۇق ئىسسىق ۋە ھۆل ئىسسىق كەيپىياتنى تەڭشەش، ئۇسسۇزلۇق ۋە ھارارەتنى پەسەيتىش، قان تازىلاش، چوڭ تەرەتنى يۇمشىتىش قاتارلىقلار؛باشقا كىتابتا ‹ چىرىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ئاغرىق پەسەيتىش، سۈيدۈك ھەيدەش› دېيىلگەن.
ئىشلىتىدىغان كېسەللىكلەر:
جىگەر ياللۇغى،ئاشقازان ياللۇغى، گال ئاغرىقى، ھەر خىل سۇلۇق ئىششىق، سۇزۇلما كاناي ياللۇغى، ئۆتكۈر بۆرەك ياللۇغى، ئۈچەي ئىششىقى، قىچىشقاق، ئۆتكۈر قىزىتما، سەپراۋى تەپ، يۇقىرى قان بېسىم، سۆزنەك ، سىزلام قاتارلىقلار ئىشلىتىلىدۇ. باشقا كىتابتا‹ دوۋساق ياللۇغى، بۆرەك تېشى، بادامسىمانبەز ياللۇغى، بۇۋاسىر، قۇلاق ياللۇغى › دېيىلگەن.
ئىشلىتىش ئۇسۇلى:
ئىتئۈزۈمى، ئىكلىلمىلىك، ئاق لەيلى ئۇرۇقى، ھەمشىۋا ئۇرۇقىدىن بەش گرامدىن ئېلىپ ، قايناتما تەييارلاپ ئىچىپ بەرسە، سۈيدۈك يولىدىكى ياللۇغ ۋە ئىششىقلارغا مەنپەئەت قىلىدۇ. قىزىتما ۋە ئۇسسۇزلۇقنى پەسەيتىدۇ.
كاكىنەچ، ئىتئۈزۈمى، شاھتەررە ، ئوغرىتىكەن، تاۋۇز ئۇرۇقى قاتارلىقلارنى مۇۋاپىق مىقداردا ئېلىپ ، شەربەت تەييارلاپ ئىچسە سۆزنەك ۋە سىزلامغا مەنپەئەت قىلىدۇ.
تەمرى ھىندى 10گرام، ئەينۇلا بىلەن يەرلىك شوخلىدىن 15گرامدىن ئېلىپ قاينىتىپ ئىچسە ، گال ئاغرىقىغا مەنپەئەت قىلىدۇ.
قىزىلگۈل، ئەپتىمۇن، يەرلىك شوخلىدىن مۇۋاپىق مىقداردا ئېلىپ قايناتما تەييارلاپ ئىچسە ، ئۈچەي ئىششىقىغا مەنپەئەت قىلىدۇ.
ئىشلىتىش مىقدارى: 5-7گرام
زىيانلىق تەسىرى: ئاشقازانغا زىيان قىلىدۇ، باشقا كىتابتا ئەزالارنى سۇسلاشتۇرىدۇ دېيىلگەن.
تۈزەتكۈچىسى: ئاشقازان ئۈچۈن پىننە، بەدىيان دېيىلگەن. ئەزالارنى سۇسلاشتۇرۇپ قويۇشى ئۈچۈن گۈلقەنت دېيىلگەن.
ئورۇنباسارى: كاكىنەچ.
پىششىق دورا ياسالمىسى: ئەرقى شوخلا، قۇرسى كاكىنەچ، شەربىتى كاكىنەچ قاتارلىقلار…..