تادۇ ئۇيغۇر تېبابەت بىلوگى

پەرۋاز ئۇنۋىرسال سودا شەھەرچىسى

مەنىي ، مەزىي ، ۋەدىي ئېقىش مەنى دېگەن ئۇرۇق بېزى سۇيۇقلۇقىغا ، مەزى دېگەن مەنى خالتىسىنىڭ ئاغزى قىسمىغا جايلاشقان بەزنىڭ سۇيۇقلۇقىغا ، ۋەدى دېگەن سۈيدۈك يولى شار بېزى ياكى ۋەدى بېزى دەپ ئاتىلىدىغان جىسمى ناھايىتى كىچىك ، شارسىمان سۇيۇقلۇق بېزىنىڭ سۇيۇقلۇقىغا قارىتىلىدۇ. بۇ ئەرلەردە كۆپ ئۇچرايدىغان تاناسىل ئەزالارنىڭ خىزمىتى نورمال بولماسلىق بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغان كېسەللىك بولۇپ ، شەھۋەت قوزغالغاندا ياكى [...]

كالتسىي ــ ئادەم بەدىنىدىكى ئەڭ ئومۇملاشقان مېنىرال ماددىدۇر.ئۇ «سۆڭەك ماددىسى» دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ئۇنىڭ ئاساسلىق رولى سۆڭەكنىڭ كۈچلۈكلۈكى ۋە قاتتىقلىقىنى ئاشۇرۇشتۇر.ئادەم بەدىنىدىكى كالتسىينىڭ %99 ى سۆڭەك ۋە چىشتا، %1ى قان ۋە ھۈجەيرىدە ساقلىنىدۇ.كالتسىي يەنە ھورمون ئاجرىتىپ چىقىرىش ۋە قان ئۇيۇتۇش رولىغا ئىگە.ئەگەرئادەم بەدىنىدە كالتسىي ئىئونى تۆۋەنلەپ كەتسە، تارتىشىپ قېلىش، مېڭە ئىقتىدارى تۆۋەنلەش، يۈرەك ئىقتىدارى بىنورمال بولۇش، قان ئايلىنىش راۋان بولماسلىق، ھەتتا [...]

سەھىپە: ئۇنىۋېرسال

بۇ ئاق ئۈجمە دەرىخىنىڭ مېۋىسىدىن ئىبارەت. خېمىيىلىك تەركىبى: مېۋىسىدە رۇتىن، كاروتىن، ۋېتامىن ئا،ب،س، ئاقسىل، قەنت، ئانتوتيانىدىن، ماي، ئەركىن كىسلاتا، ئالكوھول خىلىدىكىلەر، ئۇچۇچان ماي، تاننىن، سېنتائورىيدىن قاتارلىق تەركىبلەر بار. دورىلىق تەسىرى: تەبىئەت (ئېمۇنت) كۈچىنى ئاشۇرۇش، لىمفا ھۈجەيرىلىرىنىڭ ئالمىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش رولى بار. تەبىئىتى: بىرىنچى دەرىجىدە ھۆل ئىسسىق. خۇسۇسىيىتى: قۇرۇق سۇغۇق كەيپىياتنى تەڭشەش، توسالغۇلارنى ئېچىش، تەبىئەتنى يۇمشىتىش، مېڭىگە ھۆللۈك يەتكۈزۈش، بەلغەم بوشىتىش، [...]

سەھىپە: خام دورىلار

1 . پىشانىگە دانىخورەك چىقسا ، سەۋەبى : بېسىمنىڭ ئېغىرلىقى ، مىجەزىنىڭ ناچارلىقى ، قۇرۇق ئىسسىقنىڭ ئېشىپ كېتىشى ، قان ئايلىنىشنىڭ ياخشى بولماسلىقىدىن . داۋالاش ئۇسۇلى : بالدۇر ئۇخلاپ ، بالدۇر تۇرۇش ، قايناق سۇنى كۆپ ئىچىپ بېرىش . 2 . قاشنىڭ ئوتتۇرىغا دانىخورەك چىقسا ، سەۋەبى : ئىچى سىقىلىش ، ئىچى تىتىلداش . داۋالاش ئۇسۇلى : قاتتىق ھەرىكەت قىلماسلىق [...]

سەھىپە: ئۇنىۋېرسال