تادۇ ئۇيغۇر تېبابەت بىلوگى

پەرۋاز ئۇنۋىرسال سودا شەھەرچىسى

caliyum كالتسىي ــ ئادەم بەدىنىدىكى ئەڭ ئومۇملاشقان مېنىرال ماددىدۇر.ئۇ «سۆڭەك ماددىسى» دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ئۇنىڭ ئاساسلىق رولى سۆڭەكنىڭ كۈچلۈكلۈكى ۋە قاتتىقلىقىنى ئاشۇرۇشتۇر.ئادەم بەدىنىدىكى كالتسىينىڭ %99 ى سۆڭەك ۋە چىشتا، %1ى قان ۋە ھۈجەيرىدە ساقلىنىدۇ.كالتسىي يەنە ھورمون ئاجرىتىپ چىقىرىش ۋە قان ئۇيۇتۇش رولىغا ئىگە.ئەگەرئادەم بەدىنىدە كالتسىي ئىئونى تۆۋەنلەپ كەتسە، تارتىشىپ قېلىش، مېڭە ئىقتىدارى تۆۋەنلەش، يۈرەك ئىقتىدارى بىنورمال بولۇش، قان ئايلىنىش راۋان بولماسلىق، ھەتتا يۈرەك ھەرىكىتى توختاپ قېلىشتەك ئاقىۋەتلەر يۈز بېرىدۇ.

نېمە ئۈچۈن ئادەملەر توختىماي كالتسىي تولۇقلىشى كېرەك؟
بالىلار ۋە ياشلار تېز ئۆسۈپ -يېتىلىدىغان بولغاچقا،داۋاملىق كالتسىي تولۇقلاش ئارقىلىق، يېتىلىۋاتقان سۆڭەككە لازىملىق كالتسىينى ئالدىن تەييارلاپ، كەلگۈسىدە كالتسىي يېتىشمەسلىكتىن كېلىپ چىقىدىغان سۆڭەك شالاڭلىشىش كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىشى كېرەك.ھامىلىدار ۋە بالا ئېمىتىۋاتقان ئاياللار ئۆزلىرى ۋە بالىلىرى ئۈچۈن كالتسىي تولۇقلىشى كېرەك(ھامىلىدارلىق مەزگىلدە بەدەن كالتسىيغا ئالاھىدە ئېھتىياجلىق بولغاچقا، ۋاقتىدا كالتسىي تولۇقلىمىسا ئۆزى ۋە بالىسىغا تەسىر يەتكەندىن سىرت،تۇغۇت جەريانىدا پەي تارتىشىپ قېلىپ،تۇغۇتى قېيىنلىشىپ كېتىدۇ). ئوتتۇرا ياشلىقلارنىڭ، بولۇپمۇ ئوتتۇرا ياشتىن ئاشقانلارنىڭ يېشىنىڭ چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ، سۆڭىكىدىكى مېنىرال ماددىلار(كالتسىي) پەيدىنپەي يوقىلىپ ماڭىدۇ.بۇ مەزگىلدىكى كالتسىينىڭ يوقىلىشى ئۇنىڭ پەيدا بولۇشىغا قارىغاندا تېز بولىدۇ.كېلېماكتىرىيە دەۋرىدە بۇ خىل ئەھۋال تېخىمۇ روشەن بولىدۇ.شۇڭا ۋاقتىدا كالتسىي تولۇقلاپ،سۆڭەك بوشاش،سۆڭەك شالاڭلىشىش ۋە باشقا كالتسىي كەملىكتىن كېلىپ چىقىدىغان كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك.

قانداق قىلغاندا ئادەم بەدىنىدىكى كالتسىي كەملىكنى بىلگىلى بولىدۇ؟
ئەگەرئادەمنىڭ قوشۇمىسىدا بىر جۈپ سىزىق بولسا، بۇ كالتسىي كەملىكتىن كېلىپ چىقىدىغان بويۇن ئومۇرتقا كېسەللىكىنىڭ ئالامىتىدۇر.بۇندىن باشقا، بۇرۇننىڭ ئىككى يېنىدىكى ئېرىقچىدا قارا چېكىتلەر بولسا، قولنىڭ تىرنىقى يۇمشاپ،ئۇنىڭدا سىزىقچىلار پەيدا بولۇپ قالسا، بۇلارمۇ كالتسىي كەملىكنىڭ روشەن ئىپادىلىرىدۇر.يەنە شۇنداقلا، ئاياللارنىڭ ئېڭىكىدە ئۇششاق دانىخورەكسىمان نەرسىلەر پەيدا بولۇپ دائىم قىزغۇچ ھالەتتە بولسا، بۇ ئۇلارنىڭ ئىچكى ئاجراتما سستېمىسىدا مەسىلە بارلىقىنى چۈشەندۈرىدۇ، ئۇنىڭغا بەل ئاغرىقى قوشۇلۇپ كەلسە، روشەنكى بۇ، كالتسىي كەملىكنىڭ ئىپادىسى بولىدۇ.

5كالتسىي كەملىكنىڭ ئالامەتلىرى ۋە كالتسىي كەملىكتىن كېلىپ چىقىدىغان ئاقىۋەتلەر:
ھامىلىدار ۋە بالا ئېمىتىۋاتقان ئاياللاردا:
پۇتىنىڭ پېيى تارتىشىش، پۇت-قول ئۇيۇشۇش، ئىشتىھاسى ياخشى بولماسلىق، ئىش خۇشياقماسلىق، ھامىلىدارلىق يىغىندا كېسەللىكلىرى پەيدا بولۇش، سۆڭەك شالاڭلىشىش،سۆڭەك چۈرۈكلىشىش،پۇت ئىششىش قاتارلىقلار.
ئوتتۇرا ياشلىقلار ۋە ياشانغانلاردا:
بەل-پۇت ئاغرىش، پۇتىنىڭ پېيى تارتىشىش،ئېگىلىش قىيىن بولۇش، سۆڭەك ئۆسۈپ قېلىش، پۇت-قول ئۇيۇشۇش، ئۇيقۇسى ياخشى بولماسلىق،كۆپ چۈش كۆرۈش ، چىشى بوشاپ چۈشۈپ كېتىش، ئارتېرىيە تومۇرى قېتىشىش ، ياشانغانلاردىكى دېۋەڭلىك قاتارلىقلار.
بوۋاق بالىلاردا:
قايچا پۇت، O شەكىللىك پۇت،توخۇ كۆكرەك، چاچ ، چىش ۋە ئايىقى كېچىكىپ چىقىش، ئىشتىھاسى تۇتۇلۇش، تاماق تاللاش، ئۇيقۇسى ياخشى بولماسلىق، ئىچى تىتىلداش، دىققىتىنى يىغالماسلىق، چاچ چۈشۈپ كېتىش، ئىممۇنىتېت كۈچى تۆۋەنلەش، ئاسان زۇكام بولۇش قاتارلىقلار.
بالىلار ۋە ياشلاردا:
بويى پاكارلىق ، بويىنىڭ ئۆسۈشى ئاستا بولۇش، زېھنى چېچىلىش، ئۇخلىيالماسلىق، ئۇنتۇغاقلىق، ئاسان چارچاش،پۇت،قورساق ئاغرىش، ئۇششاق ھەرىكىتى كۆپ بولۇش ، ئىممۇنىتېت كۈچى تۆۋەنلەش، ئاسان زۇكام بولۇش قاتارلىقلار.
كالتسىينىڭ ئادەم بەدىنىدىكى رولى:
سۆڭەك ۋە چىشنىڭ ساغلاملىقىنى ئاشۇرىدۇ،ياشنىڭ چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ كېلىپ چىقىدىغان سۆڭەك شالاڭلىشىش،سۆڭەك چۈرۈكلىشىشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.
ئاليومىن ماددىسىنىڭ بەدەندە يىغىلىپ قېلىشىنى ئازايتىپ،خولېستېرىننى تۆۋەنلىتىدۇ .قېرىلاردىكى دېۋەڭلىك، يۇقىرى قان بېسىم ۋە باشقا يۈرەك قان تومۇر كېسەللىكلىرىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.
نېرۋا سىستېمىسىنىڭ ھەرىكىتىنى ياخشىلايدۇ، يارىلىنىشتىن كېيىنكى قاننىڭ ئۇيۇشىدا رولى چوڭ.
كالتسىي يەنە بەدەندىكى مۇسكۇللارنىڭ تارىيىشى ۋە كېڭىيىشىدە مۇھىم رول ئويناپلا قالماي، يۈرەك ھەرىكىتىنىڭ رېتىمىنىمۇ ياخشىلايدۇ.

كالتسىي تولۇقلاشنىڭ 10 تۈرلۈك ياخشى تەرىپى:
(1) كالتسىي تولۇقلىسا ئورۇقلىغىلى بولىدۇ. نۇرغۇنلىغان سېمىز قىز –ئوغۇللار كۆڭۈلدىكىدەك ئورۇقلاش ئۈنۈمىگە ئىگە،زىيانسىز،ئاددىي ئورۇقلاش ئامالىنىڭ يوقلۇقىدىن بېشى قاتماقتا.ئۇنداقتا، كالتسىي تولۇقلاش ئارقىلىق ئورۇقلاش ئۇسۇلى سىناپ بېقىشقا ئەرزىيدۇ.ئالىملارنىڭ چۈشەندۈرۈشىچە،ئادەم بەدىنى قاندىكى كالتسىي مىقتارى ئۆرلىگەندىن كېيىن،بىر خىل كالتسىي چۈشۈرگۈچى ھورمۇننى ئاجرىتىپ چىقىرىدىكەن.بۇ خىل ھورمۇن ئادەمنىڭ ئىشتىھاسىنى تۇتۇپ،تاماقتىن كونترول قىلىدىكەن. ئۇنىڭدىن باشقا، يېتەرلىك كالتسىي، بولۇپمۇ سۇيۇق كالتسىي ئىئونى ئۈچەيدىكى ماي ۋە خولېستېرىن بىلەن بىرلىشىپ،ئۈچەينىڭ ماينى سۈمۈرۈۋېلىشىنى چەكلەپ،ئۇنى تەرەت ئارقىلىق سىرتقا چىقىرىۋېتىدىكەن.بۇ خىل ئورۇقلاش ئۇسۇلى بالىلارغا تېخىمۇ ماس كېلىدىغان بولۇپ، ئۇنىڭ ئەكس تەسىرى يوقكەن(بۇ خىل ئورۇقلاش ئۇسۇلىنى قوللانغاندا،كالتسىي مىقتارىنى ئاشۇرۇپ ئىستېمال قىلىش كېرەك).
(2) كالتسىي تولۇقلىغاندا قان بېسىمىنى چۈشۈرگىلى بولىدۇ.
يۇقىرى قان بېسىم كېسىلى كىشىلەر تەرىپىدىن «جىمىغۇر قاتىل» دەپ ئاتالغان.بۇنىڭ سەۋەبى شۇكى ، كېسەللىك پەيدا بولۇپ بىر نەچچە يىللارغىچە بەدەندە ھېچقانداق كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمەيدۇ،يوشۇرۇن ھالدا قان تومۇر ۋە ئەزالارنى بىر-بىرلەپ زەخمىلەندۈرۈپ،ئاخىرىدا تۇيدۇرماستىن سەكتە، يۈرەك مۇسكۇل تىقىلمىسى، قان تولۇش خارەكتېرلىك يۈرەك زەئىپلىكى، بۆرەك كېسىلى قاتارلىقلارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.كالىفورنىيە ئۇنىۋېرسىتېتى تېببىي ئىنىستىتۇتىنىڭ پروفېسسورى جامۇسنىڭ تەتقىقاتىدا ئېلان قىلىنىشىچە، كۈندە 1300 مىللىگرام كالتسىي تولۇقلىغان كىشىلەر كۈندە 300 مىللىگرام كالتسىي تولۇقلىغان كىشىلەرگە قارىغاندا ، يۇقىرى قان بېسىم كېسىلىگە گىرىپدار بولۇش نىسبىتى %12 تۆۋەن بولغان.كالتسىي تولۇقلىغان 40 ياشتىن تۆۋەنلەرنىڭ كېسەللىك خەۋپى %24 ئازايغان.
(3) كالتسىي تولۇقلىسا يۈرەك كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ.
تەتقىقاتلار كالتسىينىڭ يەنە يۈرەك زەخمىلىنىشنىڭ ئالدىنى ئالىدىغانلىقىنى، قاندىكى خولېستېرىننىڭ تۆۋەنلىشىگە ياردەم بېرىدىغانلىقىنى ئىسپاتلىغان. تېكساس ئۇنىۋېرسىتېتى داۋالاش مەركىزىنىڭ پروفېسسورى مەكداننىڭ تەتقىقاتىدا ئىسپاتلىنىشىچە، ھەر كۈنى 2200 مىللىگرام كالتسىي قوبۇل قىلغاندا ، خولېستېرىننى %6 تۆۋەنلەتكىلى بولىدىكەن.ئۇنىڭ ئىچىدە زىيانلىق خولېستېرىنLDL نى %11 تۆۋەنلىتىدىكەن.كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغىنى ، زىچلىقى يۇقىرى بولغان پايدىلىق خولېستېرىن HDL نىڭ مىقتارى ئۆزگەرمەيدىكەن.
(4) كالتسىي تولۇقلىسا يىراقنى كۆرەلمەسلىكنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ.
ئەگەر كۆز ئالمىسىدا كالتسىي كەم بولسا، كۆز بېسىمى نورمال بولمايدۇ-دە، يىراقنى كۆرەلمەسلىك كېلىپ چىقىدۇ. شۇڭا، يىراقنى كۆرەلمەسلىك پەيدا بولىدىغان خەتەرلىك مەزگىلدە يەنى 11-12 ياشتىن باشلاپ، 17-18 ياشقىچە كالتسىينى يېتەرلىك تولۇقلاپ، يىراقنى كۆرەلمەسلىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك.
(5) كالتسىي تولۇقلىسا قورساق ئاغرىشنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ.
تۇرمۇشىمىزدا دائىم« قورسىقىم ئاغرىدى » دەپلا يۈرىدىغان بالىلارنى ئۇچرىتىمىز. بۇنىڭ سەۋەبى ـــ بەدەندىكى كالتسىي يېتىشمەسلىكتىن بولۇشى مۈمكىن،چۈنكى ، قاندىكى كالتسىي نېرۋا مۇسكۇللىرىنىڭ نورمال فۇنكسىيىسى ئۈچۈن مۇھىم ماددىدۇر.ئەگەر كالتسىي ماددىسى تۆۋەنلەپ كەتسە، نېرۋا مۇسكۇللىرىنىڭ ھەرىكىتى قالايمىقانلىشىپ، ئۈچەي دىۋارىدىكى سىلىق مۇسكۇل قاتتىق ھەرىكەتلىنىدۇ-دە، بۇنىڭ بىلەن قورساق ئاغرىيدۇ. شۇڭا كالتسىينى تولۇقلىسا بۇنىڭغا دەرھال شىپا قىلىدۇ.
(6) كالتسىي تولۇقلىسا بۆرەككە تاش چۈشۈشنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ.
ئۇزۇن يىللاردىن بېرى ، دوختۇرلار بۆرىكىدە تاش پەيدا بولغان كېسەللەرگە كالتسىي چەكلەش ھەققىدە مەسلىھەت بېرىپ كەلگەن. بۇنىڭ سەۋەبى كالتسىي بۆرەكتە پەيدا بولغان تاشنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى ، ئۇ پۈتكۈل تاش تەركىبىنىڭ %80 نى ئىگىلەيدۇ، دەپ قارالغان. ئەمما يېڭى تەتقىقاتلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، بۆرەكتە تاش پەيدا بولۇشنىڭ خەۋپىنى ئازايتىدىغان ئۇسۇل ــ كالتسىينىڭ بەدەنگە قوبۇل قىلىنىش مىقتارىنى ئاشۇرۇش ئىكەن. بۇنىڭ ئۈچۈن، كالتسىينىڭ قوبۇل قىلىنىشىنى ئاشۇرىدىغان ۋىتامىن D نى قوشۇپ ئىستېمال قىلىش كېرەك ئىكەن.
(7)كالتسىي تولۇقلىسا ھەيز مەزگىلىدىكى پەرىشانلىقنى يېنىكلىتىدۇ.
ھەيز ئالدىنقى دەۋرى يىغىندا ئالامىتىنى داۋالاپ ساقايتىشنىڭ چارىسى ھازىرغىچە تېپىلمىدى. بەزى ئاياللار ھەر ئايدا بىر قېتىم روھىي ۋە جىسمانىي ئازاب تارتىدۇ. بىراق ، تەتقىقاتچىلار كالتسىينىڭ ھەيز ئالدىنقى دەۋرى يىغىندا ئالامىتىنى تېزگىنلەيدىغانلىقىنى كۆرسەتكەن. مېدىتسىنا تەتقىقاتچىلىرى ئاياللار ھەيز مەزگىلىدە كالتسىي مىقتارىنى ئاشۇرۇپ ئىستېمال قىلسا، ھەيز مەزگىلىدىكى بەل،قورساق ئاغرىش بىلەن ھەيز كېلىشتىن بۇرۇنقى سۇلۇق ئىششىقنىڭ يېنىكلەيدىغانلىقىنى، بىئاراملىق ۋە غەمكىنلىك ئالامىتىنىڭ ئازىيىدىغانلىقىنى ئىسپاتلىغان.
(8)كالتسىي تولۇقلىسا بوينىڭ ئۆسۈشىنى تېزلەتكىلى بولىدۇ.
بالىلارنىڭ بويىنى قانداق قىلغاندا تېخىمۇ ئېگىز ئۆستۈرگىلى بولىدۇ؟ مۇۋاپىق بولغان كالتسىي تولۇقلاش بۇنىڭدىكى ئەڭ ئاسان ھەم ئۈنۈملۈك چارىدۇر. ئەڭ ياخشىسى، ئۇخلاشتىن بۇرۇن بىر ئىستاكان سۈت ئىچىپ بېرىش كېرەك. بۇنىڭ سىرى ـــ بالىلار ئۇخلىغاندا ئىچكى ئاجراتما سستېمىسىنىڭ فۇنكسىيىسى جانلىنىدۇ-دە، ئاجرىتىپ چىقىرىدىغان ئۆسۈش ھورمۇنى ئاشىدۇ. مۇشۇ مەزگىلدە كالتسىي تولۇقلاپ بەرگەندە،ئىككى خىل ئۈنۈم بىرلىشىپ،يېڭى سۆڭەكنىڭ كالتسىيلىشىشى تېز بولۇپ، تېخمۇ تېز ئۆسۈش مەقسىتىگە يەتكىلى بولىدۇ.
(9) كالتسىي تولۇقلىسا ئۈچەي راكىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ.
بۇ، كالتسىي ماددىسىنىڭ ئۆت كىسلاتاسىنىڭ ئۈچەيگە كىرىشىنى توسۇش رولى بولغانلىقىدىندۇر. يەنە بىر تەتقىقاتقا ئاساسلانغاندا، كالتسىي بوغما ئۈچەيدىكى ئۆسمە گۆشنىڭ ئۆسۈشىنى توسىدىكەن. كۈندە 1200 مىللىگرام كالتسىي تولۇقلىغاندا ، ئۆسمە گۆشنىڭ ئۆسۈشىنى %24 ئازايتىقىلى بولىدىكەن.
(10) كالتسىي ئۆمۈرنى ئۇزارتىدۇ.
ئادەمنى خۇشال قىلىدىغىنى ، كالتسىي ماددىسى بىر خىل ئۆمۈرنى ئۇزارتىدىغان قۇۋۋەت تەركىبىدۇر. ئىتالىيەدە ئۇزۇن ئۆمۈر تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللانغۇچى تەتقىقاتچىلار مۇنداق بىر قىزىقارلىق تەجرىبىنى ئىشلىگەن: ئۇلار ئاق چاشقاننى ئىككى گۇرۇپپىغا بۆلۈپ، بىرىنچى گۇرۇپپىدىكى چاشقانلارنى ئادەتتىكى يەم بىلەن باققان، بۇ چاشقانلار تەخمىنەن 89 كۈن ئۆمۈر كۆرگەن. يەنە بىر گۇرۇپپىدىكى چاشقانلار 344 كۈن ئۆمۈر كۆرگەن، يەنى، ئۇلار بىرىنچى گۇرۇپپىدىكى چاشقانلارنىڭ ئۆمرىدىن 4 ھەسسە ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرگەن.كالتسىي كەملىك قېرىشنىڭ مۇھىم بىر ئامىلى بولۇپ، مەلۇم جەھەتتىن ئېيتقاندا، يېتەرلىك كالتسىي تولۇقلاپ بەرگەندە ئۇزۇنراق ئۆمۈر كۆرگىلى بولىدۇ
ماقالە مەنبەسى: http://www.eldawa.com | ماقالە ئادرېسى: http://cuisine.eldawa.com/cuisine-disease/2012/0405/2111.html



سەھىپە : ئۇنىۋېرسال

قىنى ئىنكاسلىرىڭىز بولسا ئايىماي يىزىڭ.....