مەرھابا، بۈگۈن
. UCLA (كالىفورنىيە ئۇنىۋىرستىتى-لوس ئانجىلىس) تەتقىقاتچىلىرى ئۈچەيدىكى مەلۇم خىل باكتىېرىيەلەرنىڭ ئاق قان راكى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى بايقىدى
تەۋە تۈر: ئۇنىۋېرسال | يوللانغان ۋاقتى: 2013/07/18 | كۆرۈلۈشى: 70 قېتىم

1.

كالىفورنىيە ئۇنىۋىرستىتى-لوس ئانجىلىس نىڭ جونسون ئۇنىۋىرسال راك تەتقىقات مەركىزىدىكى تەتقىقاتچىلار بۈگۈن داڭلىق مىدىتسىنا ئىلمىي ژورنىلى Cancer Research (راك تەتقىقاتى) دا ئېلان قىلغان بىر ماقالىدە كۆرسىتىلىشىچە، ئاق قان راكىغا گىرىپتار بولغان چاشقاننىڭ ئۈچىيىدە مەلۇم تۈردىكى باكتىرىيەلەر بولسا، بۇ چاشقانلار شۇ خىل باكتىرىيەلەرگە ئىگە بولمىغان چاشقانلاردىن ئۇزۇن ئۆمۈر كۆردىكەن. بۇ ئۈچەيدىكى مەلۇم خىل مىكروبلارنىڭ ئاق قان راكىغا قارشى تۇرۇش ياكى كېچىكتۈرۈش رولى بارلىقىنى چۈشەندۈرۈپ بىرىدۇ. ئادەم بەدىنىدە 100 تىرىليوندىن ئارتۇق باكتىرىيە (ئادەم تىنىدىكى بارلىق ھۆجەيرىلەر سانىنىڭ 90%نى ئىگەللەيدۇ) ياشايدىغان بولۇپ، كىشىلەرنىڭ بوۋاق ۋاقىتلىرىدا قايسى خىل باكتىرىيەلەرنى قوبۇل قىلغانلىقىغا قاراپ ئۇلارنىڭ بەدىنىدىكى باكتېرىيە تۈرلىرى ۋە سانلىرى ئوخشىمايدىكەن. ئادەم ئۈچىيدىكى باكتىرىيە تۈرلىرى بىلەن سېمىزلىك كېسىلى ۋە ئىپىدىرما راكىنىڭ زىچ مۇناسىۋىتى بارلىقى بۇرۇنلا بايقالغان بولۇپ، ئاق قان راكىغا قارشى باكتىرىيەلەرنىڭ بايقىلىشى تۇنجى قېتىملىق ئىش ئىكەن. ئەگەر ئادەم بەدىنىدىمۇ شۇ خىلدىكى ئاق قان راكىغا قارشى باكتىرىيەلەر بولسا، ئۇ ھالدا شۇ باكتىرىيەلەرنى بىمار بەدىنىگە كىرگۈزۈش ئارقىلىق ئۇلارنىڭ ئۆمرىنى ئۇزارتقىلى ياكى داۋالاپ ساقايتقىلى بولۇش ئېھتىماللىقى بار ئىكەن.
http://newsroom.ucla.edu/portal/ … between-245945.aspx

2. ئەنگىلىيە ئالىملىرى ئىنسانلاردا سېمىزلىك كېسىلىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان بىر خىل گېننىڭ ۋارىيانتىنى ئېنىقلاپ چىقتى

بۈگۈن دۇنيادىكى ئەڭ نوپۇزلۇق مىدىتسىنا ئىلمىي ژورنىلى بولغان Journal of Clinical Investigation ( كىلىنىكىلىق تەكشۈرۈشلەر ژورنىلى) دا ئېلان قىلىنغان سېمىزلىك كېسلىگە مۇناسىۋەتلىك بىر گېن توغرىسىدىكى ماقالە كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتقان. بۇ ماقالىدە ئەنگىلىيە لوندون ئىنىستىتۇت ئۇنىۋىرستتى University College London ئالىملىرى ئىنسانلاردىكى FTO دەپ ئاتىلىدىغان بىر خىل گېننىڭ ئىككى ۋارىيانتى (AA, TT) ئىچىدە AA ۋارىيانتىغا ئىگە بولغان كىشىلەرنىڭ سېمىزلىك كېسىلىگە گېرىپتار بولۇش نېسبىتىنىڭ يۇقىرى بولىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان. FTO گېنىنىڭ سېمىزلىك بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكى ھايۋانلاردا نۇرغۇن قېتىم سىناق قىلىنىپ ئېنىقلاپ چىقىلغان بولسىمۇ، ئىنسانلاردا بۇ خىل گېننىڭ ئوخشاش رولى بار-يوقلۇقى نامەلۇم بولۇپ، بۇ تەتقىقات نەتىجىسى بۇ بوشلۇقنى تولدۇرغان. FTO گېنى بولسا باشقا گېنلارنىڭ خېمىيلىك تۈزۈلۈشىدىكى مىتىل گۇرۇپپىسنى چىقىرىپ تاشلاش ئارقىلىق ئۇلارنى ئىپادىلىنپ چىقىشىنى قوزغىتىش رولىغا ئىگە گېن بولۇپ، بۇ خىل گېن قورساق ئاچقاندا ئاشقازاندا ئىشلەپچىقىرىلىپ مېڭىگە يىتىپ بىرىپ ئىشتىھانى ئىلگىرى سۈرىدىغان ھورمۇن گرەلىن (ghrelin) نى ئاكتىپلاشتۇرۇش رولىغا ئىگە ئىكەن. قىزىقارلىق يىرى، بۇ گېننىڭ AA ۋارىيانتىغا ۋارىسلىق قىلغان كىشىلەر TT-ۋارىيانتىغا ۋارسىلىق قىلغان كىشىلەرگە قارىغاندا تېخىمۇ كۆپ مىقداردا ئىشتىھانى ئاچقۇچى ھورمۇن گرەلىننى سېنتىزلەيدىغان بولغاچقا، بۇ تۈركۈمدىكى كىشلەر تەبىئىلا سەمىرىپ كىتىش ئېھتىماللىقى يۇقىرى بولىدىكەن. بۇنىڭدىن كىين كىشىلەر ئۆزلىرىنىڭ بۇ خىل گېننىڭ قايسى ۋارىيانتىغا ئىگە ئىكەنلىكىنى تەكشۈرتكۈزۈپ، ئۆزىنىڭ سەمىرىپ كىتىش ئېھتىماللىقىنى ئالدىنىئالا بىلەلىشى مۇمكىن ئىكەن. بۇنىڭدىن كىيىن مۇشۇ سەۋەبتىن سېمىزلىك كېسىلىگە گىرىپتار بولىدىغان كىشىلەرگە مۇشۇ خىل گېنغا قارشى دورىلارنى ياساپ چىقىش ئارقىلىق ئۇلارنىڭ مۇۋاپىققىيەتلىك ئورۇقلىشىغا ياردەم بەرگىلى بولۇش ئېھتىماللىقى بار ئىكەن.
ئىزدىنىشتىن بىلگەجاننىڭ يازمىسى

无觅相关文章插件


  • ئالدىنقى يازما:
  • كېيىنكى يازما:

  • 

    
    يېڭى يازمىلار
    ئەزا مەركىزى