تۆۋەندە چارچاشنىڭ 18 تۈرلۈك ئىپادىسى كۆرسىتىلدى ، ئەگەر سىزدە بۇنىڭ 2 خىلى بولسا ، ئۇنداقتا سىز يىنىك چارچىغان بولىسىز ، بۇنى مۇۋاپىق دەم ئېلىش ئارقىلىق تۈگىتەلەيسىز .
ناۋادا 5 خىلدىن ئارتۇق ئىپادىسى كۆرۈلسە ، زىيادە چارچىغان ھىساپلىنىسىز ،- دە ، ھۇشيار بولمىسىڭىز بولمايدۇ .
1. ئەتىگەندە ۋاقتىدا ئويغىنالماسلىق ، ئويغانغاندىن كىيىنمۇ يەنە قوپقىسى كەلمەسلىك ؛
2. يول ماڭغاندا پۇتىنى سۆرەپ مېڭىش ، بىناغا چىققاندا ھارغىنلىق ھىس قىلىش ؛
3. تەنھالىقنى خالاش ، مەھەللىۋى پائالىيەتلەرنى خالىماسلىق ؛
4. كەم سۆز بوپ قېلىش ، ئاۋازى بوش چىقىش ؛
5. بىر ئولتۇرۇۋالسا قوپقۇسى كەلمەسلىك ، يېنى يەر تارتىپ تۇرۇش ؛
6. سۆزلىگندە ۋە ماقالە يازغاندا دائىم ئېزىپ كىتىش ؛
7. ئەستە تۇتۇش قابىلىيتى ئاجىزلاپ كىتىش ، تىفاۇن نۇمۇرى ۋە بىر قانچە سائەت بۇرۇنقى ئىشلارنى ئەسلىيەلمەسلىك ؛
8. روھسىزلىنىپ ،دائىم چاي ،قەھۋە ئىچىپ روھلىنىش ؛
9. ئاغزى ئاچچىق بوپ قېلىش ، بىرەر نەرسىنىڭ تەمىنى تېتىيالماسلىق ، ئىشتىھاسى تۇتۇلۇش ؛
10. تاماكا ۋە ھاراققا خۇمار بولۇپ قېلىش ؛
11. قۇلىقى غوڭۇلداش ، بېشى قېيىش ، كۆزى تورلىشىش ؛
12. كۆرۈش قۇۋىتى ئاجىزلىشىش ، نەپسى سىقىلىش ، كۆپ چۈشكۈرۈش ؛
13. داۋاملىق پۇت – قوللىرى ئېغىرلىشىش ؛
14. ئۇيقۇسى كەلمەسلىك ، ئۇخلىغاندا كۆپ چۇش كۆرۈش ؛
15. پۈتۈن بەدىنى سىقىراپ ئاغرىش ؛
16. ئوڭايلا ئىچى سۈرۈپ قېلىش ياكى چوڭ تەرىتى قىستاش ؛
17. سۈيدۈك يوللىرى راۋان بولماسلىق ياكى كۆپ كىلىش ؛
18. داۋاملىق تىرە ياللۇغى بوپ قېلىش ؛
قېنى سىز ئويلاپ بېقىڭ ، قانچىسى سىزدە باركەن ، ئەگەر زىيادە چارچىغان بولسىڭىز،بۇندىن كىيىن ، دەم ئېلىشقا كۆپرەك ئەھمىيەت بىرىپ ، كۆڭۈل ئازادىلىكىنى ساقلاڭ .
مەن بارلىق مۇنبەرداشلارنىڭ تىنىنىڭ سالامەت ، كۈنلىرىنىڭ خۇشال – خۇرام ئۆتىشىنى تىلەيمەن .
مەنبە: مەرىپەت يولى مۇنبىرى http://bbs.meripetyoli.com/forum.php?mod=viewthread&tid=3630&extra=&page=1
_ << ئائىلە دوختۇرى >> دىگەن كىتاپتىن .